ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام

دەرس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى(2)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى نازىل بۇلۇش بىلەن، ئۇنىڭ ھاياتى ئۆزگەردى، شۇنداقلا يەر يۈزىمۇ قىيامەت كۈنىگىچە ئۆزگەردى. بۇ دەرسلىكتە سىز ئۇزاتنىڭ پەيغەمبەر لىكتىن كېيىنكى بىر قىسىم تەرجىمىھالىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

نىشان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكتىن كېىيىن تاكى ۋاپات بولغۈچە ئارلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەرنى تۇنۇپ چىقىش.

ئۇ زاتنىڭ ئىسلام ئەلچىلكى بىلەن ئەۋەتىلىشى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇنجى پەيغەمبەرلىك بېشارىتى ھەقىقىي چۈش بىلەن باشلانغان، ئۇ زاتنىڭ ئۇيقۇسىدا كۆرگەن چۈشلىرى سەھەرگە ئوخشاش ئۇچۇق ئىدى. ئۇنىڭغا ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ۋەھىي باشلانغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشى قىرىققا يېقىنلاشقاندا، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بۇلۇپ قالدى، رامىزان ئېيىنى ھىرا ئۆڭكۈرىدە يالغۈز ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئۇ زات شۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا ۋەھيى كەلگۈچە ئۇ يەردە ئۈچ يىل ئىبادەت بىلەن شۇغۇللاندى.

ئۇ زات قىرىق ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدا پەيغەمبەرلىك نۇرى چاقناشقا باشلىدى، ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىگە ئەلچىلىك مەسئۇلىيەتتە ئەۋەتىش بىلەن ئىززەتلىدى، ۋە ئالاھىدە ئىززەتلىك قىلدى، ۋە ئۇزاتنى ئۆزى بىلەن بەندىلىرى ئارىسىدا ئىشەنچلىك نەسىھەتچى قىلدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇزاتنىڭ قېشىغا ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن كەلدى، ئاللاھ ئۇزاتنى پۈتۈن دۇنياغا رەھىم-شەپقەت سۈپىتىدە، ۋە بارلىق كىشىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى سۈپىتىدە ئەۋەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىكى دەئۋىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەببىنىڭ «ئى يۆگىنىۋالغۇچى پەيغەمبەر! ئورنىڭدىن تۇر، (ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇر» [مۇددەسسىر سۈرىسى:1-2] دېگەن ئەمرىگە ئېرىشكەندىن بىرە دەرھال كىشىلەرنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ۋە ئاللاھ ئەۋەتكەن ئىسلام دىننى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

مەخپىي دەئۋەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە خەلقىنى ئۆزىنىڭ قارشىسىغا قوزغۇلىدىغان ئىشلار بىلەن چۇچىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىسلامنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى ئارىسىدا ئۆزىگە ئەڭ يېقىن كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى، ۋە يەنە ھەقىقەت ۋە ياخشىلىقنى سۆيۈش بىلەن تونۇغان ۋە ياخشى ئادەم دەپ مۇلاھىزە قىلغان بارلىق كىشىلەرگە سۇنۇشقا باشلىدى.

تۇنجى مۇسۇلمان بولغان كىشى

ئۇزاتقا تۇنجى بولۇپ ئىمان ئېتقان كىشى ئايالى خەدىجە بىنت خۇۋەيلىد، ۋە ھەمراھى ئەبۇ بەكرى ئەل سىددىق، ۋە نەۋرە ئېنىسى ئەلى بىن ئەبى تالىب، ۋە ئازات گەردىسى زەيد بىن ھارىسە لارئىدى رەزىيەللاھۇئەنھۇم.

ئاشكارا دەئۋەت قىلىش.

ئاندىن ئاللاھتىن دەئۋەتنى ئاشكارا قىلىشقا بۇيرۇق كەلدى: ئى مۇھەممەد! سەن «بۇيرۇلغاننى ئۇچۇق ئاشكارا ئۇتتۇرغا قۇي» [ھىجر سۈرىسى:94] شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامغا چاقىرىقنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. ۋە ئاللاھ بۇيرۇغاندەك ھەقىقەتنى جاكارلىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەئۋەتنى ئوچۇق-ئاشكارە قىلغاندا، قۇرەيش رەھبەرلىرى ئۇ دەئۋەتنى رەت قىلىش، ۋە ئۇنىڭدىن تۇساش ۋە مۇسۇلمانلارنى يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا قارشى چىقتى، ئۇنىڭ ئىچىدە: مەسخىرە قىلىش، ھاقارەتلەش، زاڭلىق قىلىش، ۋە يالغانغا چىقىرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى بۇرمىلاش، ۋە ئۇنىڭدا گۇمان قوزغاش، يالغان تەشۋىقات تارقىتىش، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلۇم پايدا ئېلىش بەدىلىگە دەئۋەتتىن ۋاز كېچىشكە كېلىشىم تۈزۈش قاتارلىق ئىشلار.

ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىش.

مۇشرىكلار بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايۋاتقانلىقىنى، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەئۋىتىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسلامغا قارشى تۇرۇشنى قارار قىلدى، ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەر يەتكۈزىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېتقان ساھابىلىرىنى قىيناپ ئېزىشكە باشلىدى، مۇشرىكلارنىڭ ئەزىتى كۈچەيگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بەشىنچى يىلى ئۇ يەرگە ئەر-ئاياللاردىن بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار ھىجرەت قىلدى.

ئىسرا ۋە مىئراجنىڭ يۈز بىرىشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەئۋىتى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن بېسىم ئوتتۇرىسىدا يول ئاچقان پەيتتە، ئىسرا بىلەن مىئراج ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەئۋىتىدە مۇشرىكلەرنىڭ ئەزىيىتىگە ۋە بېسىملىرىغا، ۋە نان كۇرلۇق ۋە ژىرىكلىك قىلىشىغا، سەبرى قىلىپ ئۇزۇن يىل سۇرگەندىن كېىيىن ئۇنى ھۆرمەتلەش ۋە مۇقۇملاشتۇرۇش يۇزىسىدە كەلگەن،

مەككىنىڭ سىرتىدا دەئۋەت قىلىش

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىنىڭ سىرتىدا ئىسلام دىنىنى چۈشەندۇرىشكە باشلاپ، تائىفغا باردى، ۋە ئۇلارنىڭ تۇسقۇنلۇق قىلىپ رەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، مەككىگە قايتىپ كېلىپ، ھەج مەزگىلىدە قەبىلىلەر ۋە شەخسلەرگە ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

ئەقەبەنىڭ ئىككى قېتىملىق بەيئېتى

پەيغەمبەرلىكنىڭ 11-يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج پەسىلدە يەسرىب خەلقىدىن ئالتە كىشى بىلەن كۆرۈشتى - كېيىن ئۇنى مەدىنە دەپ ئىسىم قويغان - ئۇلارغا ئىسلامنى تەقدىم قىلىپ ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋە ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرىۋىدى، ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلدى، ۋە ئاندىن مەدىنەگە قايتىپ كېلىپ ئۆز خەلقىنى دەئۋەت قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلام كەڭ تارقالدى، ئاندىن بىئسەتنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىنىڭ ھەج پەسلىدە ئەقەبەنىڭ بىرىنچى بەيئېتى تاماملاندى. ئارقىدىنلا ئون ئۈچۈنچى يىلى ھەج پەسىلدە ئەقەبەنىڭ ئىككىنجى بەيئېتى مەخپى ھالدا تاماملاندى. رەسۇلۇللاھ ئۆزى بىلەن بىللە بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرەتكە تەييارلىقى پۈتكەندە، توپ - توپ بۇلۇپ مەدىنەگە ھىجرەتكە چىقتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنەگە كىلىشى

مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەككىدىن ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ يولغا چىقتى، ئەمما ئۇلار ئىشلىرىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ۋە سەۋر ئۆنكۈرىگە چۈشۈپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قالدى، ئاندىن ئۇلار قىزىل دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن ناتونۇش يول ئارقىلىق مەدىنەگە قاراپ ماڭدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى مەدىنەنىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە، مۇسۇلمانلار خۇشاللىققا تولغان تەنتەنىلىك بىلەن توپلۇشۇپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنەگە كەلگەندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى مەسجىد نەبەۋىنى بىنا قىلىش، ۋە مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى باغلاپ، شۇنىڭ بىلەن يېڭى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇلىنى قويدى.

مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسلامنىڭ قانۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن چۈشۈشكە باشلىدى، مەسىلەن زاكات، روزا، ھەج، جىھاد، ئەزان، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن تۇساش، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلام قانۇنلىرى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتلىرى.

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە دۆلىتىنى قوغداش ۋە ئىسلامنىڭ مەڭگۈلۈك دەئۋىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا پەرمان چۈشۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى» [ھەج سۈرىسى:39] بۇ ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى ئايەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگىرمە يەتتە قېتىم غازات قىلغان، ئەللىك ئالتە قېتىم قۇشۇن ئەۋەتكەن.

ھىجرەتتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەر

تۆۋەندىكىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇشى

ھىجرەتنىڭ بىرىنچى يىلى:

١
ھىجرەت
٢
مەسجىد نەبەۋىنى سېلىش
٣
تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى سېلىش

ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى:

زاكات ۋە روزىنىڭ پەرىز بۇلىشى، ۋە بۈيۈك بەدرى ئۇرۇشىنىڭ يۈزبېرىشى، ئۇنىڭدا ئاللاھ مۆمىنلەرنى قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ ئۆستىدىن غەلىبە قىلدۇرۇپ ئېزىز قىلدى.

ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى:

ئۇھۇد ئۇرۇشى، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقيا تېغىدىن چۈشمەسلىك تەلىماتىغا غەنىيمەتلەرنى يىغىش مەقسىتىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇبىيەت يۈز بەرگەن.

ھىجرەتنىڭ تۆتىنچى يىلى:

بۇ يىلى بەنۇننەزىر غازىتى يۈز بەرگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنۇننەزىر يەھۇدىيلىرىنى مەدىنەدىن قوغلاپ چىقارغان، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدىگە خىلاپلىق قىلغان.

ھىجرەتنىڭ بەشىنچى يىلى:

بۇنىڭدا بەنىل مۇستەلىق ئۇرۇشى ۋە ئەھزاب ئۇرۇشى ۋە بەنى قۇرەيزە ئۇرۇشلىرى يۈز بەرگەن.

ھىجرەتنىڭ ئالتىنچى يىلى:

بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيشلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھۇدەيبىيە سۈلھىسى ئۇتتۇرغا چىققان.

ھىجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلى:

بۇيىلى خەيبەر ئۇرۇشى يۈزبەرگەن، ۋە يەنە بۇ يىلدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار بىلەن مەككىگە كىرىپ ئۆتكەن يىلى قىلالمىغان ئۆمرىنى ئادا قىلغان.

ھىجرەتنىڭ سەككىزىنچى يىلى:

بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇئتە ئۇرۇشى، ۋە مەككىنىڭ فەتھى بۇلىشى، ۋە ھاۋازىن بىلەن سەقېف قەبىلىلىرىگە قارشى ھۇنەيىنن غازىتى يۈز بەرگەن.

ھىجرەتنىڭ توققۇزىنچى يىلى:

بۇ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غازىتى تەبۇك ئۇرۇشى يۈزبەرگەن، ھەمدە بۇ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كەلگەن، ۋە كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ توپ بۇلۇپ كىردى، بۇ يىل ئۆمەكلىرى يىلى دەپ ئاتالدى.

ھىجرەتنىڭ ئونىنچى يىلى:

بۇ يىلى ۋىددالىشىش ھەج پائالىيىتى ئادا قىلىنغان بۇلۇپ، يۈز مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ھەج قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بۇلىشى.

دەئۋەت مۇكەممەل بۇلۇپ ئىسلام ئەرەب يېرىم ئارىلىغا تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ توپ بۇلۇپ كىردى، ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنىڭ باشلامچىلىرى دۇنيادا كۈرلۈپ بارلىق دىنلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ھىس قىلدى، ۋە رەببى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، ۋە ئۇنىڭدىن بۇ پانى دۇنيادىن يۆتكلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەر كۆرەلگىلى تۇردى.

ھىجرەتنىڭ ئون بىرىنچى يىلى: رەببئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنى دۈشەنبە كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتمىش ئۈچ ياشتا ۋاپات بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە قىرىق يىل پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن، يىگىرمە ئۈچ يىل پەيغەمبەر ۋە ئەلچى بولۇپ، ئون ئۈچ يىل مەككىدە ۋە ئون يىل مەدىنەدە ئۆتتى.

پەيغەمبەر ئەلەھيىسسالام ئالەمدىن ئۆتتى، ئەمما ئۇنىڭ دىنى قالدى. ئۇ زات ئۈممەتنى ياخشىلىقلام بۇلىدىكەن ھەممىسىگە يېتەكلىدى، يامانلىقلام بۇلىدىكەن ئۇنىڭ ھەممىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇدى، ئۇنىڭ يېتەكلىگەن ياخشىلىقى ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئىدى. ۋە ئۇ ئاگاھلاندۇرغان يامانلىقلار، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش، ۋە ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە رەت قىلىدىغان ئىشلار ئىدى.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ