ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان

دەرس ئىنسان ئىسلامغا قانداق كىرىدۇ

ئىنساننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋاقتى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋاقىتلىرىدۇر، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ۋۇجۇتقا كىلىشنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن ھەقىقىي تۇغۇلۇشى ھىساپلىنىدۇ. بۇ دەرستە شەخسنىڭ بۇ كاتتا دىنغا كىرىپ مۇسۇلمان بۇلىشى كېرەكلىكى سۆزلىنىدۇ.

  • ئىسلامغا قانداق كىرىشنى بىلىش.
  • تەۋبە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش ئامىللىرىنى تونۇپ يېتىش.

ئىنسان ئىككى گۇۋاھلىق كەلىمىسىنى ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىپ تىلغا ئالسا ئىسلام دىنىغا كىرگەن بۇلىدۇ.

بۇ ئىككى گۇۋاھ كەلىمىسى:

١
مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن (يەنى گۇۋاھلىق بېرىمەن ۋە ئېتىقاد قىلىمەنكى ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەئبۇد يوقتۇر، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا شېرىكسىز يالغۇز ئىبادەت قىلىمەن).
٢
ھەمدە مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن (يەنى مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ توسقانلىرىدىن ساقلىنىپ، ئۇنىڭ شەرىئىتى ۋە سۈننىتى بۇيىچە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمغا گۇۋاھلىق بېرىمەن).

يېڭى مۇسۇلماننىڭ يۇيۇنىشى:

ئىنساننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋاقتى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋاقىتلىرىدۇر، ئۇ ئۇنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ۋۇجۇتقا كىلىشنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن ھەقىقىي تۇغۇلۇشى ھېساپلىنىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ دىنغا كىرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىنى گۇناھ ۋە شىرىكتىن پاكلىغانغا ئوخشاش سىرىتقى بەدىنىنىمۇ سۇ بىلەن پۇتۇنلەي يۇيۇپ پاكلاش دىندا بۇيرۇلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ساھابىلەردىن بىرى- ئۇ ئەرەبلەرنىڭ سەردارىدىن ئىدى- ئىسلام دىنىغا كىرمەكچى بولغاندا يۇينىشقا بۇيرىغان. (ئەل بەيھقى:837)

تەۋبە قىلىش

تەۋبە قىلىش ئاللاھقا قايتىش ۋە يېنىش دىمەكتۇر. كىمكى ئۇزىنىڭ ئاسىيلىق ۋە كۇپىرلىقىدىن قۇل ئۈزۇپ، چىن قەلبىدىن ئاللاھقا سەمىمىي قايتسا، ئۇ ئاللاھقا تەۋبە قىلغان بولىدۇ.

تەۋبە نىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتلىرى:

١
گۇناھتىن قول ئۈزۈشۈش: تەۋبە قىلىۋاتقان ھالىتىدە گۇناھنى داۋاملاشتۇرسا تەۋبە دۇرۇس بۇلمايدۇ، ئەمما توغرا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن گۇناھ تەكرارلانسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى تەۋبىسى ئىناۋەتسىز بولمايدۇ، لېكىن ئۇ يېڭى تەۋبە قىلىشقا موھتاجدۇر.
٢
ئۆتمۈشتىكى گۇناھ مەئسىيەتلەرگە پۇشايمان قىلىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پۇشايمان قىلىش تەۋبە دۇر» (ئىبنۇماجە:4252). ئالدىراڭغۇلۇقتىن گۇناھ سادىر بۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئېچىنىپ قايغۇرغان ۋە پۇشايمان قىلغان كىشىنىڭ باشقىسىدىن تەۋبە قىلىش تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ، ھەمدە ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى سۆزلەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان ۋە بۇ توغرىسىدا ماختىنىدىغان كىشى پۇشايمان قىلغان ھېسابلانمايدۇ.
٣
قايتماسلىق ئىرادىسى: تەۋبە قىلغاندىن كېيىن گۇناھقا قايتىشنى ئويلىغان ئادەمنىڭ تەۋبە قىلىش دۇرۇس ئەمەس.
٤
ئەگەر گۇناھلار كىشىنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، ھەق ئىگىلىرىگە قايتۇرلىدۇ.

تەۋبەدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا يېتىشنىڭ قەدەملىرى

١
مەيلى قانداق ئەھۋال ۋە توسالغۇ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان قەدەرمۇ ئىلگىركى گۇناھقا قايتماسلىققا ۋەدە قىلىش لازىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىمدە ئۈچ خىسلەت تېپىلسا ئونىڭ بىلەن ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن: ئۇنى ئاللاھ كۇپىردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئونىڭغا قايتىشنى ئوتقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرمەكلىكى» دىگەننى تىلغا ئالدى (بۇخارى:21، مۇسلىم:43).
٢
ئۇنىڭ ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ۋە گۇناھلارغا قىزىقتۇردىغان كىشىلەر ۋە ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش.
٣
ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۆلگۈچە مۇستەھكەم بولۇش ئۈچۈن، ھەر قانداق فۇرمۇلادا ۋە قايسى تىلدا ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىش. ئونىڭدىن قۇرئان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن. «ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى تۇغرا يۇلدىن بۇرىۋەتمىگىن» [ئال ئمران سۈرىسى:8]. «ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى زات قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن» (تىرمىزى:2140).

تەۋبە قىلغاندىن كېيىنچۇ؟

ئەگەر بىر ئادەم تەۋبە قىلسا، ئۇلۇغ ئاللاھ گوناھلارنى ھەرقانچە چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەممى نەرسىگە ئورتاقتۇر. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئى مۇھەممەد گوناھنى كۆپ قىلىپ ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىمگە ئېتىپ قۇيغىن، ئولار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد سىزلەنمىسۇن. شەكسىز ئاللاھ گوناھلارنىڭ ھەممىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شەكسىز ئۇ بەك مەغپىرەت قىلغۇچى مىھرىباندۇر» [زۈمەر سۈرىسى:53].

مۇسۇلمان ھەقىقىي ۋە سەمىمىي تەۋبە قىلغاندىن كېيىن گوناھتىن چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. بەلكى ئەكىسچە ئاللاھ تائالا راستچىل پۇشايمان قىلغان ئىتائەتمەنلەرنى ئالاھىدە مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ: ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشى ئەمەللەرگە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «پەقەت تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ تائالا شۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر» [فۇرقان سۈرىسى:70].

كىمكى بۇ شارائىتتا بولسا، ئۇنىڭ بۇ تەۋبەنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يۇقىرى قىممەتلىك نەرسىنى سەرىپ قىلىشقا تىگىشلىكدۇر.

ئىماننىڭ ھالاۋىتى

كىمىكى ئۇنىڭدا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇھەببىتى ھەممىدىن چوڭ مۇھەببەت بولسا، ۋە باشقىلارنىمۇ ئولارنىڭ ئىسلام ئېتقادلىرى تۇغرا بۇلغانلىقى ۋە ئاللاھقا يېقىن بۇلغانلىقتىن ياخشى كۆرىدىغان بولسا. ئوتتا كۆيەشنى يامان كۆرگەندەك كۇپرى ۋە شىرك ئازغۇنلىققا قايتىشنى يامان كۆرسە. ئونىڭ بىلەن شەكسىز ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئتىگە ئىنئام قىلغان ھىدايىتى بىلەن ھىس تۇيغو قىلغان ئونسى ئۈلپەت ۋە خاتىرجەملىك بەخىت سائادەتمەنلىكى بىلەن ئىماننىڭ لەززەت ھەلاۋىتىنى قەلبىدە تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك: «كىمدە ئۈچ خىسلەت تېپىلسا ئونىڭ بىلەن ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تاپقان بۇلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئونىڭ پەيغەمبىرى ئونىڭغا ئو ئىككىسىنىڭ باشقىسىدىن ئەڭ سۇيۇملۈك بۇلۇش. بىر ئىنساننى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۇش. ئاللاھ كۇپىردىن قۇتۇلدۇرۇپ بۇلغاندىن كېيىن ئونىڭغا قايتىشنى ئۇتقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرۇش» (بۇخارى:21، مۇسلىم:43)

دىندا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ يۇلىدا يەتكەن ئەزىيەتكە سەۋرە قىلىش:

كىمكى قىممەتلىك خەزىنىگە ئىگە بولسا، ئۇنى بۇزغۇنچى ۋە ئوغرىلارنىڭ قولىدىن قوغداشقا ھېرىسمەن بۇلىدۇ، ھەمدە ئۇنى تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن قوغدايدۇ، ئىسلام بولسا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ نىئمەتتۇر، ئۇ پەقەت يۆنىلىش ياكى ئىنسان قاچان قىزىققاندا قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بەلكى ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ھەرىكەتلىرى ۋە تۇرشى بىلەن باشقۇرىدىغان دىندۇر، شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە ئىسلام بىلەن قۇرئانغا چىڭ ئېسىلىشقا، تۇغرا يۇلدا بۇلغانلىقى ئۈچۈن ئونىڭدىن چۇشۇپ بەرمەسلىككە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدا دىسەن» [زۇخرۇپ سۈرىسى:43]

بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بەزى ئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىدىن قايغۇرماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سىناشتىكى ئادىتىدۇر. بىزدىن ياخشى بولغان پەيغەمبەرلەر ئەڭ ئېغىر سىناقلار كەلدى، لېكىن ئۇلار سەۋرە قىلىپ بەرداشلىق بەردى، ئاللاھ بىزگە ئۇلارنىڭ ياتلار ئوياقتا قىلىپ تۇققانلىرىدىن تۇرلۇك بالا كەلسىمۇ ئاللاھ يۇلىدا يەتكەن ئەزىيەتكە بۇشىماي ئۆزگەرمەي چىڭ تۇرغان ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى، بۇ سىناق ئاللاھ تەرەپتىن مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادىنىڭ سەمىمىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى سىناشتۇر، شۇڭا ئۇ چوقۇم بۇ سىناققا تەييار تۇرۇشى، ۋە بۇ دىندا چىڭ تۇرۇشىنى ئاللاھ تائالادىن تىلىشى كىرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك دۇئالارنى قىلىشى لازىم، ئۇ زات مۇنۇ دۇئانى كۆپ قىلاتتى: «ئى قەلبلەرنى ئايلاندۇرغۇچى ئاللاھ! قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن» (تىرمىزى:2140).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ