نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس شېرىكچىلىك
ئۇ بىر نەرسىگە ئىگە بۇلۇشتا ياكى ئۇنى بىرتەرەپ قىلىشتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ بىرلىككە كىلىشىدۇر. بىرىنچىسىگە مىسال: ئىككىسىنىڭ مىراس ياكى سوۋغاتقا تەڭ شېرىك بۇلىشى، ئىككىنچىسىنىڭ مىسالى: ئۇلارنىڭ ئېلىم سېتىمدا شېرىك بۇلىشى.
شېرىكچىلىكنىڭ ھۆكمى
ئىنسان پۇل- ماللىرىنى مول قىلىشقا ئىھتىياجلىق بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە تەجرىبىسى ياكى مەبلىغى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ئۇ يالغۇز قىلالماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاش جەمئىيەت چوڭ پىلانلارغا ئىھتىياجلىق بۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالالايدىغان بىر شەخسنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شېرىكچىلىك بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
شىرىكچىلىكنىڭ تۇرلىرى
ئىگىدارچىلىق شېرىكچىلىكىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار:
بۇ ئىككى شېرىكنىڭ ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىققان شېرىكچىلىك بۇلۇپ، مەسىلەن ئۇلار يۆتكەلمەس ئۆي-مۈلۈك ياكى يۆتكىلىدىغان نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىگىدارچىلىق ئورتاق بۇلىدۇ.
مەجبۇرى شېرىكچىلىك
شېرىكلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق شېرىكلىكىدىكى نەرسىنى ئىشىلتىشى
پۈتۈشۈش شېرىكچىلىكى
توختام شىركىتىنىڭ بۆلەكلىرى
رىقابەت شېرىكچىلىكى
بىر قانچە تۈرلۈك ئورتاقلىق
نۇپۇزلۇق شېرىكلىكى
جىسمانى شېرىكلىشىش
تەڭ بۇلۈش شىرىكچىلىكى
ھەر بىر شېرىك ھەمراھى قىلغان ئىشنىڭ مەسئۇلىيەتلىكىنى كۈتۈرىدۇ، شېرىكچىلىك ئۇلارنىڭ پۇلىدىن توختام تۈزۈلگەن بويچە بۇلىدۇ، پايدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا شەرتكە ئاساسەن بولىدۇ، زىيان ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ پۇلىنىڭ مىقدارى بويىچە بولىدۇ. بۇ رۇخسەت قىلىنغان شېرىكچىىلىك بۇلۇپ، ئۇ ئالدىنقى تۆت شېرىكچىلىكنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇرۇسدۇر، ئۇلاردا تىرىكچىلىك قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە ئادالەت ۋە مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھەمكارلىق بولغانلىقى ئۈچۈن.
1- ئۇ ئىختىساتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ۋە ئىشچىلارنى ئىشلىتىش، مىللەتكە نەپ يەتكۈزۈش، تۇرمۇشنىڭ باياشات بۇلۇش، ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاستىسىدۇر.
2- جازانە قىمار قاتارلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھارام كەسىپتىن بىھاجەت بۇلۇش.
3- پۇل تېپىشتىكى ھالال ۋاسىتىلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش. ئىسلام بىر ئادەمنىڭ ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىغا يول قويدى.