ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمان ئايال

دەرس ئاياللار ۋە ھازىرقى تەكلىپلەر

بۇ دەرسلىكتە بىز ئاياللار مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئېتىقاد، ۋە زامانىۋى پرىنسىپ ۋە چاقىرىقلارنى ئۆگىنىمىز.

نىشان: 

  • شەرىئەتنىڭ ئاياللار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئادالىتى ۋە ھېكمىتىنى نامايان قىلىش.
  • ئاياللار مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم زامانىۋى پرىنسىپ ۋە ئىدىيەلەرنى تونۇشتۇرۇش.
  • ئاياللار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېغىپ كەتكەن چاقرىقلارنىڭ بەزى نۇقسانلىرىنى ئىزاھلاش.

قەدىمكى دەۋرلەردە ۋە كۆپىنچە قەدىمكى مەدەنىيەتلەردە ئاياللار ھېچقانداق ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتتىن بەھرىمەن بولالمىغان. ئەكسىچە ئۇلارغا كۈڭۈل بۈلۈنمىگەن، ۋە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. ۋە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتى بولمىغان، ئۇلار ھېچ قانداق ئىنسانلىق ئىتىباردا كۈرەلمەي سېتىلىپ سېتىۋېلىنىتتى. ئۇلار ئەركىشىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇريدۇ دېگەن كۆز قاراشتا بۇلاتىى.

بۇ خىل ئۇسۇل تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئاياللارنىڭ ئىناۋىتىنى كەمسىتىش ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەردە داۋاملىشىپ كەلدى، گەرچە غەرب دۇنياسى- مەسىلەن- كېيىنچە ئىمپېرىيە زۇلۇمى ۋە چېركاۋنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ ئۆزگىرىش باسقۇچىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆزگىرىش ئاياللارغا كىچىكىپ كەلگەن.

ئاياللارغا قارالغان بۇ خاتا كۆز قاراش ئاساسلىق ئىككى تەرەپتىن قوللىنىپ كەلگەن:

بىرىنچى- پەلسەپە تەرەپ

قەدىمكى ئەسىرلەردە، پەيلاسوپلار ئاياللارنى كۆزگە ئىلماي ھەقىر كۆرەتتى، ۋە ئۇلارنىڭ جەمىيەتتە ھېچ ئورۇنى ۋە ھوقۇقى يوق دەپ قارايتتى، بۇ پەيلاسوپلار ئىچىدە: سوقرات، ئەپلاتون ۋە ئارىستو لار بار ئىدى.

ئىككىنچىدىن- دىنىي تەرەپ

ھىندى دىنىدا، بىر ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى يوق، ئەگەر ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ يولدىشىدىن كېيىن ياشىماسلىقى ياخشى دەپ قارىلىدۇ. يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ نەزدىدە ئاياللارنىڭ ھېچ ئورنى يوق. ئاياللار ئۇلارنىڭ كۆزقارشىدا پۈتۈن يامانلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق ۋە گۇناھلارنىڭ مەنبەسى دەپ ئەيىبلەنگەن. ۋە ئۇلار ناپاك دەپ مۇئامىلە قىلىناتتى. بۇ ئىدىيەلەر ئۇلارنىڭ بۇرمىلانغان كىتابلىرىدىن ئېلىنغان، ۋە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي يىغىنلاردىن كەلگەن، پوپلارنىڭ ۋە چېركاۋنىڭ ھوقۇقى بىلەن قوللانغان.

ھازىرقى يېڭى دەۋردە نۇرغۇن جەمئىيەتلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ئىدىيەسى، تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم ئېتىقاد، ئىدىيە ۋە نەزەرىيە بارلىققا كەلدى.

1-يېڭىچە ۋە يېڭىچىلىقتىن كېيىن.

زامانىۋىلىق ئىنساننى ئالەمگە دىققەت بىلەن قارايدىغان قىلىپ، ئۇنى ۋەھيىگە تايانماسلىق قارارىغا كەلتۈرۈپ. ئەقلى بىلەن ئۆزىگە، ۋە مۇھىتىغا ۋە كائىناتقا چۈشەنچە بېرەلەيدۇ، دېگەن خام خىيالنى قىلدۇرۇدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدىيەلەر ۋە تەسەۋۇرلار ۋە ئانالىزلارنىڭ كۆپىنچىسى زامانىۋىلىقتىن بارلىققا كەلگەن.

2-ئەقىلغا تاينىش

ئۇ ئىنساننى ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ قاراغانغا بىنائەن، ئەقىلنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈشدۇر.

3- ئەركىنلىك ۋە شەخسىيەتچىلىك

ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇلدا قارار قىلىش ھوقۇقىنى تەكىتلەشنى كۆرسىتىدۇ.

4- دارۋىنىزىم

ئۇ ئىنساننىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى شەكىلگە كەلگۈچە مىليونلىغان يىللاردىكى تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەيدىغان نەزەرىيە دۇر.

5- ئاياللارنى ئازاد قىلىش

ئاياللارنى ئازاد قىلىش ئىدىيىسى ياۋروپادا پەيدا بولغان، ئۇ يەردە ئاياللار ھەر خىل زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلەرگە دۇچار بولغان، شۇڭا ئەركىنلىك شوئارلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ. ۋاقتى ئۆتكەن ئىتىقادتىن قۇتۇلۇشنى كۈتۈرۈپ چىقتى. ئۇ يەردە ئاياللارغا نۇرغۇن كىشىلىك، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلار بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما داۋا تەلەپلەردە ئۇلارنى تەشكىللەپ كونتىرول قىلىدىغان دىنىي ياكى ئەخلاقى قائىدە يۇسۇن بولمىغان، شۇڭا ئۇ داۋا تەلەپلەر زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇشقا ئەمەس، دىن ۋە ئەخلاقتىن قۇتۇلۇش چاقىرىقىغا ئايلانغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر ياكى ئاتىلىق نۇپۇزىدىن قۇتۇلۇش داۋاسى بىلەن ئورالغان.

سېكۇلارىزم ۋە ئاياللارنىڭ ئازادلىقى

ئاياللارنىڭ ئازادلىق ئۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدىيە ۋە چاقىرىقلار ئىچىدە: دىننى بارلىق ھاياتلىق ئىشلىرىدىن ئايرىش ۋە سېكۇلارىزمنى تۇرمۇش ئۇسۇلى سۈپىتىدە قوللىنىلىشتۇر. بۇ ئۇقۇم سېكۇلارىزم بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ پىلانلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەممە نەرسىدىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ دىننىڭ تەلىمات ۋە ئەھكاملىرىدىن.

6- سېكۇلارىزم

ئۇ ھاياتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى دىندىن ئايرىپ باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەمدە ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ھەرقايسى ساھەدىكى: سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقا ئىشلىرىنى قىلىشتا ئۆزى بەلگىلەيدۇ دېگەن ئۇقۇم سۈپىتىدە مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ.

7- جىنسىي باراۋەرلىك.

بۇ چاقىرىق ئەسلىدە ئايال كىشىنىڭ ئۇقۇش ئىشلەش، كىشلىك ۋە سىياسىي ۋە باشقا ھوقۇقلاردا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بۇلۇش، ۋە ئاياللارغا قارىتىلغان ھەر خىل كەمسىتىشنى تۈگىتىشنى ئاساس قىلغان. لىكىن ھوقۇقتا باراۋەرلىك تەلەپ قىلىش چاقىرىقى ئاساسىي مەزمۇنىدىن چەتنەپ، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە ئوخشىماسلىقنى كۆزدە تۇتماستىن، بۇ ئىككى قارىمۇ قارشىنى يارىشىشقا چاقىرىق بولۇپ قالدى.

8- ئاياللاشتۇرۇش

ئاياللارنى ئازاد قىلىش ۋە جىنسىي باراۋەرلىككە چاقىرغان پىكىر «ئاياللاشتۇرۇش پىكرى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پىكىردىن نۇرغۇن ئەقلىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بارلىققا كەلدى. بۇ ئاياللاشتۇرۇش پىكرى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەتنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشتى.

ئاياللاشتۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ پرىنسىپلىرى

١
مۇتلەق ئەركىنلىك، ئۇ ئائىلىنى ئەمەس، شەخسنى ئاساس قىلىدىغان جەمئىيەت ئىدىيىسىنى ئاساس قىلىدۇ.
٢
جىنس (ئىجتىمائىي جىنس) ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى جىنسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ، ئەر-ئايال ئۇقۇمىنى چەتكە چىقىرىش.
٣
ئاياللار بەدىنىگە ئىگە بۇلۇپ، چەكلىمىسىز خالىغان ئىشنى قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق بۇلۇش.
٤
دادىنىڭ ئاتىلىق نۇپۇزنى رەت قىلىش بىلەن ئائىلىدىكى رولىنى بىكار قىلىش.
٥
بىر قىسىم ئاياللاشتۇرۇش ئېقىمى ئارقىلىق ھەمجىنىسۋازلىقنى، ۋە بالا چۈشۈرۈشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرىش، ھەمدە ئىنسانلارنىڭ پىترىتىنى ۋە دۇنياۋى ئەخلاق ۋە ئېتىتىقادىنى يوقىتىدىغان ئىدىيەلەرگە چاقىرىش.

سىداۋ كېلىشىمى.

ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاياللاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن 1979-يىلى ماقۇللانغان خەلقئارالىق ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىشنى يوقىتىش شەرتنامىنى دۆلەتلەرنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق سىياسىي قوللاشقا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ (سىداۋ) كىلىشىمىدۇر.

سىداۋ كېلىشىمنىڭ ماھىيىتى

بۇ كېلىشىم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ھەر ساھەدە مۇتلەق باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىدۇ. سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، تەنتەربىيە، قانۇن، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا، بۇ ئىلاھىي قانۇنلارغا زىت بىر ئەمەلىيەتسىز پرىنسىپتۇر. كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ روشەن مەنىسىگە، ۋە ساغلام ئەقىلنىڭ ياخشى قارارىغا، ۋە توغرا تۇيغۇنىڭ دوكىلات قىلىشىغا، قارشى تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭ كىتابقا قارشى چىقىشىغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا [ئالى ئىمران سۈرىسىنىڭ:36 ئايىتىدە] «ئەر كىشى ئايالغا ئوخشىمايدۇ» دېدى: نىسا سۈرىسىنىڭ 34 ئايىتىدە «ئەرلەر ئاياللارنى باشقۇرغۇچى» دېدى: بەقەرە سۈرىسىنىڭ 228 ئايىتىدە «ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۈستىدە بىر دەرەجە ئارتوق ھەققى بار» دېدى: ئەمما سۈننەتكە قارشى چىقىشىغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەممىڭلار بىر مەسئۇلىيەتچى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن سۇرلىدۇ، ئەر كىشى ئائىلىسىدىكى لەرگە مەسئۇل، قول ئاستىدىكىلەردىن سۇرلىدۇ، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىدە مەسئۇل، مەسئۇل قىلىنغان نەرسىلەردىن سورلىدۇ» (بۇخارى:893، مۇسلىم:1829). ئۇنىڭ چۈشىنىشتە بىكىتىلىپ كەتكەن نەرسىگە قارشى تۇرۇشىغا كەلسەك، ئۇ ئېنىقلاشقا ھېچ موھتاج ئەمەس، چۈنكى جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيىلىك جەھەتتە ئوخشىماسلىق رۇشەندۇر. بۇ ئوخشىماسلىق چوقۇم كۈچ قۇۋەتتە ۋەھاياتنىڭ خىزمەتلىرىدە كۆرىلىدۇ، كۈچ قۇۋەت ۋە خىزمەتتىن ئىبارەت بولغان بۇ ئىككى مۇكەممەل ئوخشىماسلىقىنى ئوخشاش باراۋەر قىلىشقا تىرىشىش ئەر-ئايالنىڭ يارتىلغان ئەسلى خىلقتىگە زىتتۇر.

CEDAW ۋە ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك

CEDAW ۋە ئاياللار ھەرىكىتى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى رىقابەت ۋە تارىخى توقۇنۇش مۇناسىۋىتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا چەكلىمە قۇيماقچى بۇلۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىكنى تولۇق ئىجرا قىلىشنى جاكارلايدۇ، ئەرلەرنىڭ ھەر قانداق ئارتۇقچىلىقى، ئاياللارنىڭ ھەققىدىن ئېلىۋېلىنغان دېگەن خاتا تار قاراشتا قارايدۇ. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت رىقابەت ۋە دۈشمەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھاياتنى باياشاتلىققا يەتكۈزۈپ مۇكەممەل قىلىشتا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش بۇلۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم خىزمىتى ۋە رۇلى باردۇر، ھەمدە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىتىنى ساقلىغان ھالدا، ئۆز ئارا تونۇشۇش، ۋە كۆيۈنۈش ۋە رەھىم-شەپقەتنى بەرپا قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! شەكسىز بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىگە بۆلدۇق، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغىنىڭلار، ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر، شەكسىز ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەر داردۇر» [ھۇجۇرات سۈرىسى:13]. يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، ئاياللاردىن ئۈنسى ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن يارتىپ بېرىشى، ۋە ئاراڭلاردا مېھىر مۇھەببەت ئورناتقانلىقىدۇر، پىكرى يۈرگىزىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرستىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر باردۇر» [رۇم سۈرىسى:21] ئاندىن ھاياتنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان دەۋرىلىرى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنىڭ ئوخشىماسلىقىنى زۇلۇم قىلماستىن ۋە ئەزمەستىن تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ھەر بىر قوشۇمچە ۋەزىپە گە قوشۇمچە ھەق كېلىدۇ، مانا بۇ ئادالەتتۇر.

شەرىئەت ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلامدۇ؟

شەرىئەت ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئەسلى ئىنسانلىقىدا، ۋە ئىسىل يارتىلىشتا، مەسئۇلىيەتتە ۋە ئامانەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى جازا ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشتە، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشتا، شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بەرباپا قىلىشتا، ھەمدە ئۇنىڭ قانۇنىغا مۇراجەئەت قىلىشتا، ۋە گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتتە باراۋەرلىكىنى تەكىت قىلىدۇ. ئاندىن قانۇن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىجابى پەرقنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار جىسمانىي ۋە رۇھى قۇرۇلۇش جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. ئايالنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن جىھاد قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۇ ھەيز ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى مەزگىلدە ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ، ئۇ باي بولسىمۇ ئۆيگە پۇل خەجلەش مەجبۇرىيىتى يوق. ئۇنىڭ قارشىسىدا شەرىئەت جىھادنى ئەرگە پەرز قىلدى، ۋە ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا نەپىقە بېرىشنى، رەت قىلسا ياكى كەمتۈك قىلىپ قۇيسا جازاغا تارتىلىدىغان سۈپەتتە يۈكلىدى، ئايال كىشىگىمۇ بۇ قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنىڭ قارشىسىدا قوشۇمچە ھوقۇقلارنى بەلگىلىدى، مانا بۇ ئادالەتنىڭ جەۋھىرىدۇر.

شەرىئەتنىڭ مىراستىكى ئادالىتى

ئىسلام قانۇنىدا ئاياللارنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىدا زۇلۇم يوقتۇر. ئۇ بەزىدە ئەرلەرنىڭ نېسىۋىسىدىن ئاز، بەزىدە ئۇنىڭ نېسىۋىسى بىلەن ئوخشاش، بەزىدە ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىنمۇ كۆپ ئالىدۇ، بەزىدە ئۇ ۋارىسلىق قىلىدۇ ئەر كىشى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ بىلىدىغان ھېكمەت ئۈچۈندۇر، بۇمەسىلىلەر بىلىم ئەھلىنىڭ كىتابلىرىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.

ئىسلامنىڭ ئايالارنى ئىززەتلەش سۈرەتلىرىدىن:

ئايال كىشى ئىسلام قانۇنىدا قوغدىلىدۇ ۋە ھۆرمەتلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، شۇنىڭغا لايىق جازاغا تارتىلىدۇ، مۇئمىنلەردىن قانداق بىر كىشى مەيلى ئەر بولسۇن مەيلى ئايال بولسۇن بىر ياخشى ئەمەلنى قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇنىڭدا ئۇلارغا ھېساپسىز رىزق بېرىلىدۇ» [غاپىر سۈرىسى:40] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاياللار (شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىدا) ئەرلەرگە ئۇخشاشتۇر» (تىرمىزى:113). ئايال كىشىنىڭ ۋەلىسى (دادىسى ياكى ئېرىدۇر) ئۇنىڭ تۇرالغۇسى ۋە نەپىقىسى ۋەلىسىغا ۋاجىپتۇر، ئۇ ھەرقانچە باي بولسىمۇ- ئۆزلىكىدىن خەجلىمىسە- بىر دىنار خەجلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۇ ئىقتىسادىي سالاھىيەتتە ئەرگە ئوخشاشتۇر، ھەمدە ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئېرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي نۇپۇزى يوقتۇر، ئۇ ئايالنىڭ ئېلىم سېتىم ۋە ئىجارە بېرىش، شېرىكلىشىش، گۈرە قويۇش، تەقسىم قىلىش، ئىقرار قىلىش، كېپىللىك، سۇلھى قىلىش ۋە باشقا بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك بارلىق توختاملارنى.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ