نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى
دەرس ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قائىدىلىرى
ئىسلام قانۇنى ھەر خىل ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى رەتلەشكە كۆڭۈل بۆلدى، ئۇنىڭ قاتارىدا ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلە. ئاللاھ تائالا ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە جەلپ بۇلىدىغان ياراتتى، بۇ جەلپ قىلىش نەتىجىسى نىكاھ ئارقىلىق بولسا قانۇنلۇق ياخشى بۇلىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئۇ رەزىللىك ۋە ئەڭ ئېغىر پىتنەلەردىن بىر پىتنەنىڭ ئىشكى بۇلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن دۇنيادىن ئايرىلىپ ئەرلەرگە ئاياللاردىن زىيانلىق پىتنە قالمىدى» (بۇخارى5096، مۇسۇلىم:2741).
ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى يولسىز مۇناسىۋەت ئەڭ خەتەرلىك ئىش بولغان زىناغا پېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ، پاك شەرىئەت بۇ ئەخلاقسىزلىقنى چەكلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا يېقىن بولۇشتىن، ۋە ئۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان شەپىلەردىن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى قەبىھ ئىشتۇر، ۋە رەزىل يولدۇر» [ئىسرا سۈرىسى:32] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئىككى كۈزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ۋە ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۈزلەرنى ئاڭلاشتۇر، تىلىنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۈتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر. كۆڭۈل زىنانى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، ياكى ئىنكار قىلىدۇ» (بۇخارى:6243، مۇسلىم:2657)
پاك شەرىئەت يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ھەر قانداق ئېغىش ياكى خاتالىقتىن ساقلىنىشقا ھېرىسلىقى ئۈچۈن، زۈرۈرەت بولغاندا ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ مۇئامىلە قىلىشىغا بىر قاتار پىرىنسىپلارنى بەلگىلىدى. مەسىلەن ئېلىم- سېتىم ۋە باشقا رۇخسەت قىلىنغان سودىلار ياكى زۈرۈر ئېھتىياج بولغان ئىشلار: ئايال دوختۇر بولمىغاندا ئەر دوختۇردا داۋالىغانغا ئوخشاش، ۋە بۇ پىرىمسىپلار ئىچىدە:
كۆزنى ھارام ئىشلاردىن يىغىش.
تىگىپ كىتىشتىن ياكى كۆرۈشۈشتىن ساقلىنىش
يالغۇز قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش
مۇسۇلمان ئاياللار ئەرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا ئەمەل قىلىشىقا تىگىشلىك ئالاھىدە قائىدىلەر.
مۇسۇلمان ئايال ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، شەرىئەت بەلگىلىگەن شەكىل بۇيچە كېيىنىش كېرەك. ئاندىن ئەرلەرنى ئۆزىنى ھۆرمەتلەشكە ۋە گەپ سۆز ياكى ھەرىكەت ياكى قاراش ئارقىلىق ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىككە بېسىم قىلالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەر! «مۇئمىن ئاياللارغا ئېتقىنكى، ئۇلار ھارامغا كۆز تىكمىسۇن، ئپپەتلىرىنى ساقلىسون، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا يەرلىرىنى (نامەھرەمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن، كۆكرەكلىرىنى لىچەكلىرى بىلەن ئورىۋالسۇن» [نۇر سۈرىسى:31]. يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ۋە قىزلىرىڭغا، ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېتقىنكى، پۈركەنچى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىكى ئەڭ ئۇڭاي تۇنىلىدۇ- دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ۋە ناھايتى مىھرىباندۇر» [ئەھزاپ سۈرىسى:59].