نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى
دەرس بالىلارنىڭ ھوقۇقى
ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىنى ساغلام ئەۋلادلىق بۇلۇشقا تەلپۈنىدىغان قىلىپ ياراتتى، بۇ بىزنىڭ ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئايالى ھاۋا ئانىمىزنىڭمۇ ئارزۇسى بولغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئۇ سىلەرنى (ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت) بىر ئىنساندىن ياراتقان، ئۇنىڭ ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئايالىنى ئۇنىڭ ئۆز تىپىدىن ياراتقان زاتتۇر. ئۇ ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئايالى يېنىككىنە ھامىلىدار بولدى. (بۇ ھامىلىدارلىق) داۋاملاشتى، ئايالى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر - ئايال) ئىككىيلەن رەببى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، ئەلۋەتتە (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى. [ئەئراف سۈرىسى:189]. بۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئاللاھنىڭ ساپ نېمىتى ۋە ئىلتىپاتى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىسلام ئەۋلادلار مەسىلىسىگە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋتلىك ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلدى، بۇنىڭ ئىسپاتى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ ئاسمان ۋە زېمىنغا ئىگىدارچىلىق ھەققىدە سۆزقىلىنغاندىن كېيىن ئەۋلادلار ۋە ئۇلارنىڭ بەرىكىتى توغرىسىدىكى نۇتۇقدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ.ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى پەرزەنت كۆرمەيدىغان قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر» [شۇرا سۈرىسى:49-50]. ئاللاھ تائالا ئەۋلادلارنى بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننەتلىرىدىن ھېسابلاپ مۇنداق دېدى: «پۇل - ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر» [كەھف سۈرىسى:46]
شەرىئەت بالىلارنىڭ تەربىيىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، ئۇلار كەلگۈسىنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سالىھ بۇلۇشى بىلەن، زېمىنىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش داۋام قىلىپ، ئاللاھ رازى بۇلىدىغان شەكىلدە ئۇنىڭ ئاۋاتلىقى ئەمەلگە ئاشىدۇ.«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئەھلى - ئەۋلادىڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار» [تەھرىم سۈرىسى:6]. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە، يەنى: بىلىم بىلەن ئەدەپ - ئەخلاق ئۈگىتىڭلار دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىم ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكىچە بېقىپ تەربىلىسە، قىيامەت كۈنى ئۇ مەن بىلەن مۇشۇنداق كىلىدۇ دەپ بارماقلىرىنى جۈپلاپ كۆرسەتتى» (مۇسلىم:2631)
بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلار ئۈستىدىكى ھوقۇقى
بۇ ھوقۇقلار تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ساقلىقنى ساقلاش ۋە بالىلارغا شەرىئەت بۇيرۇغان ئۇسۇلدا چىقىم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھۇقۇقلار دادا قادىر بولسا ئۈستىگە ۋاجىپ بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلار ئۈستىدىكى ئەڭ چوڭ مەنىۋى ھوقۇقىنىڭ بىرى. ئۇلارنى دىننىڭ توغرا ئاساسى بۇيچە ياخشى تەربىلەش، ئۇلارغا «قۇرئان كەرىم»، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساغلام سۈننىتى ۋە تەرجىمىھالىنى ئۆگىتىش، ھەمدە ئۇلارنى ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن تەربىيىلەپ، ئىسلامدا بۇيرۇلغاننى قىلىشقا ۋە چەكلەنگەننى تاشلاشقا، ۋە ئۇنىڭدىكى ياخشى ئەخلاق-پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇشقا يىتەكلەش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭ سۆيگۈسى ۋە پەيغەمبىرئەلەيھىسسلامنىڭ سۆيگۈسى، دىن ۋە شەرىئەت سۆيگۈسى ئاستىدا بۇلىدۇ.
بالىلارغا شەپىقەت قىلىش ئۆزىنىڭ ھايات يۇلىدا ئەستايدىل بۇلۇشقا تەسىر كۆرسەتكۈدەك ھەدىدىن ئېشىپ ئەكە قىلىپ قۇيمىسىلا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە زىھنىنى ئېچىشقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلماي، قاتتىق ۋە قوپال مۇئامىلە قىلىش، ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن قۇپال مۇئامىلەگە ئۈچرىشى ئۇلارنىڭ روھىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، كاللىسىدىكى ئەقىل يالقۇنىنى ئۆچۈرۈپ ئۇلارنى ئاسىيلىق قىلىشقا ئۈندىشى مۇمكىن. بەلكىم ئازدۇرۇپ بۇزغۇنچىلىققا سېلىشىمۇ مۇمكىن.
مەنىۋى ھوقۇق ئىچىدە ئائىلىدە ئىھتىرام ۋە تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىك ۋە مېھرى-مۇھەببەت كەيپىياتى ھازىرلاش، ئاتا-ئانىلار ياكى چوڭ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ جېدەل-ماجىرالىرىنىڭ كۆپ بولىشى ئۆسمۇرلەرنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنى جىددىي ۋە تىت -تىت كەيپىياتقا كەلتۈرۈپ قۇيۇدۇ.
مەنىۋى ھوقۇق ئىچىدە: ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ياخشى دوس تېپىشىغا ھېرىس بۇلىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ناچار ھەرىكەت ياكى ئەيىبلىك ئادىتى بار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشىغا يول قويماسلىق. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ۋە ناچار ئەخلاق باشقىلاردىن ئۇلارغا يۇقىدۇ.
ئاتا-ئانىلار ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى نازارەت قىلىپ، زۈرۈر تېپىلغاندا ئارلىشىپ نەسىھەت بىلەن تۈزۈتۈپ يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئەمما بۇنىڭدا نۇرمال بولۇشى لازىم، يېتەكلەش ۋە ئارلىشىۋېلىش ئارقىمۇ- ئارقىدىن ئىزچىل بولماسلىقى، شۇنداقلا ھەر بىر كىچىك ۋە چوڭ ئىشلاردا بولماسلىقى كېرەك. بۇ بەلكىم بالىنى نەسىھىتىنى ئاڭلاشتىن ياكى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتىن زېرىكتۈرۈپ قۇيۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانا مەسلىھەت ۋە يېتەكلەشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى ۋە ئۇسۇلىنى تاللىشى كېرەك.
بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلاردىكى ھوقۇقى
ياخشى ئەر ۋە ياخشى ئايال تاللاش
ئەر ياخشى ئانا بۇلىدۇ دەپ ئويلىغان ئايالنى تاللىشى كېرەك، ئايالمۇ ياخشى دادا دەپ قاراغان كىشىنى تاللىشى كېرەك.
بالىلارنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىش ۋە ياشاش ھۇقۇقى
بالىلارنىڭ نەسەب ھوقۇقى
بۇ بالىنىڭ دادىسىغا تەۋە بولۇش ھوقۇقىدۇر، چۈنكى بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماددى ۋە مەنىۋى ھوقۇقلار مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىكدۇر. شۇنىڭغا ئاساسەن شەكسىز پاكىت سىز ئەرنىڭ بالىدىن چېنىش ياكى ئۇنى ئۆزىگە مەنسۇپ بۇلۇشتىن رەت قىلىش ھوقۇقى يوقتۇر.
بالىلارنىڭ تېبىئى ئېمىش ھوقۇقى
بالا ئېمىتىشنىڭ نۇرغۇن ساغلاملىق، پىسخىكا ۋە ئىجتىمائىي پايدىسى زامانىۋى ئىلىم-پەندە ئىسپاتلاندى. ئۇ بالىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىسخىكا ۋە روھىي جەھەتتىن ۋە ئەقلى جەھەتتىن ياخشى بولۇشى، كەلگۈسىدە ھېس تۇيغۇلۇق مەيدانلىرىدا دانىشمەنلىك بىلەن ياخشى ۋە مۇۋاپىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بالىلارنىڭ ياخشى ئىسىمغا ئېرىشىش ھوقۇقى
بۇ ئىككىنچى ھوقۇق ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى سەلبىي ئىسىملاردىن ساقلىنىشقا بۇيرۇغاندەك قىلىشقا چاقىرغان ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى ئىسىملارغا ھېرىسمەن ئىدى، ئۇ بەزى ساھابىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن، يۇرۇش تۇرىشىدا ئالاھىدە تەسىر كۆرەلگەن.
بالىلارنىڭ «ئەقىقە» ھوقۇقى
ئۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن خاس نىيەت ۋە شەرتلەر بىلەن بوغۇزلىنىدىغان چارۋادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئوغۇل ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىگە گۈرە قۇيۇلغۇچىدۇر، يەتتىنچى كۈنى ئۇنىڭغا بوغۇزلىنىدۇ، ۋە چېچى ئېلىنىدۇ ۋە ئىسمى قويۇلىدۇ» (ئەبۇ داۋۇد:2838)، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇغۇل بالا ئۈچۈن، ئىككى قوي كۇپايە قىلىدۇ، قىز ئۈچۈن بىر قوي» (ئەبۇ داۋۇد:2834).
بالىلارنىڭ ئادىل مۇئامىلە قىلىنىش ھوقۇقى
ئادىل مۇئامىلە ئۆز-ئارا جەھەتتىن ۋە ماددى جەھەتتىن قىز ئۇغۇل ئارىسىدا پەرىقلەنمەي ئوخشاش بۇلىدۇ. نۇئمان بىن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: دادام ماڭا بىر قىسىم پۇلىدىن ھەدىيە بەردى، ئاپام ئەمرە بىنت راۋاھە: مەن رەسۇلۇللاھنى گۇۋاھچى قىلمىسىڭىز رازى بولمايمەن دېدى، دادام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا مىنىڭ ھەدىيەمگە گۈۋاھچى قىلغىلى باردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بارلىق بالىلىرىڭىزغا شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟». دادم ياق دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئىچىدە ئادىل بولۇڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن دادام قايتىپ كېلىپ بۇ ھەدىيەنى قايتۇرۋالدى. (بۇخارى:2587، مۇسۇلىم:1623).
ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋە ئۇلارنى قاغاماسلىق ھوقۇقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل دۇئا شەكسىز ئىجابەت بولىدۇ: مەزلۇملارنىڭ دۇئاسى، ۋە مۇساپىرنىڭ دۇئاسى، ۋە ئاتا-(ئانا) نىڭ پەرزەنتىسىگە قىلغان دۇئاسى» (ئىبنۇماجە:3862) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېدى: «ئۆزۇڭلارغا، ياكى پەرزەنتىلىرىڭلارغا، ياكى مال مۈلۈكلىرىڭلارغا بەد دۇئا قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ تىلەكنى بىرىدىغان سائېتىگە ئۇدۇل كەپ قالساڭلار، بەد دۇئايېڭلار ئىجابەت بۇلۇپ قالىدۇ» (مۇسلىم:3009)