ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى

دەرس ئەر-ئايالنىڭ ھوقۇقى

بۇ دەرسلىكتە، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يانا بىرىدىكى ھوقۇقلىرىنى تۇنۇپ چىقىمىز.

  • نىكاھ تۇرمۇشىدىكى ئاساسىي ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى بىلىش.
  • ئېرىنىڭ ئايالىدىكى بىر قىسىم ھوقۇقلىرىنى بايانى.
  • ئايالىنىڭ ئېرىدىكى بەزى ھوقۇقلىرىنى بايانى.

ئەر-خۇتۇنلۇق ھاياتىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر.

ئىسلام ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىگە بىر قاتار ھوقۇقلارنى بىرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ماس كېلىدىغان ۋەزىپىلەرنى يۇكلىدى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر بىرى بۇ ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىپ، قارشى تەرەپكە تېگىشلىك ھەققىنى بېرىشتىن باش تارتمىسا، ئۇلار ئارىسى تۈزۈلۈپ، ئىززەت-ھۆرمىتى ساقلىنىدۇ، ۋە ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەۋلاتلىرىنى يارىتىشتا نىشان قىلغان غايىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە قۇرۇلىدۇ.

ئەرنىڭ ئايالىدىكى ھوقۇقى

١
ئەرنىڭ ئائىلە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش.
٢
ئۇنىڭ پۇلىنى تېجەش.
٣
ئۇ يوق ۋاقىتتا ھەققىنى ساقلاش.
٤
ئەرنىڭ بالىلىرىنى ساقلاش.
٥
ئەرنىڭ ياخشى ئىشلارنى ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشىغا ياردەم بېرىش.
٦
ئەرنىڭ ھەققىنى بارلىق تۇغقانلىرىنىڭ، ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھوقۇقىدىنمۇ ئىلگىرى قىلىش.
٧
ئۆي ئىشى ۋە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش.

ئەرنىڭ ئائىلە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ باشقۇرغۇچىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلغانلىقىدىن ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل-ماللىرىدىن (ئۇلارغا) سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر» [نىسا سۈرىسى:34]. بۇنىڭ تەقەززاسى شۇكى، ئۇ چوقۇم باشلىغلىق ۋەزىپىسىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا، تەرسالىق قىلماي ۋە زۇلۇم قىلماي ئادا قىلىش ۋاجىپتۇر. ئايالمۇ ئەرگە توغرا ئىشلاردا بويسۇنۇشى كېرەك، ئاللاھ تائالا ھېكمىتى ۋە ئادىللىقى بىلەن ئەركىشىگە بەرگەن مەرتىبىنى ئايال تالاشماسلىق كىرەك.

ئەرنىڭ پۇلىنى تېجەپ ئىسراپ قىلماسلىق

ئەرنىڭ ئۇچۇق ياكى بەلگە بىلەن رۇخسىتىنى ئالماي پۇلىنى خەجلىمەسلىك. ئەمما ئۇ ئۆيگە يەتكۇدەك خاراجەت بىرىشكە قادىر تۇرۇغلۇق ئاز بەرسە، ئۇنداقتا ئايال بۇزۇپ چاچماي، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز پۇلىدىن بالىلىرىغا يېتەرلىك ئېلىشقا ھوقۇقلۇقدۇر.

ئەر يوق ۋاقىتتا ھەققىنى ساقلاش.

ئايال يولدىشى يوق ۋاقىتتا ئۆزىگە مەھرەم بولمىغان ئەرنىڭ قېشىغا كىرىشىگە يول قويماسلىق. ئۇنىڭدا ئايالنىڭ تۇغقانلىرى، ۋە تۇغقانلىرى ۋە باشقىلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر.

ئەرنىڭ باللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش.

ئەر بىلەن بالىلارنى ياخشى تەربىلەشتە ئورتاقلىشىدۇ، بولۇپمۇ ئۇقۇش يېشىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا. چۈنكى بالىلار كۆپىنچە ئانا بىلەن بىللە ياشايدۇ، ھەمدە دادىغا قارىغاندا ئانىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ.

ئايالنىڭ ئۆي ۋە بالىلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشى.

ئۆينى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئىش پىشلىرىنى رەتلەش، ۋە ئۆيدىكى قۇدرىتى يىتىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىش.

ئايالىنىڭ ئېرىدىكى ھوقۇقلىرى

١
توي ھەققى ياكى مېھىر ھەققى.
٢
ئۇنىڭغا دىنى ئىشلىرىدىن زۈرۈر بولغاننى ئۆگىتىش.
٣
ئۇنىڭغا ۋە ئۆيگە ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ خاراجىتىنى قىلىش.
٤
سەمىمىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش
٥
مېھرى-شەپقەت ئىزھار قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇش.
٦
كۆپ خوتۇنلۇق بولغاندا ئادىللىق قىلىش.

توي ھەققى ياكى مېھىر ھەققى.

ئۇ ئايالىنىڭ ھەققى بۇلۇپ، ئېرى ئۇنى رازىلىقى بىلەن سوۋغات سۈپىتىدە ئايالىنىڭ كۆڭلۈنى ئېلىش، ۋە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى ۋە ئامراقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرىدۇ.

ئايالنىڭ ۋە ئۆينىڭ ۋە ئائىلەنىڭ خاراجىتىنى قىلىش.

ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇدىن ئىبارەتتۇر، ئەھۋالنىڭ تەقەززاسى بىلەن، كۈچ قۇدرىتىنىڭ دائىرىسىدە، ئاشۇرۋەتمەي كەم قىلماي خەرجە قىلىدۇ.ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ماددىي ئىمكانىيىتى ياخشى ئادەم شۇ ئىمكانىيىتىگە قارىتا خەرجە قىلسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە قارىتا خەرجە قىلسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئۇزاققا قالماي ئاسانلىقنى بېرىدۇ» [تالاق سۈرىسى:7]

سەمىمىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش.

يەنى: ئەرنىڭ- ئايالىغا ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشى، سۆز ۋە ھەرىكەتتە مۇلايىم بولۇش، ۋە قۇپال توڭ بولماسلىق. ھەمدە ئايالىنىڭ خاتالىقلىرىغا سەۋر قىلىش، نەپرەتلەندۈرىدىغان ياكى يامان كۆرستىدىغان ھېچ بىر ئاچچىقىنىڭ ئارقىسىدىن كەتمەسلىك، ئاللاھ مۇنداق دېدى: « ئۇلار بىلەن چىرايلىق تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشتا ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» [نىسا سۈرىسى:19]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مۆمىن ئەر مۆمىن ئايالنى يامان كۆرمىسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ بىر مىجەزىنى ياقتۇرمىسا، يانا بىرېدىن رازى بولىدۇ» (مۇسلىم:1469). «يفرك»: يەنى: ئۆچ كۆرمەك.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ