نۆۋەتتىكى بۆلەك :مۇسۇلمانلار ئائىلىسى
دەرس ئىسلامدىكى مىراس
ۋارىسلىق قىلىش مىللەتلەر ئۆتمۈشتىن ھازىرغا قەدەر قوللۇنۇپ كەلگەن دۇنياۋى ئىنسان قانۇنىدۇر، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگە بۇلۇشنى سۆيۈش ۋە ئۇ يولدا تىرىشىشكە ماس كېلىش بىلەن بىرگە، ئۆلگۈچىنىڭ پۇلىنى ئۆلگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.
ئىسلام قانۇنىدىكى ۋارىسلىق قىلىش بەلگىلىمىلىرى، ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ۋە تەسىرلىك سىستېمىدا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئالاھىدە پەرقلەندى. ئىسلامدىكى مىراس سىستېمىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى ئىچىدە، مىراسخورنىڭ تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەل قىلىش بار. چۈنكى ۋارىسلار مىراسنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن تەقسىم قىلىنغانلىقىنى بىلسە، ئۇلارنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ، ۋە ئاللاھنىڭ تەقسىمىدىن رازى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئىچىدە بارلىق ۋارىسلارنىڭ ھوقۇقى قوغدىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئىش بەزىلەرنىڭ ئويلىشىشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تاشلانمايدۇ، ئۇنداق بولغاندا ئۇلار خالىغانلارغا بىرىپ، خالىمىغانلارغا بەرمەيدۇ. ئاندىن ئۇ پۈتۈن توقۇنۇش ۋە بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبى بۇلىدۇ.
مىراسنىڭ ئاساسلىرى
ئۇ ئۆلگەن-ياكى ئۆلۈكنىڭ ھۆكمىدە قىلىنغان- پۇل-مال قالدۇغان كىشىدۇر.
ئۇ مىراس قالدۇرغۇچىدىن كېيىن ھايات قالغان -ياكى ھاياتنىڭ ھۆكمىدە قىلىنغان- مىراسقا ۋارىسلىق بۇلۇش سەۋەبلەرنىڭ بىرى تېپىلىش بىلەن ۋارىسلىق قىلىشقا لايىق بۇلىدىغان كىشىدۇر.
ياكى قالدۇرغان مال، ياكى مىراس، ياكى مىراسلىق: ئۇ مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشقا قالدۇرغان پۇل ياكى ھەق دۇر.