نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس سۇدا سېتىق
سېتىشنىڭ ئېنىقلىمىسى
سېتىش لۇغەتتە: بىر نەرسىنى بىر نەرسىگە ئالماشتۇرۇش دېمەكتۇر. ئاتالغۇدا: بىر مالنى بىر مالغا- ئىگە قىلىش ۋە ئىگە بۇلۇش شەكلىدە- ئالماشتۇرۇش دېمەكتۇر.
سودا سېتىقنىڭ ھۆكمى
سودا سېتىق كىتاپ سۇننەت ئىجما بىلەن دۇرۇستۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا سودا سېتىقنى ھالال قىلدى» [بەقەرە سۈرىسى:275]
سودا سېتىقنى دۇرۇس قىلىشتىكى ھېكمەت.
1-بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئىلىكىدىكى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ۋە ئۆي، ۋە باشقا نەرسىلەرگە موھتاج بۇلۇپ قالىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى ئۇلارنى بەدەلسىز بەرمەيدۇ، ئېلىم سېتىمدا ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مۇرادىغا يىتىدۇ: ساتقۇچى پۇل خالايدۇ، سېتىۋالغۇچى مال خالايدۇ.
2- كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ساقلاپ قېلىش: چۈنكى ئىنسان سېتىۋېلىشتىن باشقا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىقى مۇمكىن.
3- جەمئىيەتنى بۇزىدىغان ئوغرىلىق، تارتىۋېلىش، ۋە ئالدامچىلىق ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئىنسان سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئېھتىياجىغا ئېرىشەلەيدۇ.