نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز
دەرس نەفلە ناماز ئۇقۇشتىن چەكلەنگەن ۋاقىتلار.
نەپلە ناماز ئۇقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار.
مۇسۇلمان ئىسلام ناماز ئۇقۇشتىن چەكلىگەن ۋاقتتىن باشقا، ھەر قانداق ۋاقىتتا نەفلە ناماز ئۇقۇسا دۇرۇس بۇلىدۇ. ئىسلام ناماز ئۇقۇشنى چەكلىگەن ئۇ ۋاقىتلار تۈرلۈك سەۋەپتىن بولغان بۇلۇپ، ئۇۋاقىتنىڭ بەزىلىرى كاپىرلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان ۋاقىتى، ۋە بەزىلىرى دوزاخنىڭ قىززىدىغان ۋاقىتى، ۋە بەزىلىرى كۈننىڭ شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئوتتۇرىسىدىن چىقىدىغان ۋاقىتى، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شۇنىڭغا ئۇخشىغان ۋاقىتلار بۇلۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا قازا بۇلغان پەرىز ناماز ۋە ياكى تەھىيەتۇل مەسجىدكە ئۇخشاش سەۋەپلىك نەپلە نامازلادىن باشقا ناماز ئۇقۇلمايدۇ. بۇ چەكلىمە پەقەت ناماز ھەققىدە، ئەمما ئاللاھقا زىكرى ئېتىش ۋە دۇئا قىلىش ھەر ۋاقىت يۇللۇقتۇر.
بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن چىقىپ ئازراق كۈتۈرۈلگىچە، شەرىئەتتە نەيزە بۇيى دەپ بەلگىلىگەن، كىچە كۈندۈزلىرى مۆتىدىل دۆلەتلەردە بۇ ئۆرلەش تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كېيىن يۈز بېرىدۇ.
كۈن ئاسمانغا تىكلىشىپ قەرىلگىچە، ئۇ پىشىن ۋاقتى كىرىشتىن سەل بۇرۇن.
نامازدىگەدىن كېيىن كۈن ئولتۇرغۇچە.