ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز

دەرس ئەزان

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا كىشلەرنى ناماز ئوقۇشقا چاقرىش ئۈچۈن ۋە ئونىڭ ۋاقىتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەزاننى يۇلغا قۇيدى. بۇ بۆلۈمدە سىز ئەزان ۋە ئىقا مەتنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆگىنىسىز.

  • ئەزاننىڭ سۈپىتىنى بىلىش.
  • ئىقامەتنىڭ سۈپىتىنى بىلىش.
  • مۇئەززىننىڭ ئارقىسىدىن ئەزان كەلىمىللىرىنى تەڭ دىشنىڭ پەزىلىتىنى بىلىش.

ئەزان.

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا كىشلەرنى ناماز ئوقۇشقا چاقرىش ئۈچۈن ۋە ئونىڭ ۋاقىتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەزاننى يۇلغا قۇيدى.

ناماز باشلاش ۋاقتىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام ئىقامەتنى يۇلغا قۇيدى.

ئەزان قانداق باشلانغان.

مۇسۇلمانلار مەدىنىگە كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يىغىلىشىپ نامازنى ساقلايتتى، نامازغا چاقىرىدىغان ھېچ كىشى بولمىغاچقا، بىر كۈنى ئۇلار بۇ توغىردا سۆزلەشتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: خىرىستىئانلارغا ئوخشاش قوڭغۇراق ئىشلىتىڭلار دېسە، يەنە بەزىلىرى: يەھۇدىيلارغا ئوخشاش بۇرغا(كاناي) چالايلى دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ: نامازغا چاقىردىغان بىر كىشىنى ئەۋەتمەمسىلەر؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئەي بىلال! ئورنىڭدىن تۇرۇپ نامازغا چاقىرغىن»دېدى. (بۇخارى 604، مۇسلىم 377).

ئەزان تەكبىرنىڭ ھۇكمى.

ئەزان تەكبىر يالغۇز كىشىگە ئەمەس جامائەتكە ۋاجىپتۇر، ئەگەر ئۇلار قەستەن تاشلىسا، ئۇلارنىڭ نامىزى گۇناھ بىلەن ئادا بولىدۇ.

مۇئەززىن نامازغا قانداق چاقىردۇ.

كىشلەر ئەزاننى ئاڭلاپ نامازغا كىلىشى ئۈچۈن، ئەزاننى چىرايلىق ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ئېتىش لازىم دۇر.

ئەزاننىڭ كەلىمىللىرى.

ئەزانغا قۇلاق سەلىڭ.

مۇئەززىن بامدات نامىزىغا ئەزان ئىتقاندا، ھەييەئەلەلفلاھ تىن كېيىن (ئەسسالاتۇ خەيرۇممىنەننەۋم، ئەسسالاتۇ خەيرۇممىنەننەۋم) يەنى: (ناماز ئۇخلاشتىن ياخشى، ناماز ئۇخلاشتىن ياخشى) دىگەننى زىيادە قىلىدۇ.

ئىقامەتنىڭ تېكىستى. ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ، ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەررە سۇلۇللاھ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەررە سۇلۇللاھ، ھەييەئەلەسسەلاھ، ھەييەئەلەسسەلاھ، ھەييەئەلەلفەلاھ، ھەييەئەلەلفەلاھ، قەدقامەتىسسلاھ، قەدقامەتىسسلاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللاھ. (ئاللاھۇ ئەكبەر، بىلەن قەدقامەتىسسلاھ، تىن باشقىلىرىنى بىر قېتىمدىن دىسىمۇ بۇلىدۇ)

مۇئەززىننىڭ ئارقىسىدىن ئەزان كەلىمىلىرىنى تەڭ ئېتىش.

ئەزاننى ئاڭلىغان كىشى مۇئەززىننىڭ ئارقىسىدا ئېيتقانلىرىنى ئوخشاش قايتا تەكرارلاش مۇستەھەپتۇر. ئەمما ھەييەئەلەسسالاھ، ۋە ھەييەئەلەلفەلاھ، دىگەندە (لا ھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ) دەيدۇ. ئەزاننى ئاڭلاپ تەكرارلىغاندىن كېيىن: (ئى مۇشۇ ئۇلۇغ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ ۋە ئۇقۇلىنىدىغان نامازنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شاپائەت پەزلىنى ئاتا قىلغىن ۋە ئۇنى ۋەدە قىلغان ئېرىشتۇرگىن).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ