نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز
دەرس نامازدا خۇشۇ (پۇتۇن ۋۇجۇدى) بىلەن تۇرۇش.
ئۇ نامازنىڭ رېئاللىقى ۋە ماھىيىتى بولۇپ، مەنىسى: ناماز ئۇقۇغۇچىنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھازىر بۇلۇپ، ئۇقۇۋاتقان ئايەت ۋە دۇئا زىكرىلەرنى قەلبى بىلەن ھىسقىلىپ كەمتەرلىك بىلەن تۇرۇش دىمەكتۇر.
نامازدىكى خۇشۇ، تائەت ئىبادەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ياخشىسى بۇلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا كىتابىدا بۇنى مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن دەپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نامازلىرىنى خۇشۇ بىلەن ئۇقۇغۇچى مۆمىنلەر ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئىرىشتى» [ئەلمۇئمىنۇن سۈرىسى:1-2]
نامازنى خۇشۇ بىلەن ئۇقۇغان كىشى، ئىبادەت بىلەن ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىدۇ، بۇ سەۋەپتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كۈزۈمنىڭ راھېتى نامازدا قىلىندى» دەيتتى. (نىسائى رىۋايتى:3940). كۆز نۇرى ياكى راھىتى دىگەننىڭ مەنىسى: خۇشال سائادەت ئۈنسى ئۈلپەت ھۇزۇرلىنىشتا ۋايغا يىتىش دىمەكتۇر.
نامازنى خۇشۇ بىلەن ئۇقۇشقا يار بۇلغۇچى ۋاسىتىلەر.
ئۇ بولسا ئەلەر ئۈچۈن نامازغا لايىق كىيىملەرنى كىيىپ، مەسچىتكە ئىغىر بىسىقلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن مېڭىپ، بالدۇر بېرىپ نامازنىڭ ئالدىدىكى سۈننەتلەرنى ئۇقۇشتۇر.
ئالدىدا رەسىم ۋە دىققىتى چاچىدىغان نەرسىلەر بار جايدا، ياكى دىققىتى چاچىدىغان ئاۋا ئاڭلىنىدىغان جايدا، ياكى ھاجەتخانىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ياكى ئاچ ۋە ئۇسسۇز بۇلۇپ يىمەك ئىچىمەك ئالدىدا ھازىر بۇلغاندا ناماز ئوقۇماسلىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناماز ئۇقۇغىچىنىڭ زىھنى نامىزىدا رەببىگە يۈزلۈنۈپ مۇناجات قىلىشتىن ئىبارەت بۇلغان ئۇلۇغ ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۈچۈندۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر بىر سۆڭەك ئۆز جايىغا قايتىپ كەلگۈچە رۇكۇ سۇجۇتتا تەمكىنلىك بىلەن تۇراتتى، ناماز ئۇقۇشنى ياخشى قىلمىغانلارغا ناماز پىللىرىنىڭ ھەممىسىدە تەمكىن بولۇشقا بۇيرۇدى، ۋە ئۇنىڭدا ئالدىراشنى چەكلەپ، ئۇنى قاغا چۇقۇغانغا ئوخشاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ناچار ئوغرى ئۈزىنىڭ نامىزىنى ئوغرىلىغان ئوغرى. ساھابە كىراملار، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۈزىنىڭ نامىزىنى قانداق ئوغىرلايدۇ؟ دىدىلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ رۇكۇ سۇجۇدنى كامىل قىلمايدۇ دىدى» (ئەھمەد رىۋايتى:22642). نامىزىنى تەمكىنلىك بىلەن ئۇقۇمىغان كىشى خۇشۇ قىلالمايدۇ، چۈنكى ئالدىراش خۇشۇنى يۇقاتسا، قاغا چۈقۇغاندك ئۇقۇش ساۋاپنى يۇق قىلىدۇ.
ناماز ئۇقۇغۇچى ياراتقۇچىنىڭ بۇيۇك ۋەئۇلۇغلۇقىنى، ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە تۇۋەنلىكىنى ئەسلەيدۇ. ھەمدە ئۇزىنىڭ رەببى ئالدىدا بويسۇنغان كەمتەر تۇۋەن دىلى سۇنۇق ھالدا تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ قىيامەت كۆنى مۇئمىنلەرگە ھازىرلىغان ساۋاپلىرىنى، ۋە مۇشرىكلەرگە ھازىرلىغان ئازاپ ئۇقۇبەتلەرنى ئەسلەپ، ئۈزىنىڭمۇ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئورنىنى ئەسلەيدۇ.
ئەگەر ناماز ئۇقۇغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئاڭلاپ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ تىلىگىنى بىرىدىغانلىقىنى ئەسلىسە، ئونىڭغا ئەسلىگەنگە قەدەر خۇشۇ پەيدا بۇلىدۇ، ھەمدە ئۇ ئاللاھ تائالا ماختىغان كىشىلەرگە كىرىشكە يېقىنلىشىدۇ، ئاللاھ مۇنداق دىدى: «ھەقىقەتەن ئۇ ناماز كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بۇيسۇنغۇچىلاردىن باشقىلارغا مۇشەققەتلىك ئىشتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ مۇلاقات بۇلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇر» [بەقەر سۈرىسى:45-46]
قۇرئان تەپەككۈر ئۈچۈن نازىل قىلىندى، ئاللاھ مۈنداق دىدى: «ئى مۇھەممەد! بۇ مۇبارەك كىتاپتۇر، بىز ئۇنى ئىنسانلار ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلسۇن، ۋە ساپ ئەقىل ئىگىلىرى نەسىھەت ئالسۇن دەپ ساڭا نازىل قىلدۇق» [ساد سۈرىسى:29]
تەپەككۇر قانداق ھاسىل بۇلىدۇ؟
تەپەككۇر ناماز ئۇغۇچىغا ئۇقۇغان ئايەت زىكر دۇئالارنىڭ مەنىسىنى بىلىش بىلەن ھاسىل بۇلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە رېئاللىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئايەت ۋە زىكرىلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلىيالايدۇ، ئاندىن خۇشۇ ۋە بۇيسۇنۇش تەسىرلىنىشلەر كىلىپ چىقىدۇ، بەلكىم ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش تۆكۈپ، ھىچ ئايەتلەر ئۇنىڭدىن ئاڭلىمىغان ۋە كۆرمىگەندەك تەسىرلەنمەي ئۆتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئېتقاندەك: «ئۇلار ئۈزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، تەپەككۇر قىلماستىن گاسلار ۋە كۇلارچە يىقىلمايدۇ» (سۈرە فۇرقان:73)