نۆۋەتتىكى بۆلەك :قىش پەسلىنىڭ ھۆكۈملىرى
دەرس قىش ۋە ناماز ۋە رۇزا
قىشتا سوغۇق بەك بولسا، قارىلىدۇ: ئەگەر سوغۇق كىشىلەرنىڭ نامازغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىسا، ئەزان ۋاقتى ئوخشاش بولىدۇ.
كىشىلەر قىشتا ئوت ياندۇرىدۇ، ئۇ بەلكىم قىبلىگە تۇغرا كىلىپ قالىدۇ، ئوتقا چوقۇنىدىغان مەجۇسلارغا ئۇخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نامازنىڭ ئوت تەرەپكە بولماسلىقى ئەۋزەلدۇر، ھەمدە ئۇ ناماز ئۇقۇغۇچىنىڭ زىھنىنى چاچىدۇر، ئەگەر ئىسسىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىھتىياج بۇلسا، ياكى يەرنى ئۆزگەرتىشتە قىيىنچىلىق بۇلسا، ئۇنىڭدا چاتاق يوق.
يالقۇنى يوق ئوچاقتا مەكروھ لۈق يوقتۇر.
ئىككى نامازنى بىرلەشتۈرۈش
بىرلەشتۈرۈش رۇخسىتىگە ئۆزرە بۇلىدىغان نەرسىلەر ئىچىدە: ۋە قىشتا كۆپ بۇلىدىغان يامغۇردۇر. بەزى ئالىملار ئۇنىڭغا كۈچلۈك سوغۇق شامالنى، ياكى قاتتىق سوغۇقنى، ياكى يوللارنى توسىدىغان قار، ياكى يوللارنى تولدۇرىدىغان لاي پاتقاقلارنى قۇشۇپ قۇيدۇ.
بىرلەشتۈرۈشكە قۇبۇل بۇلىدىغان ئۆزرەلەر دىن مەقسەت: كىشىلەرنىڭ ناماز ئۈچۈن مەسچىتكە قايتا-قايتا چىقىش بىلەن مۇشەققەت بۇلىدىغان ئەھۋاللار دۇر. شۇڭا ئۇلارغا نامازنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇقۇش رۇخسەت قىلىنىدۇ، بۇ كىشىلەرنى سىرتقا ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ياكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن توسقۇنلۇق قىلمايدىغان يېنىك ئاز يامغۇر ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.
جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇمايدىغانلار - ئايال كىشى، ۋە كېسەل ۋە جامائەتكە چىقمايدىغانلارغا ئۇخشىغانلار، نامازنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇقۇمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەمدە نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىككىنچى نامازنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئۆزرە تۈگىسىە بىرلەشتۈرمەيدۇ.
بىرلەشتۈرگەندە مۇسۇلماننىڭ بىر قېتىم ئەزان ئېتىشى كۇپايە قىلىدۇ، ۋە ھەر بىر ناماز ئۈچۈن ئايرىم تەكبىر ئۇقۇيدۇ، ئىككى نامازنىڭ پەرزىنى ئۇقۇپ بۇلغاندىن كېيىن، سۈننەتلىرىنى ئۇقۇيدۇ، ۋە زىكرى تەسبىھلارنى ئېتىدۇ.
بىر قانچە مەسچىتلەردە جەملەشكە رۇخسەت بۇلىدىغان ئۆزرەنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا پەرق بار، ئاساسىي پرىنسىپتا ئىمام مەسئۇل بۇلىدۇ، شۇڭا بىلىملىك بولسا تىرىشىدۇ، ۋە بىلىمى بارلار بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ، ئەگەر كۆز قارىشىغا دۇرۇسلىقى غالىپ كەلمىسە جەملىمەيدۇ، مەسچىت جامائەتلىرى تالاش-تارتىش قىلماسلىقى كېرەك.
بەزى رىۋايەتلەردە مۇنداى كەلدى: «قىش مۆمىنلەرنىڭ باھارى؛ ئۇنىڭ كۈنلىرى قىسقا، مۇسۇلمان روزا تۇتالايدۇ، كېچىلىرى ئۇزۇن، تەھەججۇت ئۇقۇيالايدۇ» (بەيھەقى ئە سسۇنەنۇلكۇبرا:8456) باھار دەپ ئاتىلىندى، چۈنكى ئۇ ئىبادەت باغلىرىدا سەيلە قىلىدۇ، قىش پەسلىدە ئۇ كۈندۈزنىڭ قىسلىقى سەۋەبىدىن ئاچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا مۇشەققەتسىز چىداپ كۈندۈزى روزا تۇتالايدۇ، ۋە كېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا تەھەججۈت ئۇقۇيدۇ، ناماز بىلەن ئۇيقۇنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ.
بەزى ئەسەرلەردە مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: «قىشتا روزا تۇتۇش سالقىن غەنىيمەت». (ئەھمەد رىۋايىتى:18959) ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېدى: «قىش ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ غەنىيمەتلىرى». ئەبۇ نۇئەيىم رىۋايىتى: «ئەلھىلىيە» (1/51).