نۆۋەتتىكى بۆلەك :ساياھەت ھۈكۈملىرى
دەرس ھايات سەپىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەتلەر
ساياھەت دېگەنلىك ئادەمنىڭ تەبىئەت جايلىرىغا سەپەر قىلىپ سەيلە قىلىش دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئاندا، سەپەر دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ ﴿لِإِيلَٰفِ قُرَيۡشٍ إِۦلَٰفِهِمۡ رِحۡلَةَ ٱلشِّتَآءِ وَٱلصَّيۡفِ﴾ [قۇرەيش سۈرىسى:1-2]، كالامىدا تىلغا ئېلىنغان: قىشلىق سەپەر بۇلسا: قۇرەيشنىڭ قىشتىكى تىجارەت سەپىرى بۇلۇپ، ئۇلار قىشتا يەمەن تەرەپكە باراتتى، يازدا شام دىيارى تېرىپىگە باراتتى.
مۇسۇلماننىڭ ھاياتى بارلىق شارائىتتا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ قانۇنى بىلەن باغلانغان. ساياھەت ۋە سەپەرلەر ئاللاھ بىزگە بەلگىلىگەن قانۇنلۇق ھۆكۈملەر بىلەن تولغان. چۈنكى ساياھەت ۋە سەپەرلەردە - ئىنسان ئۇنى قاچىنىكى تۇغرا ۋە ياخشى مەقسەتتە قىلسا - ئۇنىڭدا دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك كاتتا مەنپئەت باردۇر.
بىر مۇئمىن ئۆزىنىڭ ساياھىتىنى ھەج ۋە ئۆمرە گە ئۇخشاش ئىبادەت قىلغىلى بۇلىدىغان يەرلەگە بېرىش ئارقىلىق ياكى بىلىم ئىزدەش ئارقىلىق ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايدۇ. ھەمدە ئۇرۇق قۇغقانلىرىنى يوقلاش ۋە سىلە رەھمە قىلىشقا نېيىتىنى ياخشىلىيالايدۇ. ياكى ئائىلىسىنى خۇشال قىلىدۇ، ياكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ياردەمچى بۇلىدىغان رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ڭۈلىنى ئاچىدۇ، ياكى ئۇ سەپىرى ئارقىلىق ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىدىن يۈز ئۆرىدۇ.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئى مۇھەممەد «ئېتقىنكى مىنىڭ نامىزىم، ۋە قۇربانلىقىم، ھاياتلىقىم، ۋە ماماتلىقىم، ئالەملەرنىڭ ئىگىسى بۇلغان ئاللاھ ئۈچۈندۇر» (ئەنئام سۈرىسى:162) دىگەندەك.
كائىنات ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، رەھىم-شەپقىتى ۋە ھىكمىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر بىلەن تولغان.ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «شۈبھى سىزكى ئاسمانلار ۋە زىمىننىڭ يارتىلىشىدا، ۋە كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرشىدا، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلبەتتە ئالامەتلەر باردۇر» (ئال ئىمران سۈرىسى:190). بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىبرەت ئېلىش بىلەن كۆپ قاراشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ سەلتەنىتىدە، ۋە ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىدا پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟» (ئەئراف سۈرىسى:185)
شۇنداقلا يالغۇزلۇقتا بەزىدە بىر ئادەم ئۆزىنى قىيامەت ئۈچۈن نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقىنى ئويلاپ ھىساپ قىلىش پۇرسىتى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ ئۆزى يالغۇز بولۇپ، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق نازارەتچى بۇلمىسا.
سەپەردە چۇشۇدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەن كىشى، مەيلى ئۇ قۇرۇغلۇقتا بولسۇن ياكى باشقا يەردە بولسۇن، ئۇنىڭغا چۈشكەندە ئۇقۇلۇدىغان دۇئانى ئۇقۇيدۇ.
خەۋلە بىنتى ھەكىم رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ئۇ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كىم بىر يەرگە چۈشۈپ ئاندىن: ئاللاھنىڭ مۇكەممەل سۆزلىرى بىلەن، ياراتقان مەخلۇقات لىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن، دېسە ئۇ ئۇيەردىن ئايرىلغۇچە ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:2708).