ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىككى گۇۋاھنامە (يەنى تەۋھىد كەلىمىسى)

دەرس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىش.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولۇش بولسا، تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ئىككىنجى بۆلىكىدۇر، بۇ دەرستە ئۇ كەلىمىنىڭ مەناسىنى ۋە تەقەززاسىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىشنىڭ مەناسىنى تۇنۇپ چىقىش

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىشنىڭ مەناىسى

ئۇنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىگە ئىشىنىش، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىگەن ئىشلىرىدىن ساقلىنىش، ئىبادەتلەرنى ئۇ يولغا قۇيغان ۋە ئۈگتكەن بۈيچە ئاداقىلىش. ئۇ تۈۋەندىكىلەرنى ئۈزئىچىگە ئالىدو:

1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ساھەلەردە بەرگەن خەۋەرلىرىگە ئىشىنىش جۈملىدىن:

١
كۆرۈنمەيدىغان غەيبى ئىشلار، ۋە ئاخىرەت كۈنى، جەننەت ۋە ئۇنىڭ نىئمەتلىرى، دوزاخ ۋە ئۇنىڭ ئازابى.
٢
قىيامەت كۈنىدىكى ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى ۋە زامان ئاخىردا نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقى.
٣
ئىلگىرى ئۈتكەن قەدىمكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر، ۋە پەيغەمبەرلەر بىلەن قەۋملىرىنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلار.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇيرۇغان ۋە توسقان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش توۋەندىكىلەرنى ئۈزئىچىگە ئالىدو:

١
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى بۇيرۇغان: ئىبادەتلەر، ۋە سالىھ ئەمەللەر، ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى قىلىش.
٢
بىزنى توسقان ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش، مەسىلەن ناچار ئەخلاق ۋە زىيانلىق قىلمىشلار، بىزنى بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن توسوشنىڭ ھېكمىتىنى گەرچە بەزىدە بىلەلمىسەكمۇ. ئاللاھ ئۆزى ئىرادە قىلغان بىر ھېكمەت بىلەن بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن چەكلىگەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز.
٣
بىز ئۇنىڭ نەپسى خاھىشىدىن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ۋەھيېسىدىن سۈزلەيدىغانلىقىغا كەسكىن ئېشىنىشىمىز. ئاللاھ تائالا ئېتقاندەك: «كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بۇلىدۇ» [نىسا سۈرىسى:80]
٤
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ئەلەملىك ئازاپقا لايىق بۇلىدىغانلىقىغا ئېشىنىشىمىز، ئاللاھ ئېتقاندەك: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار چوڭ بىر بالاغا يولۇقۇشتىن ياكى قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن» [نۇر سۈرىسى:63]

3-ئىبادەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام بىزگە كۈرسەتكەن بۇيچە قىلىشىمىز. ئۇ تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر قاتار ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئۇنىڭغا ئەگىشىش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېتەكچىمىز، بەندىنىڭ ئاللاھقا يېقىن بۇلىشى ۋە ئونىڭ دەرگايىدا مەرتىۋىلىك بولىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە پىل ۋە ئىقراردىن ئىبارەت بولغان سۈننەت ۋە يوليورۇقلىرىغا ئەگىشىش بىلەن بۇلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». [ئال ئىمران سۈرىسى 31].

شەرىئەت مۇكەممەلدۇر

پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام دىن ۋە شەرىئەتنى كەمتۈكسىز تولۇق يەتكۈزدى. ئۇنداق بولغان ئىكەن ھېچكىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىز ئۈچۈن يولغا قويمىغان ئىبادەتنى ئىجاد قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.

ئاللاھنىڭ قانۇنى ھەر ۋاقىت ھەر يەردە كۈچكە ئىگە

ئاللاھنىڭ كىتابىدا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن دىن ۋە شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى ھەر زامان ھەر يەردە كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى پەقەت ئۇلارنى ياراتقان ۋە يوقتىن پەيدا قىلغان ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

سۈننەتكە ئۈيغۇن بۇلۇش

ئىبادەتلەر قوبۇل قىلىنش ئۈچۈن ئاللاھقا سەمىمىي بۈلۈش بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتى بۇيچە ئادا قىلىنىشى كېرەك.«كىمكى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن» [كەھڧ سۈرسى:110]. سالىھنىڭ مەنىسى: (دۇرۇس توغرا)يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ سۈننىتىگە ئۈيغۇن ئاداقىلىش دېمەكتۇر.

بىدئەت پەيدا قىلىشنى چەكلەش

كىمكى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن بولمىغان بىر ئەمەل ۋە ئىبادەتنى پەيدا قىلىپ مۇشۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا قۈل چىلىق قىلىمەن دىسە، مەسىلەن، شەرىئەت پەرىزقىلمىغان نامازدىن بىرنى پەيدا قىلىپ ئۇنىڭ ئۇسۇلىدىن باشقا ئۇسۇلدا ئوقۇيمەن دېسە. پەيغەمبەرگە خىلاپلىق قىلغان بۇلۈش بىلەن بىرگە. گۇناھكار بولىدۇ ئۇنىڭ ھەرىكىتى رەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېتقاندەك: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار چوڭ بىر بالاغا يولۇقۇشتىن ياكى قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن» [نۇر سۇرىسى:63]. ھەمدە پەيغەمبەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى دېنىمىزدا) يېڭىلىق ياراتسا ئۇ رەت قىلىنىدۇ» (بۇخارى:2697، مۇسلىم:1718)

ئۇ زاتنى دۇست تۇتۇش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېتىشتا زۈرۈل ئىشنىڭ بىرى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ھەممىدىن سۆيۈملۈك بۇلۇش كىرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەن ئۇنىڭغا دادىسى ۋە بالىسى ۋە بارلىق كىشىلەردىن سۆيۈملۈك بولمۇغۇچە مۆمىن بۇلالمايدۇ». (بۇخارى:15، مۇسلىم:44).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ