نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان
دەرس پەرىشتىلەرگە ئىمان ئېتىش
پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مەنىسى:
پەرىشتىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانلار دۇنياسى ۋە جىنلار دۇنياسىدىن باشقا مېتافىزىكىلىق دۇنيا ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىش، ئۇلار تەقۋادار ۋە شەرەپلىكتۇر. ئۇلار ئاللاھقا لايىقىدا ئىبادەت قىلىدۇ، ۋە بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىدۇ، ۋە ھەرگىز ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئەمەلىيەتتە پەرىشتىلەر ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر. ئۇلار ھېچقانداق سۆزدە ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ» [ئەنبىيا سۈرىسى:26-27]
پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى
پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر رەببى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ئىمان كەلتۈردى، مۇئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى» [بەقەرە سۈرىسى:285] ھەمدە پەيغەبەر ئەلەيھىسسلام ئىمان ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ۋە تەقدىرگە، ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئىشىنىش» (مۇسلىم:8).
ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىپتۇر، كىمكى ئۇلارغا ئىشەنمىسە، ئۇ ھەقتىن تېيىپ ئازغان بولىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «كىمكى ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنى كىتابلىرىنى ۋە ئەلچىلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بۇلىدۇ» [نىسا سۈرىسى:136]. بۇ ئاساسلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا كۆپرىلىق ھۆكمىنى چىقاردى.
پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق خەۋەر بەردى. ئاسمان ئۆزىدە بار كىشىلەر بىلەن ئېغىرلاشتى، ئۇنىڭدا بىر غېرىچ بوشيەر بۇلاپلا قالسا پەرىشتە ئۆرە تۇرۇپ ياكى تىزلىنىپ ياكى سەجدە قىلىپ ئىبادەت قىلىپ تۇرىدۇ.
پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
پەرىشتىلەرنىڭ بىز ئىمان كەلتۈرىدىغان سۈپەتلىرىدىن:
ئاللاھ پەرىشتىلەرنى بىر قاتار ئىشلارغا مەسئۇل قىلدى. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:
بىز بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ھادىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ھەمىشە ھەيران قالىمىز، شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، پەرىشتىلەرنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئادەم بالىلىرىنى ھالاكەتتىن قوغداشتۇر.