نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان
دەرس ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش
ئاخىرەت كونىگە ئىمان كەلتۇرۇشنىڭ مەنىسى
ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى قەبىرلەردىن قۇپۇرۇپ ئاندىن ئۇلاردىن ھېساپ ئېلىپ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىش. ھەتتاكى جەننەت ئەھلى ئۆز ئۇرۇنلىرىدىن، ۋە دۇزاخ ئەھلى ئۆز ئۇرۇنلىرىدىن ئۇرۇن ئالىدۇ. ئاخىرەت كۇنىگە ئىمان ئېتىش ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر، ئونىڭسىز ئىمان دوروس بۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «بەلكى ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، ئىمان كەلتۈرۈشدۇر» [بەقەرە سۈرىسى:177].
ئاخىرەت كونى دېگەن نىمە؟
ئاخىرەت كۈنى بولسا: ئۇ كىشىلەرنىڭ ھېساب ۋە مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلدۈرلىنىدىغان كۈنى بۇلۇپ، كىشىلەر جەننەتتە ياكى دوزاخقا ئورۇنلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا كۈن بولمىغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتتە تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇن ئىسىملىرى بار دۇر، ئۇنىڭدا چوڭ ئىشلار يۈز بىرىدىغان بولغاچقا، ئۇ قىيامەت كۈنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئونىڭ جۈملىسىدىن پۇتۇن كىشلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن تۇرۇشى. ئۇ كۈن سائەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئايرىش كۈنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ جازا كۈنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋە ئونىڭدىن باشقا ئىسىملارمۇ بار.
قۇرئان نېمە ئۈچۈن ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىتىشنى تەكىتلىدى؟
قۇرئان كەرىم ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىتىشقا ھەر سورۇندا ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ۋە ئۇنىڭ يۈزبىرىدىغانلىقىغا ھەر خىل ئەرەبچە ئۇسۇللاردا تەكىتلىدى. ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىققا، ئۇنىڭدىكى ئىشلارغا ئىمان ئىتىشقا، ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلىشقا، ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۇرۇش بىلەن، ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرۇشنى بىر نەچچە جايدا باغلىدى.
ئاخىرەت كۈنگە ئىمان كەلتۈرۈش ئاللاھقا ۋە ئادالىتىگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈر نەتىجىسىدۇر، ئۇنىڭ ئايدىڭلاشتۇرمىسى:
ئاللاھ تائالا زۇلۇمغا سۇكۇت قىلمايدۇ، ۋە زالىمنى جازاسىز تەرىك ئەتمەيدۇ، مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى ئالماى تاشلاپ قويماىدۇ، ۋە ساخاۋەتچىلەرنى مۇكاپاتسىز قۇيمايدۇ، ھەر بىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە بىرىدۇ. بىز بۇ دۇنيا ھاياتىدا كىشىلەرنىڭ زۇلۇم قىلىپ ياشاپ ۋە زالىم ھالدا ئولۈپ ھېچ جازاسىغا ئوچرىماىۋاتقانلىقىنى، ۋە قارشىدا زۇلۇم قىلىنىپ ھەققىنى ئالالماى مەزلۇملىق ھالدا ئۇلۇپ كىتىۋاتقانلارنى كۆرىمىز. ئاللاھ زۇلۇمنى قۇبۇل قىلمايدۇ دىگەننىڭ مەنىسى نىمە؟ دېمەك ياخشىلىق قىلغۇچى مۇكاپاتلىنىدىغان ۋە جىنايەتچى جازالىندىغان، ھەر بىر ھەق ئىگىسى ھەققىنى ئالىدىغان بىز ياشاۋاتقان بۇ ھاياتتىن باشقا يەنە بىر ھاياتنىڭ بولۇشى كېرەك.
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى
ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىتىشنىڭ ئىچىدە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىگە ئىمان كەلتۇرۇش باردۇر، بۇلار قىيامەتتىن ئىلگىرى يۈز بىرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ پات يېقىندا يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت دۇر. قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ:
1-كىچىك ئالامەتلەر:
ئولار قىيامەتتىن بىر قانچە زامان بۇرۇن يۇز بىرىدىغان ئالامەتلەر، ئونىڭ جۈملىسدىن يالاڭ ئاياغ ۋە يالىڭاچ پادىچىلارنىڭ بىنا سېلىشتا بەسلىشىپ كىتىشى. شۇنداقكى جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە كەلگەندەك: ئونىڭدا مۇنداق كەلدى «ئۇنداقتا ماڭا قىيامەت ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن دىدى: ئۇ بۇنىڭدىن سۇرالغان كىشى سورىغۇچىدىن كۆپ بىلىملىك ئەمەس دېدى. ئۇ ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالامەتلىرىدىن سۇزلەپ بەرگىن دېدى. ئۇ دىدەكنىڭ ئوزىنىڭ خوجايىنىنى تۇغىشى، يالاڭئاياغ يالىڭاچ، پادىچىلارنىڭ بىنالارنى سېلىشتا بەسلەشكەننى كۆرىشڭ دېدى» (مۇسلىم:8)
2- چوڭ ئالامەتلەر
ئۇلار قىيامەتنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئاز قالغاندا كۈرۈلىدىغان چوڭ ئىشلار بولۇپ، ئۇلار ئون ئالامەتتۇر، ھۇزەيفە بىن ئۇسەيدنىڭ ھەدىسىدە كەلگەندەك. ئو مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىز بىر نەرسە مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا بىزنىڭ قىشىمىزغا چىقىپ كىلىپ، نېمە دىشىۋاتىسىلەر دېدى. ئۇلار: بىز قىيامەتنى ئەسلەۋاتىمىز دېدى. ئۇ: ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئون ئالامەتنى كۆرمىگۈچە يۇزبەرمەيدۇ دەپ. تۈتۈن، دەججال، جانۋار، كۇننىڭ غەرىپتىن چىقىشى، ۋە مەريەم ئۇغلى ئىسا ئەلەيھسسالامنىڭ چۈشۈشى، ۋە يەجۇج مەجۇج. ۋە ئۈچ قىتىملىق كۈن تۇتۇلۇش: شەرقتە بىر تۇتۇلۇش، غەرىبتە بىر تۇتۇلۇش، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بىر تۇتۇلۇش، ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى يەمەندىن چىققان ئوت كىشىلەرنى يىغىلىدىغان يىرىگە ھەيدەيدۇ دېدى» (مۇسلىم:2901)
ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
مۇسۇلماننىڭ ئاخىرەت كۈنگە ئىمان كەلتۈرشى بىر قاتار ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1-ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ۋەتوپلىنىشقا ئىمان كەلتۇرۇش.
ئۆلۈكلەرنىڭ قەبرىسىدىن تىرىلىدۇرۇش ۋە روھلارنى تېنىگە قايتۇرۇش، ئاندىن كىشىلەر دۇنيانىڭ رەببىگە تازىم قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ، يالاڭئاياغ، يالىڭاچ ھالدا بىر يەرگە توپلىنىدۇ. بىرىنجى قىتىم يارىتىلغاندەك ئولگەندىن كىيىن قايتا تىرىلىشكە ئىشىنىش قۇرئان ۋە سۈننەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان، ئەقىل ۋە ساغلام پىترەتمۇ ئىسباتلىغان. شۇڭا بىز كەسكىن ئىشىنىمىزكى، ئاللاھ تائالا قەبردىكىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، روھلار جەسەتلەرگە قايتۇرۇلىدۇ، كىشىلەر دۇنيانىڭ رەببىگە تازىم قىلىپ تۇرىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاندىن سىلەر چوقوم ئۆلۈسىلەر. ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى قەبرەڭلاردىن تۇرغۇزۇلسىلەر» [مۇئمىنۇن سۈرىسى:15-16] بارلىق ساماۋى كىتابلار ئونىڭغا بىرلىككە كەلگەن، ھەمدە ئو ھىكمەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. شۇ جەھەتتىن ئاللاھ تائالا بۇ مەخلۇقنى ئوزىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇكەللەپ قىلغىنىغا مۇكاپاتلايدىغان بىر ۋاقىتنى ئورونلاشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! سىلەر، ئاللاھ بىزنى بىھۇدە ياراتتى، ئاللاھ بىزنى دەرگاھىغا قايتۇرۇپ ھېساب ئالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟» [مۇئمىنۇن سۈرىسى:115].
2- ھېساب ۋە تارازىغا ئىمان كەلتۇرۇش.
ئاللاھ مەخلۇقاتلارنى بۇ دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. كىمكى تەۋھىد ئەھلىدىن ۋە ئاللاھ ۋە ئونىڭ پەيغەمبىرىگە بۇيسۇنغۇچىدىن بۇلسا، ئۇنىڭ ھېسابى ئاساندۇر، كىم شىرىك ۋە ئاسىيلىق ئەھلىدىن بۇلسا ئۇنىڭ ھېسابى تەسدۇر.
ئەمەللەر كاتتا بىر تارازىدا جىڭلىنىدۇ. ياخشى ئەمەللەر بىر تەخسىدە، گۇناھلار يانا بىر تەخسىدە قۇيۇلىدۇ، كىمنىڭ ياخشىلىغى يامانلىقىنى بېسىپ كەتسە. ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بۇلىدۇ. كىمنىڭ يامانلىقى ياخشىلىقىنى بېسىپ كەتسە، ئۇ دۇزاخ ئەھلىدىن بۇلىدۇ. ئاللاھ ھېچ كىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «قىيامەت كۈنى بىز ئەمەللەر تارتىلدىغان ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز. ھېچ ئادەمگە قىلچە ئوۋال قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بۇلسىمۇ بىز ئونى ھازىر قىلىمىز. ھېساب ئېلىشقا يىتەرلىكمىز» [ئەنبىيا سۈرىسى:47].
3- جەننەت بىلەن دۇزاخ.
جەننەت مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەت ماكانىدۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىدىغان تەقۋادار مۇئمىنلەر ئۈچۈن تەييارلىدى، ئۇ يەردە روھلار ئارزۇ قىلىدىغان كۆزلەر خوشال بۇلىدىغان ھەر خىل سۇيۇملۇك نەرسىلەر بار. ئاللاھ تائالا كەڭلىگى ئاسمان زىمىندىنمۇ كەڭ جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا قىززىق تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان كەڭلىكى ئاسمان زىمىندەك كىلىدىغان جەننەتنى قۇلغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراڭلار» [ئال ئىمران سۈرىسى:133].
دوزاخقا كەلسەك، ئۇ مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ ماكانى. ئاللاھ ئۇنى ئۆزىگە ئىشەنمىگەن ۋە ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلغان كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلىدى. ئونىڭدا كۆڭۈلگە كەچمەيدىغان نۇرغۇن ئازاب ئۇقۇبەتنىڭ تۈرلىرى بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان. ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغو بۇلغان دۇزاختىن ساقلىنىڭلار» [بەقەرە سۈرىسى:24].
ئى ئاللاھ! بىز سەندىن جەننەت تىلەيمىز. ۋە سۆز ۋە ھەرىكەت جەھەتتە بىزنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرشىڭنى سۇرايمىز، بىز سەن بىلەن ئوتتىن پاناھلىق تىلەيمىز، سۆز ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ قىلىشتىن پاناھ تىلەيمىز.
4- قەبرىنىڭ ئازابى ۋە ئونىڭ نىئمەتلىرى:
ئۈلۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئېىتقىنكى، سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن رەببىڭلار دەرگاھىغا قايتۇرلىسىلەر» [سەجدە سۈرىسى:11]. بۇ شۈبھىسىز كۆرۈنەرلىك ئىشتۇر، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، ئۇنىڭ ئەجىلى بىلەندۇر. ئونداق ئۇلۇپ كىتىشى ئەجىلىدىن ھېچ نەرسىنى كەم قىلغان بۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئولار جاندىن ئايرىلىدىغان ۋاقتى كەلگەندە، ئولار بىر دەممۇ ئىلگىر كېيىن بولمايدۇ) [ئەئراف سۈرىسى:34]. كىم ئۇلۇپ كەتسە ئونىڭ قىيامىتى قائىم بۇلىدۇ، ۋە ئاخىرەتكە يۆتكىلىدۇ.
كاپىرلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن قەبرىنىڭ ئازابىنىڭ بولىدىغانلىقى، ۋە مۇئمىن سالىھلار ئۈچۈن ئۇنىڭ نىئمەتلىرى بولىدىغانلىقى، نۇرغۇن ئۇلۇغ ئايەتلەر ۋە مۇبارەك ھەدىسلەردە سابىت بۇلدى. بىز ئونىڭغا ئىمان ئىتىمىز ئونىڭ كەيپىتىغا چۆكمەيمىز. چۈنكى ئەقىلنىڭ ئونىڭ ھەقىقەت كەيپىتىنى بىلىدىغان قابىلىتى يوقتۇر. جەننەت بىلەن دوزاخقا ئوخشاش غەيبى دونيادا بۇلغانلىقى ئۈچۈن. ئەقىلنىڭ ئۆلچەش يەكۈنلەش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى دۇنيادىكى كورلىۋاتقان تەڭدىشى ۋە قانۇنى بىلىنگەن نەسىلەردە بۇلىدۇ.
قەبرىنىڭ ئەھۋاللىرى ھىس تۇيغۇ بىلمەيدىغان غەيبى ئىشلاردىن. ئەگەر ھىس تۇيغو بىلەن بىلىنسە غەيبكە ئىمان ئېتىشنىڭ ھېچ پايدىسى بۇلمىغان بۇلىدۇ. ھەمدە تەكلىپنىڭ ھىكمىتى يوقىلىدۇ. كىشلەرمۇ بىر بىرىنى دەپنە قىلىشمىغان بۇلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەرنى بىر بىرىڭلارنى دەپنە قىلىشماي قالمىسۇن دىمىسەم ئاللاھتىن سىلەرگە قەبرى ئازابىنى ئاڭلىتىشنى تىلەيتتىم» (مۇسلىم:2868، نسائى:2058). بۇ ھېكمەت ھايۋانلاردا يوق بۇلغانلىقى ئۈچۈن ئولار ئاڭلاپ بىلەلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «شەكسىز ئۇلار ھايۋان ئاڭلىيالىغۇدەك ئېغىر ئازاب چىكىدۇ» (بۇخارى:6366، مۇسلىم:586)
تىرىلىشنى ئىسپاتلاشقا قۇرئاندىن كەلگەن دەلىللەر:
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىلىرى بار، بۇ دەلىللەر ئىچىدە:
شەكسىز ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يېڭىدىن ياراتتى، باشتا يارىتىشقا قادىر بۇلغان زات قايتا تىرىلدۇرۇشكە ئاجىز كەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاللاھ مەخلۇقاتنى باشتا ياراتقان، ئاندىن ئۇنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇر» [رۇم سۈرىسى:27]. يەنە ئاللاھ تائالا چۈرۈپ كەتكەن سۇڭەكنى تىرىلدۈرۈشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرگە رەددىيە بىرىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېيتقىنكى ئونى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ. ئو بارلىق مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر» [ياسىن سۈرىسى:79].
يەرشارى ئۆلۈك ۋە قاقاس. ئونىڭدا يېشىل دەرەخ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر چۈشسە جانلىنىپ كۆپىشىدۇ، ۋە ئونىڭدا تۇرلۇك ئۇسۇملۈكلەر بۇلىدۇ. ئونى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۇرۇشكە قادىر بۇلغان ئاللاھ. ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۇرۇشكە قادىردۇر. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئاسماندىن مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئىگىز ئۆسكەن مىۋەلىرى سانجاق سانجاق بۇلۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۇردۇق. ئولارنىڭ ھەممىسىنى بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن ئۆستۇردۇق. قاقاس زىمىننى سۇ بىلەن تىرىلدۇردۇق. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىمۇ شونىڭغا ئوخشاشتۇر» [قاف سۈرىسى:9-10].
ھەر بىر ئەقىللىق ئادەم شۇنى بىلىدۇكى، چوڭ بۈيۈك نەرسىگە قادىر بۇلغان زات ئونىڭدىن تۇۋەنگە ئەلبەتتە بەكرەك قادىر. ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زىمىنلارنى، ۋە ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆزىنىڭ چوڭلۇق ۋە كەڭلىك ۋە ئاجايىپ يارتىلىش بىلەن ئۆرنەكسىز پەيدا قىلغانكەن. خارابىلىككە ئايلانغان سۆڭەكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە تېخىمۇ قادىر دۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ياراتقان زات ئولارنىڭ ئوخشىشىنى يارتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟» [ياسىن سۈرىسى:81].
ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مىۋىلىرى:
ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشنىڭ مۇسۇلماننى يېتەكلەشتە ۋە ئونىڭ ياخشى ئەمەللەر ۋە تەقۋادارلىق بىلەن ئىنتىزاملىق بۇلىشىدا. ۋە ناچار سۈپەت بىلەن ناچار ئەخلاقتىن يىراق بۇلۇشىغا چوڭ تەسىرى باردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئاخىرەت كۈنگە ئىشىنىش دائىم سالىھ ئەمەللەر بىلەن باغلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشلەر ئاۋات قىلىدۇ» [تەۋبە سۈرىسى:18]. يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاخىرەتكە ئىمان ئېتىدىغانلار ئونىڭغا ئىمان ئىتىدۇ. ئولار نامازلىرىنى ئۈز ۋاقتىدا تۇلۇق ئادا قىلىدۇ» [ئەنئام سۈرىسى:92].
2-ھايات ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تائەتتىن ۋە ئاللاھقا يېقىن بۇلۇش ئۈچۈن ۋاقىتنى غەنىمەت بىلمەيدىغان بىپەرۋالارنى. ھاياتنىڭ ھەقىقىتىگە ۋە ئونىڭ قىسقىلىقىغا، ۋە مەنگو تۇرىدىغان جاينىڭ ئاخىرەت ئېكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇش. ئاللاھ قۇرئاندا ئەلچىلەرنى مەدھىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئالغاندا ئۇلارنى شۇ ئەمەل ۋە پەزىلەتلەرنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان سەۋەب بىلەن ئۇلارنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان ئالاھىدە خىسلەتكە ئىگە قىلدۇق» [ساد سۈرىسى:46]. دېمەك بۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاخىرەتنى ئەسلەش ئارقىلىق ئالاھىدە پەرقلەندى شۇڭا بۇ ئەسلىمە ئۇلارنى شۇ ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە مەيدانلىق بۇلۇشقا ئۈندىدى.
بەزى مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا ئېغىرلىق قىلغاندا. ئاللاھ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى بەخىت بىلەن تېگىشىشكە رازى بۇلدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى ئالدىدا پەقەت ئەرزىمەس نەرسىدۇر.» [تەۋبە سۈرىسى:38]. بىر ئادەم ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر بەختنىڭ ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن ئۆلچەنمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيدۇ. ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابقا بىر چۈمۈشكە باراۋەر بولمايدۇ، دۇنيادا ئاللاھنىڭ يۇلىدىكى ئازاب، ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن نىئمەتكە بىر چۆمۈشكە تەڭ كەلمەيدۇ.
3-ھەقنىڭ زايا بولماسلىقىدىن خاتىرجەم بۇلۇش: كىمدىن ناھەق زەررە چاغلىق نەرسە ئېلىۋېلىنسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئەڭ ئىھتىياج بۇلۇۋاتقان پەيتتە ئۇنىڭغا ئىرىشىدۇ، شۇڭا نېسىۋىسىنىڭ ھالقىلىق ۋە خەتەرلىك ھالدا قېشىغا كىلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئادەم قانداقمۇ غەم قىلسۇن؟ رەقىبلىرى بىلەن ئۆزىنىن ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلىدىغان زاتنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئادەم قانداقمۇ قايغۇرسۇن؟