ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئۆلۈم ۋە دەپنە

دەرس ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى

ئاللاھ تائالا بىزنى ياراتتى ۋە بۇ دۇنيا ھاياتىدا بىزنى سىناش ئۈچۈن پەيدا قىلدى، ئىنسان مەسىلىسى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، ئەمما سىناق باسقۇچى ئاخىرلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخىرەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچى باشلىنىدۇ، بۇ يەردە كىشىلەر ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە ئۇچرىشىدۇ. بۇ دەرسلىكتە سىز ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا تەلىم ئالىسىز.

نىشان:

  • ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىنى تۇنۇپ چىقىش.
  • ئۈلۈمگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكام ۋە قائىدە-يوسۇنلارنى تۇنۇپ چىقىش.

ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى

ئۆلۈم ئىشنىڭ ئاخىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسان ئۈچۈن يېڭى باسقۇچ ۋە ئاخىرەتتە تولۇق ھاياتنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئىسلام ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ھوقۇقنى قوغداشقا ھېرىسمەن بولغىنىدەك، قازا قىلغانلار نىڭ ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابات ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇشنى تەكىتلىدى.

ئاللاھ بىزنى بۇ دۇنيا ھاياتىدا سىناق قىلىش ئۈچۈن يوقتىن ياراتتى، ئۇلۇغ ئاللاھ ئېيتقاندەك: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر» [مۇلك سۈرىسى:2]. كىمكى ئاللاھقا ئېمان ئېتىپ قورقسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىمكى ئازغۇنلۇق ۋە ئېغىشنى تاللىسا دوزاخقا كىرىدۇ.

ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتىكى ھاياتى، قانچىلىك داۋاملىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرلىشىپ تۈگەيدۇ، ئەبەدىي قېلىش ئەبەدىيلىك ھايات، ئاخىرەتتە بۇلىدۇ، ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ھەقىقى ھاياتلىق ئاخىرەتتىكى ھاياتلىقدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى (دۇنيالىقتىن ئاخىرەتلىكنى ئارتۇق كۆرمەيتتى)»[ئەنكەبۇت سۈرىسى:64].

ئاللاھ تائالا ياراتقان خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشىسىسى بولغان- پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇرلۇق، ئۇ ئىنسانلار ئۆلگەندەك ئۆلىدۇ، ئاندىن ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئايرىش ئۈچۈن جەم بولىدۇ دېدى. «ئى مۇھەممەد سەنمۇ ئۈلىسەن، ئۇلارمۇ ئۈلىدۇ. "ئى خالايىقلار" ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا داۋالىشىسىلەر» (زۈمەر سۈرىسى:30-31)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ۋە ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۇنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىتى بىلەن بۇلىۋاتقان ئەھۋالىنى ئاخىرەتكە سېلىشتۇرۇپ دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا، بىر مەزگىل ئارام ئېلىپ ئۇخلاپ، ئاندىن ئۇنى تاشلاپ كەتكەن يۇلۇچىنىڭ ھالىغا ئوخشىتىپ مۇنداق دېدى. «دۇنيا بىلەن مىنىڭ نېمە ئىشىم بۇلسون؟ مەن بۇ دۇنيادا پەقەت دەرەخنىڭ ئاستىدا سايىداپ ئاندىن تاشلاپ كەتكەن يۇلۇچىغا ئۇخشايمەن». (تىرمىزى رىۋايتى:2377، ئىبنى ماجە رىۋايتى:4109).

ئاللاھ تائالا بىزگە ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەينە ۋاقىتتا ئۇغۇللىرىغا «ئى باللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە ئىسلام دىنىنى تاللىدى، سىلەر پەقەت مۇسۇلمان ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار» [بەققەرە سۈرىسى:132] دىگەن ۋەسىتىنى بايان قىلىپ بەرگەندەك.

ئەگەر بىر ئادەم ئۈزىنىڭ ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئەجىلىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە كىلىدىغانلىقىنى بىلمىسە، ھەمدە ھېچكىم ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئىگە بۇلالمىسا، ئەقىللىق ئادەم چوقۇم كۈن ۋە سائەتلىرىنى تۇغرا ۋە ياخشى ئەمەللەر ۋە ئىتائەت بىلەن تولدۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ھەر بىر قەۋمنىڭ تۇگەيدىغان بىر ئەجىلى باردۇر، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى ئۇلار كىچىككىنەمۇ ئالدى كەينىگە سۈرەلمەيدۇ» [ئەئراف سۈرىسى:34].

كىمكى روھى تېنىدىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قىيامىتى قايىم بۇلۇپ، ئىلمى ئاللاھقا خاس بۇلغان ئاخىرەتكە سەپىرىنى باشلىغان بۇلىدۇ، شۇڭا ئىنساننىڭ ئەقلى ئۇنىڭ تەپسىلىي كەپىيېىتىنى بىلەلمەيدۇ.

شەرىئەت ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئاندىن ئۆسەش بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدىن تا ياشانغىچە بولغان باسقۇچلاردا ھۈكۈم ۋە ئەخلاق بەلگىلەپ رىئايە قىلغانغا ئوخشاش، بىزگە ئۆلۈكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى كۆزدە تۇتىدىغان بەلگىلىمە ۋە ئەخلاقنى قانۇن تۇرغۇزۇپ بەردى، دىننى مۇكەممەللەشتۈرگەن، بەختنى تاماملىغان ۋە بىزنى بۇ ئۇلۇغ دىنغا يېتەكلىگەن ئاللاھقا سانسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك قائىدە يوسۇنلار

1- سەكىرات ۋاقتىدا

كېسەلنى يوقلىغان كىشى ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى كېرەك، ھەمدە بۇ كېسەلنىڭ گۇناھلارنى پاكلىشى ۋە خاتالىقلارنى كەچۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى كېرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەللەرگە ئېتقاندەك: «ئۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق، ئاللاھ خالىسا ئۇ (گۇناھلارنى) پاكلايدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:3616).

ھەمدە كىسەل يۇقلىغۇچى بىمارنىڭ كېسەلگە بەرداشلىق بىرىدىغان ۋە ساقىيېشقا رۇھلاندۇردىغان سۆز ۋە ئىبارىلەرنى تاللاپ، مۇۋاپىق شەرائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئاللاھ تەرىپكە دەۋەت قىلىپ، بىمارغا ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ھېكمەت ۋە چىرايلىق نەسىھەت ئۇسۇلى بىلەن ئەسلىتىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسەللام بۇ تۇغرىدا مىسىل سىز بىر ئۆرنەك قالدۇرغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېدى: «بىر يەھۇدى بالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامغا خىزمەت قىلاتتى، ئۇ ئاغرىپ يېتىپ قېلىۋىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئۇنى يوقلاپ يېنىغا كەلدى، ۋە بېشىغا يېقىن ئولتۇرۇپ ئونىڭغا ئىسلامغا كىرىش تەلىپىنى قۇيدى، ئونىڭ يېنىدا دادىسى بار ئىدى، ئو داىدىسىغا قارىدى، دادىسى ئونىڭغا ئەبۇل قاسىمغا بۇيسۇن دىۋىدى، ئو شۇھامان ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىىۋېتىپ ئۇنى ئوتتىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېدى (بۇخارى رىۋايتى:1356).

2- سەكىراتتىكى كىشىگە تەۋھىد كەلىمىسىنى ئەسلىتىش.

ئەگەر بىمارغا ئۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنسە، ئۇنى جەننەتنىڭ ئاچقۇچىسى بۇلغان (بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق) دىگەن كەلىمەنى دېيىشكە ھېكمەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسلۇب بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش مۇستەھەپ بۇلىدۇ.

ئۇ كەلىمە ئىنسان ھاياتىدا ۋە ئۈلەر ۋاقتىدا ئېيتىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ سۆزدۇر، ئۇ سۆز كىمنىڭ دۇنيادىكى ئاخىرقى سۆزى بولۇشقا نىسىپ بۇلسا، ئۇ ئۇلۇغ شەرەپكە ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئېتقاندەك: «كىمنىڭ دۇنيادىكى ئاخىرقى سۆزى "بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق" دىگەن كەلىمە بۇلسا جەننەتكە كىرىدۇ» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:3116).

3- سەكىراتتىكى كىشىنى قىبلەگە قارىتىش.

جان ئۈزىۋاتقان كىشىنىڭ يۈزىنى قىبلەگە قارىتىش مۇستەھەپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەيتۇللاھ سىلەرگە ئۈلۈك تىرىك ھالەتتە قىبلە دۇر» (ئەبۇداۋد رىۋايتى:2875) جان ئۈزىۋاتقان كىشى قەبرىدە قىبلىگە قايلىتىپ ئوڭ تېرىپىگە ياتقۇزۇلغاندەك ياتقۇزۇلىدۇ.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ