ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئۆلۈم ۋە دەپنە

دەرس ۋەسىيەت ۋە مىراس

ئىسلام قانۇنى بىر مۇسۇلماننىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىغان ۋەسىيەت قىلىشىغا يول قويىدۇ، شانلىق شەرىئەتتە ئۆلۈكلەرنىڭ مىراسىنىڭ ئېسىل تەقسىملىنىشى بار بۇلۇپ. بۇ دەرسلىكتە سىز ۋەسىيەت ۋە ۋارىسلىقنىڭ بەزى ھۈكۈملىرىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

نىشان: 

  • ۋەسىيەتنىڭ مۇرادىنى بىلىش.
  • ۋەسىيەتنىڭ تۈرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بىلىش.
  • مىراسنىڭ مۇرادىنى بىلىش.

ۋەسىيەتنىڭ مەنىسى

ۋەسىيەتنامە دېگەن: ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تاپالانغان ئىشنى تەۋسىيە قىلىنغان كىشىدىن تەلەپ قىلىشدۇر، بىر قىسىم پۇلىنى مەسچىت سېلىشقا تەۋسىيە قىلغان كىشىگە ئوخشاش.

تەۋسىيە

بىر مۇسۇلماننىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ پۇل ماللىرىدا ۋەسىيەت قىلىشى يۇللۇقتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «بىر مۇسۇلماننىڭ ۋە سىيەت قالدۇرغىدەك نەرسىسى بۇلۇپ، ئۇنى يېزىپ قالدۇرماي ئىككى كىچىنىڭ ئۈتۈپ كىتىشى لايىق ئەمەستۇر» ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھما مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن بۇيان ۋەسىيىتىم يېنىمدا بۇلمىغان بىر كېچىمۇ ئۈتۈپ باقمىدى» (بۇخارى رىۋايتى:2738، مۇسلىم:1627).

ئاللاھ تائالا كىتابىدا مىراسنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن ۋەسىيەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ۋە قەرزنىڭ ئادا بۇلىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «"بۇ تەقسىمات" مېيىتنىڭ ۋەسىتى ئۇرۇندالغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ» [نىسا سۈرىسى:11]

تەۋەسىيەنىڭ ئەھۋاللىرى

بۇ تەۋسىيەنىڭ بىر قانچە ھالەتلىرى بۇلۇپ.

1- ۋاجىپ تەۋسىيە

ئەگەر بىر مۇسۇلماننىڭ قەرزى ياكى ئىقتىسادىي ھوقۇقى بولۇپ، ئۇنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات ياكى ھۆججەت بولمىسا، بۇ ھوقۇقلارنى ھۆججەت بىلەن ئىسپاتلاشقا تەۋسىيە قىلىش ۋاجىپ بۇلىدۇ. چۈنكى قەرزنى ئادا قىلىش بىر مەجبۇرىيەت، بولمىسا ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان نەرسەنىڭ بۇلىشى ۋاجىپتۇر.

2- مۇستەھەپ تەۋسىيە.

بۇ بىرمۇسۇلمان ئۆلگەندىن كېيىن بىر قىسىم پۇلىنى خەير-ساخاۋەت ساھەلىرىدە ئىئانە قىلىشتۇر. بىر قىسىم نامرات تۇغقانلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىغاندەك، ۋە شۇنىڭغا ئۇخشىغان ئىشلاردا، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قاتار ئىشلار بەلگىلەنگەن:

ئا- ۋەسىيەتنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بىرىگە بولماسلىقى، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ نېسىۋىسىنى بۆلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ۋارىسلىق قىلغۇچىغا تەۋسىيە يوق» دېگەن: (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:3565، تىرمىزى:2120، ئىبنى ماجە :2713).

ب-ۋەسىيەت: پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمەسلىكى كېرەك، ئۇ پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىمۇ بۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆپى چەكلىنىدۇ. ساھابە كىراملارنىڭ بىرى ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق ۋەسىيەت قالدۇرماقچى بولغاندا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۈچتىن بىرى ۋە ئۈچتىن بىرى دىگەن كۆپ» (بۇخارى رىۋايتى:2744، مۇسلىم:1628)

ج-ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ باي بولۇشى، قالغان پۇلنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا كۇپايە قىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابە سەئد بىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئىرادە قىلغاندا مۇنداق دېگەن. «ۋارىسلىرىڭنى كىشلەردىن سۇراشقا مۇھتاج قۇيشىڭدىن باي ھالدا قويشىڭ ئەۋزەلدۇر» (بۇخارى رىۋايتى:1295، مۇسلىم:1628)

3- مەكرۇھ تەۋسىيە

ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ پۇل مېلى ئاز بۇلۇپ، ۋارىسلىرى ئېھتىياجلىق بولسا، مىراسخۇرلىرىنى قىيىنچىلىقتا قۇيغان بۇلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئد رەزىيەللاھۇئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ۋارىسلىرىڭنى كىشلەردىن سۇراشقا مۇھتاج قۇيشىڭدىن باي ھالدا قويشىڭ ئەۋزەلدۇر» (بۇخارى رىۋايتى:1295، مۇسلىم:1628).

4- ھارام تەۋسىيە

ئۇ شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىدىغان تەۋسىيە بۇلۇپ، ۋارىسلار ئارىسىدىن چوڭ ئوغلىغا ياكى ئايالىغا پۇل ۋەسىيەت ياكى قەبرىسىگە گۈمبەز سېلىشنى تەۋسىيە قىلغانغا ئۇخشاشتۇر.

قانۇنىي تەۋسىيەنىڭ مىقدارى

ۋەسىيەتنامە ئۈچتىن بىر قىسىمغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئازايتىش تىخى ياخشىدۇر. سەئد بىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەن پۇللىرىمنىڭ ھەممىنى ۋەسىيەت قىلسام بۇلامدۇ؟ دىگەندە: ئۇ ياق دېدى: يېرىمنى؟ دېدىم: ئۇ ياق دېدى: ئۈچتىن بىرىنى؟دېدىم: ئۇ ئۈچتىن بىرى بۇلىدۇ، ئۈچتىن بىرىمۇ كۆپ. سەن ۋارىسلىرىڭنى كىشلەرنىڭ قولىدىكىنى سۇرايدىغان يۇقسىز ھالدا تەرك ئەتكىنىڭدىن باي ھالدا تەرك ئەتكىنىڭ ياخشىدۇر دېدى» (بۇخارى رىۋايتى:2742).

ۋارىسى يوق كىشىگە ئۈچتىن بىرىنىڭ ئورنىغا بارلىق پۇلنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇسدۇر.

تەۋسىيەنى ئىجرا قىلىشنىڭ ھۆكمى

ئۆلگۈچىنىڭ ۋەسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاجىپ بولۇپ، تەۋسىيە قىلىنغان كىشى ئۇنىڭ دۇرۇسلۇق شەرتلىرى تۇلۇق تۇرۇغلۇق ئورۇندىمىسا گۇناھكار بولىدۇ، ئاللاھنىڭ «ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرگە بولىدۇ، شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» [بەقەرە سۈرى:181]

مىراس

ئەگەر بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تاپقان پۇلىغا ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ، ئۆلگۈچىنىڭ قەرزىنى تۆلەپ ۋە ۋەسىيەتنامىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، ئىسلام بىزگە مىراسنى بۆلۈشۈش ۋە ئۇنىڭغا ھەقلىق ھەر بىر كىشىگە ھەققىنى بېرىشنى يولغا قۇيدى.

قۇرئان ۋە پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى مىراسخۇرلار ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولماسلىقى ئۈچۈن، مىراسلارنى بۆلۈش ئۇسۇلىنى بىزگە ئايدىڭلاشتۇردى. مىراس تۇغرىسىدا ھۈكۈم قىلغۇچى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەڭ داناسى بۇلغان پاك ئاللاھتۇر، شۇڭا ھېچكىمنىڭ ئۇنى بىرەر دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە زىت دىگەن باھانە بىلەن ئۇنى ئۆزگەرتىشى ياكى ئالماشتۇرشى دۇرۇس ئەمەستۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مىراس ئايىتىن كېيىن مۇنداق دېدى:«ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇردىغان- كىرگەنلەر مەڭگۇ قالىدىغان- جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ چوڭ قازىنىشتۇر» [نىسا سۈرسى:13]

ئۆلگۈچىنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى، تۇغقىنى ئۆلگەندىن كېيىن، مىراسنى شەرېئەت بۇيچە تەپسىلى بۆلۈشنى بىلىش ئۈچۈن بىلىم ئىگىلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشى، ھەمدە مالىيە ماجىراسى ۋە جېدەل-ماجىرالاردىن ساقلىنىشى كېرەك.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ