دەرس قۇرئان كەرىمنى تۇنۇشتۇرۇش
بۇ دەرس ئۆگەنگۈچىگە «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھەقىقىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا لاياقەتلىك بۇلۇشقا، ئۇنىڭ قانداق نازىل قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ توپلىنىش باسقۇچلىرىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ.
نىشان:
- قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ پارىلىرى ۋە سۈرىلىرىنىڭ سانىنى تۇنۇپ چىقىش.
- قۇرئاننىڭ توپلىنىش باسقۇچلىرىنى تۇنۇپ چىقىش.
18,719 باشقا بىر ئوقۇغۇچى بۇ دەرسنى تاماملىدى
بۇ دەرسنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكى تىللاردا بار:
قۇرئان كەرىم
ئاللاھ تائالا قۇرئاننى خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ تۇگەنجىسى بۇلغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامغا ئىنسانىيەتنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھ تەرېپتىن پەيغەمبەر ۋە ھەقنى ئايدۇڭلاشتۇرغۇچى كىتاپ كەلدى، ئاللاھ شۇ كىتاپ ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يۇللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ۋە ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇلارنى قاراڭغۇلىقتىن يۇرۇغلۇققا چىقىرىپ تۇغرا يۇلغا باشلايدۇ» (مائىدە سۈرىسى:15-16)
قۇرئان كەرىمنىڭ ئېنىقلىمىسى
قۇرئان كەرىم: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان، تىلاۋەت قىلىشى ئىبادەت سانىلىندىغان، فاتىھە سۈرىسى بىلەن باشلىنىپ، ناس سۈرىسى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان. ئاللاھنىڭ مۆجىزە سۆزىدۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بۇلىشى
قۇرئان كەرىم رەسۇلۇللاھقا تۇنجى نازىل بولغاندا رامىزاننىڭ قەدىر كېچىسى نازىل بولغان، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «شەكسىز بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسى نازىل قىلدۇق» [قەدر سۈرىسى:1] يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «رامزان ئېيى شۇنداق ئايكى، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولىدىغان دەلىل پاكىتلىق، ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئايدۇر» [بەقەرە سۈرىسى:185]
قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى
قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىسىنىڭ سانى (114) يۈز ئون تۆت بولۇپ، بىرىنچىسى فاتىھە، ئاخىرقىسى ناستۇر.
قۇرئان كەرىم ئوتتۇز پارە، ۋە ئۇنىڭ بۈلۈنۈشى ئاتمىشدۇر.
قۇرئاننى يېزىش ۋە توپلاش
قۇرئاننى يېزىش ۋە توپلاشنىڭ ئۈچ باسقۇچى بار:
بىرىنچى باسقۇچ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە
بۇ باسقۇچتا يازغۇچىلار ۋە يېزىقچىلىق ۋاسىتىلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، يېزىشتىن كۆپرەك يادىلاشقا تاينىلغان، ئاشۇنىڭ ئۈچۈن بىر قۇرئاندا توپلانمىغان. بەلكى بىر ئايەتنى ئاڭلىغان كىشى يادا قىلىۋالاتتى، ياكى ئۇنىڭ قېشىدا تېپىلغان خورما شېخى، ۋە تىرە پارچىسى، ۋە ئاق يايپاڭ تاش، ۋە سۇنۇپ كەتكەن تاغاق سۈڭەكلەرگە يېزىۋالاتتى، قارىلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.
ئىككىنچى باسقۇچ: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدە.
ھىجرەتنىڭ 12-يىلى، ئەل-يامامە ئۇرۇشىدا نۇرغۇن قارىلار شەھىت قىلىنغاندا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ قۇرئان زايا بۇلاپ كەتمىسۇن دەپ توپلاشقا بۇيرۇدى.
زەيد بىن سابىت رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېدىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ، يامامە غازىتىدا كۆپ قارىلار شەھىت قىلىنغاندا، ماڭا ئادەم ئەۋەتتى، كەلگىنىمدە يېنىدا ئۆمەر بىن خەتتاب بار ئىكەن، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۆمەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، يامامە غازىتىدا قارىلار بەك ئۆلتۈرلىنىپ كەتتى، باشقا ئۇرۇنلاردىمۇ ئۇرۇش يۈزبەرسە، قارىلار يەنە شەھىت قىلىنىپ، قۇرئاننىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يۇقۇلۇپ كىتىشىدىن قورقىۋاتىمەن، شۇڭا قۇرئاننى توپلاشقا بۇيرۇغان بولساڭ دەيمەن دېدى: مەن ئۆمەرگە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىشنى قانداق قىلىسە؟» دېسەم، ئۆمەر ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ بىر ياخشى ئىش دېدى: «ئۆمەر مەندىن (بۇتوغورلۇق) ئۈزۈلمەي ئىلتىماس قىلدى، ھەتتاكى ئاللاھ منىڭ قەلبىمنى ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قۇبۇل قىلىشقا ئاچتى، ئۆمەرنىڭ كۆز قارىشىنى توغرا دەپ قارىدىم». زەيد، ئەبۇ بەكرى ماڭا سەن بىر دانا ياش، بىز سېنى قارلىمايمىز، سەن ئىلگىرى رەسۇلۇللاھ غا ۋەھىينى يازغان، قۇرئاننى ئىزدىنىپ توپلىغىن دېدى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مىنى قۇرئان توپلاشقا بۇيرىغاننىڭ ئورنىغا، تاغنى يۆتكەشكە بۇيرىغان بولسا، ئۇنداق ئېغىر ھىس قىلمايتتىم، شۇڭا مەن ئۇلارغا «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلمىغان ئىشنى قانداق قىلىسىلەر؟» دېدىم، ئەبۇبەكرى، ئۇ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ياخشى ئىش دەپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى، ھەتتاكى ئاللاھ تائالا مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر قارىغان كۆز قاراشقا مايىل قىلدى. مەن قۇرئاننى ئېزدىنىپ ئۇنى خۇرمنىڭ شاخلىرى ۋە ياپىلاق تاشلار ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆكرىكىدىن توپلاشقا باشلىدىم، توپلانغان قۇرئانلار ئەبۇ بەكرى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ يېنىدا بۇلغان ئىدى، ئاندىن ئۆمەر نىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭ قېشىدا بولغان، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قىزى ھەفسە يېنىدا بولغان» (بۇخارى رىۋايتى:4986).
ئۈچىنچى باسقۇچ: ئوسمان بىن ئەففان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدە.
ئوسمان بىن ئاففان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، ئىسلام دۆلىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى، ھەر قايسى شەھەر خەلقى ئۇلارغا قۇرئان ئۆگەتكەن ساھابىلارنىڭ ئۇسۇلىنى قوللاندى. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ كۆپلىكى پىتنە پەيدا قىلىش قورقۇنچىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بولۇپمۇ قۇرئاننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىمىغانلار، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا تالاش تارتىش قىلىپ چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ كىشىلەرنى بىر قۇرئانغا توپلاشقا بۇيرۇدى.
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھۇزەيفە بىن ئەل يامانى رەزىيەللاھۇئەنھۇ شام خەلقى ۋە ئىراق خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ئەرمەنىستان بىلەن ئەزەربەيجاننى فەتھى قىلىش ئۈچۈن غازات قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئۇخشىماس ئۇسلۇپتا ئۇقۇشلىرى ئۇنى بىئارام قىلدى، ئۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ما خەلىقنى يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك بۇلاپ كىتشتىن بۇرۇن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغان بۇلسىلا، دېدى: ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەفسە رەزىيەللاھۇئەنھاغا ئەلچە ئەۋەتىپ: «بىزگە "قۇرئان توپلانغان" قەغەزلەرنى ئەۋەتكەن بۇلسىڭىز، بىز ئۇلارنى قۇرئانغا كۆچۈرۈۋەلىپ، ئاندىن ئۇلارنى سىزگە قايتۇرپ بىرىمىز» دېدى. ھەفسە رەزىيەللاھۇئەنھا ئۇنى ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇغا ئەۋەتتى، ۋە ئۇ زەيد بىن سابىت، ۋە ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىر، ۋە سەئىد بىن ئەلئاس، ۋە ئابدۇراھمان بىن ئەلھارىس بىن ھىشام لارنى، قۇرئاننى كۈچۈرۈشكە بۇيرىدى» (بۇخارى رىۋايتى:4987).