نۆۋەتتىكى بۆلەك :قۇرئان كەرىم
دەرس «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدە پىكرى يۇرگىزىش ۋە تەپسىر قىلىش.
قۇرئان كەرىمنى ئىزاھلاش ۋە تەدەببۇر قىلىش.
ھەر بىر مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمنى توغرا ئوقۇشقا، ئۇنى ئويلىنىشقا، ئۇنىڭ مەنىسى بۇيرۇق ۋە چەكلەشلىرى ھەققىدە پىكرى يۈرگىزىشكە، ۋەئۇنىڭ تەپسىرى ۋە ھۆكۈملىرىنى ئۆگىنىشىكە، ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخىت سائادىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ھەرىس بۇلۇشى لازىمدۇر.
تەدەببۇر قىلىش (پىكرى يۈرگىزىشنىڭ) مەنىسى
تەدەببۇر قىلىش (پىكرى يۈرگىزىش) دېگەن: ئايەتلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىپ ئويلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەسىرلىنىش دېمەكتۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە پىكرى يۈرگۈزچىنڭ ئويلىنىشى ۋە چۈشىنىشى توغرا بۇلۇش ئۈچۈن، ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەنىسىنى بىلىشى كېرەك.
قۇرئان كەرىمنى تەدەببۇر قىلىشنىڭ ئورنى
ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ئۇلۇغ قۇرئاننى ئويلىنىشى، ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭ بۇيچە ھايات كەچۈرشى ۋاجىپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! «بۇ مۇبارەك كىتاپنى بىز ئەقىل ئىگىلىرى تەدەببۇر قىلىپ ۋەزە نەسىھەت ئالسون ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلدۇق» [ساد سۈرىسى:29] ئۇلۇغ ئاللاھ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار (ھەقنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن) قۇرئاننى تەدەببۇر قىلماممدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ دىللىرى قۇلۇپلانغانمۇ؟» [مۇھەممەد سۈرىسى:24]
تەپسىر دېگەن: قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىنى ئىزاھلاش ۋە بايان قىلىش دېمەكتۇر.
تەپسىرنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭغا ئېھتىياج بۇلۇش.
تەپسىر شۇناسلىق ئىلمى: ئاللاھنىڭ كىتابىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى، ۋە ئاللاھنىڭ سۆزىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇنىڭدىن نېمە مەقسەت قىلىنغانلقىنى بىلىشكە ياردەمچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ پايدىلىق ۋە قىممەتلىك ئىلىملەرنىڭ بىرىدۇر. تەپسىر ئىلمى ئارقىلىق مۇسۇلمان ياخشى ئەمەل قىلىشقا يول تېپىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ جەننىتىنى قازىنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىسىل كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش، ۋە ئۇنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن ساقلىنىش، ئۇنىڭ قىسسىلىرىدىن ساۋاق ئېلىش، ۋە خەۋەرلىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. تەپسىر ئىلمىنى بىلىش بىلەن ئىنسان ھەقىقەتنى باتىلدىن پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە ۋە كۆرسەتمىلىرىگە يېتىشتىكى ھەر قانداق ئۇقۇم سىزلىق يۇقىلىدۇ.
ساھابىلارنىڭ قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ۋە تەپسىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىلىۋەلىشقا كۈڭۈل بۈلۈشى.
ساھابى كىراملار رەزىيەللاھۇئەنھۇم قۇرئاندىن چۈشۈنەلمىگەنلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سۇرشاتتى، ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: «ئىمان ئېتىپ ئىمانىغا زۇلۇمنى ئارلاشتۇرمىغانلار» [ئەنئام سۈرىسى:82] پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ئېغىر كەلدى، ئىچىمىزدە ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ سالمىغان قايسىمىز بار؟ دېدىلەر: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، بەلكى لۇقمان ئوغلىغا ئېيتقاندەك: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شىرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر» [لۇقمان سۈرىسى: 13]» بۇخارى رىۋايتى:6937)، مۇسلىم رىۋايتى:124).
قۇرئان كەرىمنى ئىزاھلاش ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشتە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارغا رۇجۇ قىلىنىدۇ:
بىرىنچى: قۇرئاننى قۇرئان بىلەن ئىزاھلاش
چۈنكى ئۇنى نازىل قىلغۇچى ئاللاھ، ئۇنىڭدىن نېمە مەقسەت قىلغانلىقىنى بەك بىلگۈچىدۇر.
مەسىلەن: ئاللاھنىڭ سۆزى: «بىلىڭلاركى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دۇستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئازاپتىن) قۇرقۇش، (دۇنيادا قىلالمىغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر، ئۇلار ئىمان ئېتقان ۋەتەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر» [يۇنۇس سۈرىسى:62-63] دۇستلىرى دېگەننى ئاللاھ تائالا ئۈزىنىڭ «ئۇلار ئىمان ئېتىپ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغانلار» دېگەن سۈزى بىلەن تەپسىرلىدى.
ئىككىنچى: قۇرئاننى سۈننەت بىلەن ئىزاھلاش
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكۈزگۈچىدۇر، ئۇ زات ئاللاھنىڭ سۆزىدىن نېمە مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كىشلەردىن بەك بىلگۈچىدۇر.
بۇنىڭ مىساللىرىدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 'كۈچ قۇۋەت' دېگەننى 'ئېتىش' بىلەن ئىزاھلىشى، ئۇقبەتەبنى ئامېرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ «دۈشمىنىڭلار ئۈچۈن قۇلۇڭلاردىن كېلىشچە كۈچ تەييارلاڭلار» [ئەنفال سۈرىسى:60] (ئايەتنىڭ تەپسىرىدە) بىلىڭلاركى! كۈچ دېگەن ئېتىشتۇر، بىلىڭلاركى! كۈچ دېگەن ئېتىشتۇر، بىلىڭلاركى! كۈچ دېگەن ئېتىشتۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى. (مۇسلىم رىۋايتى:1917)
ئۈچىنچىسى: ساھابە رەزىيەللاھۇئەنھۇم لارنىڭ ئىزاھاتى.
ئۇلار ئايەتنىڭ تەپسىرلىرىنى ياخشى بىلىگۈچىدۇر: ئۆزىگە خاس بولغان شارائىت ۋە ئىسباتلارغا شاھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ئۆزلىرىدە تولۇق چۈشەنچە ۋە توغرا بىلىم ۋە سالىھ ئەمەللەر بولغانلىقى ئۈچۈن.
ئۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى: ئاللاھنىڭ سۆزىدە: «ئەگەر سىلەر كېسەل بولساڭلار، ياكى سەپەردە بولساڭلار، ياكى بىرىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن بولسا ياكى ئاياللىرىڭلارنى تۇتقان بولساڭلار» [نىسا سۈرىسى:43] ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن، ئاياللارنى تۇتۇشنى جىما دەپ تەپسىر قىلغانلىقى كۈچلۈك ئىسباتلاندى. (تەپسىر تەبرى، 8/ 389).
تۆتىنچى: تابىئىنلەرنىڭ ئىزاھاتى
ئۇلار تەپسىرنى ساھابىلەردىن ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلەر، چۈنكى ئۇلار ساھابىلەردىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئۇلار ئۆزلىرىدىن كېيىنكى كىشىلەرگە كۆرە ئېغىپ كىتىشتىن ساغلامدۇر، ھەمدە ئۇلارنىڭ دەۋرىدە ئەرەب تىلى ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمىگەن، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىدىن كېيىنكىلەرگە قارىغاندا قۇرئاننى توغرا چۈشىنىشكە يېقنراقتۇر.
مۇسۇلماننىڭ قۇرئاننى ئىزاھلاش مەجبۇرىيىتى
مۇسۇلمان قۇرئاننى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشتە گاڭگىراپ قالسا، تەپسىر كىتابلىرىغا، ۋە ئىتىبارغا ئېلىندىغان تەپسىر شۇناس ئۆلىمالار ۋە ئوبزورچىلارنىڭ سۆزىگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك.
ھەر بىر مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىش ئىمكانىتىگە ئىگە بۇلالمايدۇ، بەلكى ئۇ تەپسىر شۇناس ئۆلىمالارنىڭ ئىشىدۇر، شۇڭا ئۇمۇمى مۇسۇلمانلار بىلىمسىزلىك ھالىتى بىلەن بۇنىڭغا ئىنتىلمەسلىكى كېرەك. چۈنكى تەپسىر قىلغۇچى ئاللاھ تەرەپتىن تەرجىمان ۋە ئاللاھ سۆزىدىن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى دىمەكتۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەپسىر قىلغۇچى بۇ گۇۋاھلىقنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە بىلمەستىن ئاللاھ نامىدىن سۆزلەپ، ئۇ سەۋەپلىك ئاللاھ چەكلىگەن ئىشقا چۈشۈپ قېلىپ قىيامەتتە رەسۋا بۇلۇشتىن قۇرقىدىغان بۇلۇشى لازىمدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېتقىنكى «رەببىم ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، ناھەق تاجاۋۇز قىلىشنى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېركى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشىڭلارنى ۋە ئاللاھ ھەققىدە ئۈزۈڭلا بىلمەيدىغان نەرسىنى سۆزلىشىڭلانى ھارام قىلدى» [ئەئراف سۈرىسى:33]
«قۇرئان كەرىم» نىڭ تەپسىرىدە تۈزۈلگەن نۇرغۇن كىتابلار بار، ئۇلار قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئوخشاش بولمىغاچقا، مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى، ئاپتورلىرى تەپسىر قائىدىسىگە ئەمەل قىلغان.ئىشەنچلىك تەپسىرلەرگە تايىنىشتۇر. بۇ كىتاپلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى: