نۆۋەتتىكى بۆلەك :يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر
دەرس يۇقۇملۇق ئەھۋاللىرىدكى دەرس ۋە ۋەز-نەسىھەتلەر
يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئاللاھنىڭ كىشىلەرگە، مۇسۇلمانلارغا ۋە كاپىرلارغا چۈشىدىغان تەقدىرىنىڭ بىرىدۇر، ئەمما مۇسۇلماننىڭ سىنىلىش ئەھۋالى باشقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئاللاھ بۇيرۇغان بۇيچە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. يەنى: ئۇ يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالسا، سەۋرە جانلىق بىلەن داۋالىنىدۇ.
پەقەت مىكروسكوپ بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىغان ئاجىز مەخلۇق سەۋەبىدىن يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدا ۋە كورونا يۇقۇمىغا ئوخشاش روھلاردا ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلىش - ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كۈچى ۋە جانلىقلارنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇلار قانچىلىك ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە كۈچسىزلىكى چەمبىرىكىدىن چىقالمايدۇ، ئاللاھنىڭ كۈكلۈك لىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر، يەر يۈزىدە ياكى ئاسماندا ھېچ نەرسە ئۇنى ئامالسىز قالدۇرالمايدۇ.
قازا ۋە قەدەر ھەقدۇر.
مۇسۇلمانلار كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئاللاھ يارىتىشتىن ئىلگىرى ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ۋە يازغان دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ، بۇ ئىشەنچ ئۇلارنى ۋەھىمە ئالدىدا خاتىرجەم ۋە مۇستەھكەم قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ پەرمانىنى كۆڭلىنىڭ خۇۇشاللىقى بىلەن قوبۇل قىلىشقا تۈرۈتكە بۇلىدۇ.
ۋەزە نەسېھەت ۋە ئىبرەت ئېلىش.
مۇسىبەت ۋە سىناقلار مۇسۇلمانغا تۈرلۈك ئەھۋاللاردا بۇلىدۇ:
بالايىئاپەتلەر كەلگەندە قىلىنىدىغان ئۇلۇغ ئىبادەتلەر ئىچىدە: ئاللاھ تائالاغا بۇيسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىش ۋە زارلىنىپ قۇلچىلىق قىلىش، ۋە بالايې ئاپەت غەملەرنى كۈتۈرۈۋىتىشنى بىر ئاللاھتىن سۇراش قۇلچىلىقىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇ لارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۇشكەندە يېلىنسا بۇلمامتى؟ لىكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى» (ئەنئام سۈرىسى:43) سەمىمىي دۇئا پەردىلەرگە سىڭىپ كىرىپ ئارىلىقنى يۇقۇتۇپ، تەڭداشسىز رەھىمدىلىڭ ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەر! منىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن تۇغۇرلۇق سۇرسا، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىن، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن» (بەقەرە سۈرىسى:186) ۋەھ بىن مۇنەببىھ، رەھمەتلىك مۇنداق دېدى: "بالايىئاپەت دۇئانى چىقىرىشقا چۈشىدۇ".
ئاللاھنىڭ ئازاىبىدىن بىخارامان بۇلۇپ ئۈزىنى ئالداشتىكى ئەڭ چوڭ بىخۇتلۇقنىڭ بىرى، بۇ بالايىئاپەت ۋە كېسەللىكلەر بىزدىن يېراق دەپ ئېتىقاد قىلىشىمىز، ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن گۇناھلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، گەرچە قۇرئان كەرىمدە بىر نەچچە ئايەتتە دەلىللەنگەن بولسىمۇ، بىز ئۇنى ئەڭ ئاخىردا ئويلىشىمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «سىلەر دۇشمىنىڭلارغا يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمى بېشىڭلارغا كەلسە، بۇ قەيەردىن كەلدى دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، بۇ ئۈزۈڭلاردىن بۇلدى» يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «سىلەرگە قانداق مۇسىبەت يەتسە ئۆز قىلمىشىڭلار تۇپەيلىدىن يېتىدۇ، ئاللاھ كۆپلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ» (شۇرا سۈرىسى:30)
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە كۈيۈمجاندۇر.
ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى تايىنىش سىناق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يېڭىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، شۇڭا پات يېقىندا قۇتقۇزۇشقا ئىشىنىڭ. ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۈمىدۋارلىقنى تارقىتىپ، قايغۇرۇش ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى ھېچقانداق قىيىنچىلىق ئىككى كەڭچىلىك ئۈستىدىن غالىب كەلمەيدۇ. ئاللاھ ئېتقاندەك: «ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن چۇقۇم بىر ئوڭايلىق بار، ھەقىقەتەن ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار» (شەرھ سۈرىسى:5-6)
يامانلىقلارنى دەپئى قىلدىغان سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىن مۇمكىن بولغان ۋە يولغا قويۇلغان ماددىي سەۋەبلەرنى قىلىش، ئاللاھ كائىناتتا بېكىتكەن قانۇنلاردىن بىرىدۇر. ئۇنداق سەۋەبلەرنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلارمۇ قىلغان. ئەنە شۇ سەۋەبلەرنى قىلىش ئاللاھقا قىلىنغان تەۋەككۇلنى تاماملايدىغان ۋە ئاللاھقا قىلىنغان بەندىچىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ.
بۇ دۇنيا خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە خۇشاللىقىنى، ۋە بىخەتەرلىك مۇقىملىقىنى، ۋە تۇرمۇشىنى كۆڭۆل سىز قىلىدىغان يوشۇرۇن بىر مەخلۇقتۇر. مۆئمىننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەقىللىق ئادەم ئۇنى ۋەتەن ۋە قارارگاھ قىلىپ ئۇنىڭدا خاتىرجەم ھۇزۇلۇنۇپ، ئۇنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ قالدۇقلىرى ئۈچۈن رىقابەتلىشەمدۇ؟!
شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ ۋىرۇسلار ئاللاھنىڭ ئالەم ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقۇتۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ۋەزە نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئېلىشقا، ۋە قۇللۇقىنىڭ قورقۇنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈندەيدىغان ئامىلدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەقەت مۆجىزىلەرنى قۇرقۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمىز» (ئىسرا سۈرىسى:59)
قۇللۇق قۇرقۇنجىسىنى خاتىرلەش ئاللاھنىڭ مۆجىزلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ۋاقىت مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى مېلىنىڭ كاپتالىدۇر، ئۇ مالدىنمۇ قىممەتلىك، ۋە ھەر قانداق باھادىنمۇ قىممەتتۇر. ئىبنى ئابباس، رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر يوقىتىپ قۇيدىغان ئىككى نىئمەت بار: ساغلاملىق ۋە بوش ۋاقىت» (بۇخارى 6412).