نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس ئىجارە
ئۇ مەلۇم بىر خىزمەت ئۈچۈن، ياكى بىراۋنىڭ ئىلىكىدىكى مەلۇم نەرسىدىن ياكى تەسۋىرلەنگەن نەرسىدىن توغرا شەكىلدە مەلۇم پۇلغا مەلۇم مەزگىل پايدىلىنىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن توختامدۇر.
ئىجارەنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ھۆكمى
ئىجارىنىڭ دۇرۇسلىقىنىڭ دەلىللىرى
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ديېل قەبىلىسىدىن ماھىر يېتەكچى بىر ئادەمنى يول باشلاشقا ياللىدى، ئۇ ئادەم قۇرەيش كاپىر لىرىنىڭ دىنىدا ئىدى، ئۇنىڭغا مىنىدىغان تۇگىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن سۆر ئۆنكۈرىدە كۈرۈشۈشكە ۋەدەلەشكەن، ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە ئىككى تۈگىنى ئېلىپ كەلگەن» (بۇخارى رىۋايتى:2264)
ئىجارەنىڭ يولغا قۇيۇلۇش ھېكمىتى
ئىجارە تۈرلىرى
ئىشچىنىڭ تۈرى
خاس ئىشچى
ئۇ كۆپ كىشىلەر ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان: تۆمۈرچى، تامچى، بوياقچى، ۋە سەيپۇڭغا ئوخشاش ھۆنەرۋەن ئىشچىلار بۇلۇپ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەپ، ئىش تەلەپ قىلغانلارنىڭ خىزمىتىنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار بۇ كىشىنى باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىشتىن تۇسالمايدۇ، ۋە ئۇ ئىش قىلمىسا ھەق ئالالمايدۇ.
ئىجارە توختامىنىڭ مەزمۇنى
توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپ
يەنى تەكلىپ بىرىش ۋە قوبۇل قىلىش، (يەنى ئالدىم ساتتىم دېيىش) ھەمدە قانۇندا ياكى ئۆرپ-ئادەتتە توختامنىڭ فورمۇلاسىنى ئىسپاتلايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت.
پايدا
ئۇ ئىنساندىن ياكى مۇئەييەن بىر نەرسىدىن ئېلىنغان پايدىنىڭ بەدىلىگە بىرىلىدىغان نەرسە بۇلۇپ. سودا سېتىقدا پۇلنىڭ قارشىدا تۇرىدۇ.
ئىجارەنىڭ دۇرۇسلۇق شەرتلىرى
ھەق ئېلىش ۋاقتى
ئەگەر ئۇلار بالدۇر ئېلىشقا، ياكى كېچىكتۈرۈشكە، ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ بىرىشكە قوشۇلسا، دۇرۇس بولىدۇ. ئىشچى خىزمىتىنى تۇلۇق تاماملىسا، ئىش ھەققىگە لايىق.
ئەگەر مەلۇم بىر نەرسە ئىجارىگە بېرىلسە، ئىجارە ھەققى پايدىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تۆلىنىدۇ. ئەبۇھۇرىرە رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئۆزەم داۋالىشىمەن، بىرىنچىسى: مىنىڭ نامىم بىلەن ۋەدە بىرىپ ئاندىن ۋاپاسىزلىق قىلغان، ئىككىنچىسى: بىر ھۆر ئادەمنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنى يەۋالغان، ئۇچىنچىسى: بىر ئىشچىنى ئىشلىتىپ ھەققىنى بەرمىگەن ئادەم» (بۇخارى رىۋايتى:2227)
ئىجارە توختامىنىڭ تۈگەش ئەھۋاللىرى
ئىجارە بىر تەرەپنىڭ ئۆلۈمى بىلەن، ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ سېتىلىشى بىلەن بىكار قىلىنمايدۇ، بىر خاس ئىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىشچى ئۆلۈپ كەتسە، ئىجارە بىكار قىلىنىدۇ. ئىجارە مۇددىتى توشسا، ئىجارە ئالغۇچى ئۇنىڭدىن قولىنى كۆتۈرۈپ، يۆتكىلىنىدىغان نەرسە بولسا ئىجارىگە بەرگۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ.