نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس قەرز
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئادالىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدا رزقنى بۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بايلار، كەمبەغەللەر، قۇلىدا بارلار، ۋە موھتاجلار بار بولۇپ، كىشىلەر ئۆز ئېھتىياجىنى قامداشقا ياردەم بېرەلەيدىغان بىرىدىن قەرز ئېلىشىنى ئادەتلەنگەن. ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى مۇكەممەل ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى بولغاچقا ئۇ قەرزگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەھكاملارنى ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ تائالا بۇ قەرزنى قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئايەت بىلەن يەكۈنلىگەن، بۇ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 282-ئايىتى بولۇپ، ئۇ قەرز ئايىتى دەپ ئاتالغان.
قەرزنىڭ ئۇقۇمى
ئۇ مەنپەئەتلىنىپ بەدىلىنى قايتۇرالايدىغان كىشىگە شەپقەت يۈزىسىدىن پۇل بېرىش دىمەكتۇر.
قەرزنىڭ ھۆكمى
قەرز بىرىپ تۇرۇش، بەرگۈچىگە مۇستھەپ ئېھتىياجلىق ئالغۇچىغا درۇستۇر. قەرز ئېلىش يامان كۈرۈلىدىغان مەسىلەلەردىن ئەمەس. چۈنكى قەرز ئالغۇچى پۇلنى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ بەدىلىنى قايتۇرىدۇ.
ئەمما قەرز، قەرز بەرگۈچىگە پايدا ئېلىپ كىلىدىغان ھالەتتەبولسا، ئۇ جازانە بۇلۇپ چەكلىنىدۇ، گۇيا قەرز بىرىپ، قايتۇرغاندا قۇشاپ قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بەرگەندەك. ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر قەرزگە سودا قاتارلىقتەك باشقا توختام قوشۇلسا ھارام بۇلىدۇ. چۈنكى قەرزنى سودىغا چېتىش دۇرۇس بولمايدۇ.
ئىسلام كىشىلەرگە يۇمشاقلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، ۋە دەردىگە دەرمان بۇلۇش، ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا غەم خورلۇق قىلىش ئۈچۈن قەرزنى يولغا قۇيدى. ئۇ قەرز بەرگۈچىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇردىغان بابلارنىڭ بىرىدۇر، ئېھتىياج قانچە ئېغىر بولغان كىشىگە بېرىلسە، ساۋاپمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
قەرزنى مۇھاپىزەت قېلىش ئۈچۈن، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنىڭغا ھۆججەت يېزىپ گۇۋاھچى قىلىش كېرەك. قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆلۈمى، ياكى ئۇنتۇلۇشى، ياكى تېنىۋەلىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردا، قەرز بەرگۈچىنىڭ ھەققى يۇقۇلۇپ كەتمەسلىكتىن خاتىرجەم بۇلۇش ئۈچۈن، قەرزنىڭ مىقدارى، ۋە تىپى، ۋە مۇددىتى يېزىلىپ ساقلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قەرز ئايېتىدە مۇنداق دېدى: «ئى مۇئمىنلار! ئاراڭلاردا مۇددەت بەلگىلەپ قەرز بىرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قۇيۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن (ئەينەن) يازسۇن، يازغۇچى ئۇنىڭغا ئاللاھ ئۈگەتكەن بۇيچە يېزىشتىن باش تارتماي يازسۇن، قەرزدار ئادەم ئىگىسى ئاللاھتىن قورقۇپ، قەرزدىن ھېچ نەرسىنى چالا قۇيماي ئېتىپ بەرسۇن» [بەقرە سۈرىسى:282]. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «قەرز مەيلى ئاز بولسۇن مەيلى كۆپ بولسۇن قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قۇشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. ئاشۇنداق قىلىشىڭلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئادالەتلىكتۇر، ۋە گۇۋاھلىق ئۈچۈن ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر، ۋە گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر» [بەقەرە سۈرىسى:282]
قەرزنىڭ دۇرۇس بۇلۇش شەرتلىرى
باشقىلاردىن قەرز ئالغان كىشى، كەسكىن قايتۇرۇشنى نىيەت قىلىشى كىرەك، چۈنكى بىر ئىنساننىڭ كىشىلەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش نېيىتى يوق ئېلىشى ھارامدۇر، شۇڭا قەرزنى تۆلەيدىغان ۋاقىت كەلسە، چوقۇم ئۇنى قايتۇرۇشى كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايات قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كىشىلەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش نىيىتى بىلەن ئالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئادا قىلىشنى ئاسان قىلىپ بىرىدۇ، كىمكى ئۇنى بۇزۇش نىيىتى بىلەن ئالسا، ئاللاھ ئۇنى ھالاك قىلىدۇ». (بۇخارى رىۋايتى:2387)
قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتىدىكى قەرزدارنىڭ ئەھۋالى.
بانكىلارغا پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ ھۆكمى
قەرزدارنىڭ قەرەلى توشقاندا كېچىكىپ قالسا جەرىمانە قويۇشىنى شەرت قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جازانە دۇر. بۇ شەرتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن يانا قەرز ئېلىشقا بولمايدۇ. ئە گەرچە قەرز ئالغۇچى بەلگىلىگەن ۋاقتتا جەرىمانە تۆلىمەي تۇرۇپ بىرەلەيمەن دەپ ئويلىغان تەقدىردىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا جازانە بولىدىغان بىر كىلىشىمگە كىرىپ قالىدۇ.
قەرزنى قايتۇرغاندا ياخشى قىلىش
قەرزنى ئادا قىلىشتىكى ياخشىلىق - بىر نەرسە بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭدىن ياخشى، ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ، ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قايتۇرىدىغاندەك - بۇ شەرت بولمىسا مۇستەھەپتۇر، چۈنكى بۇ ياخشى ئادا قىلىش، ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئەگەر شەرت قىلىنسا ئۇ ھارام قىلىنغان جازانە دۇر.