نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس ئارىيەت ئېلىش
ئارىيەتنىڭ ئۇقۇمى
ئارىيەتنىڭ ھۆكمى
ئارىيەتنىڭ يولغا قۇيۇلۇشتىكى ھېكمىتى
سۇرۇغۇچىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش، بەرگۈچى نەرسىسىنى ئۆزى ساقلاپ قېلىپ قېرىندىشىنى ئۇنىڭ مەنپەئەتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىكە، ساۋاپ بىرىش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا رەھمىتى بىلەن ئارىيەتنى دۇرۇس قىلىپ بەردى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «يا خشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھ ۋە زۇلۇمغا ياردەم لەشمەڭلار» [مائىدە سۈرىسى:2]
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى ئېتتى: مەدىنىدە بىر قۇرقۇنچ يۈز بەرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبى تەلھەنىڭ مەندۇپ دېيىلدىغان بىر ئېتىنى ئارىيەت ئېلىپ مىنىپ (گۈزۈتىشكە كەتتى) قايتقاندا «بىر نەرسە كۆرمىدۇق، ھەقىقەتەن ئۇنى دەڭىز كۆردۇق» دېدى: (بۇخارى رىۋايتى:2627، مۇسلىم:2307)
ئارىيەتنىڭ دۇرۇس بۇلۇش شەرتلىرى.
ئارىيەتنىڭ ئاساسلىرى
ئارىيەت ئالغۇچى ئالغان نەرسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۈلۈپ، ئاسراپ ئىشلىتىپ ئىگىسىگە ساغلام قايتۇرۇشى كىرەك، ئەگەر ئارىيەتكە ئېلىنغان نەرسە، ئالغۇچى ئۇنى ئىشلەتمەي بۇزۇلۇپ كەتسە، ئۇ سەۋەنلىك قىلغان ياكى قىلمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مۇتلەق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما ھوقۇق بېرىلگەن ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇزۇلغان بولسا، تۈلەم يوق. ئەگەر ئالغۇچى تاجاۋۇز قىلغان ياكى سەھۋەنلىك قىلغان ئەھۋالى بۇنىڭ سىرتىدا بۇلۇپ، تۈلەم تۈلەيدۇ.
ئارىيەت ئالغۇچى ئېھتىياجىنى قامداپ بولسا، ئۇنى ئالغان پېتى مۇكەممەل قايتۇرۇشى كىرەك.
ئارىيەت بەرگۈچى ئارىيەت ئالغۇچىغا زىيان كەلتۈرمىسىلا، خالىغان ۋاقىتتا ئارىيەتنى قايتۇرۇۋالايدۇ. ئەگەر قايتۇرۋالسا ئالغۇچىغا زىيان بولسا، زىيان يۇقۇلغۇچە ساقلايدۇ. مەسىلەن: يەر ئارىيەتكە بەرگەندىن كېيىن، ئارىيەت ئالغۇچى ئۇنى تېرىغانغا ئوخشاش، ئارىيەت ئالغۇچى ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى ئالمىغۇچە ئارىيەت بەرگۈچىنىڭ ئۇنى قايتۇرۋېلىش ھوقۇقى يوقتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۆم قىلغاندا ئادالەتلىك قىلىشقا بۇيريدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمە دېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [نىسا سۈرىسى:58].