ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :زاكات

دەرس زاكات: ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە مەقسەتلىرى.

زاكات ئىسلامنىڭ ئۈچىنچى ئاساسى بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە ئۇنىڭ مەقسىتىنى ۋە يۇلغا قۇيۇلۇشتىكى ھېكمەتلىرىنى ئۆگىنىسىز.

نىشان: 

  • زاكاتنىڭ ھەقىقتىنى بىلىش.
  • زاكاتنىڭ يۇلغا قۇيۇلۇشتىكى مەقسەتلىرىنى بىلىش.
  • زاكات تاپشۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ تۈرلىرىنى بىلىش.

زاكات

زاكات ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچىنچى ئاساسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بايلارغا كەمبەغەل موھتاج ۋە باشقا لايىق كىشىلەرگە پۇلنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۇلارنىڭ قېنچىلىقىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بىرىشكە بۇيرۇلغان پەرزدۇر.

زاكاتنىڭ مەقسەتلىرى.

1-پۇلنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تەبى خاراكتىرى بۇلۇپ، ئىنساننى ئۇنىڭغا ھېرىسمەن بولۇشقا ۋە ئۇنى چىڭ ساقلاشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭا شەرىئەت زاكات بىرىش ئارقىلىق روھنى بېخىللىق ۋە پىخسىقلىقنىڭ ناچارلىقىدىن پاكلاش. ۋە دۇنيانىڭ مال مۈلۈكىگە بىرىلىپ كىتىشتىن ساقلاش ئۈچۈن پەرىز قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى: ئى پەيغەمبەر! «سەن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھىسابىدا ئالغىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ مال مۈلۈكلىرى كۆپىدۇ» [سۈرە تەۋبە:103]

2-زاكات بىرىش بىلەن ئۇيۇشۇش ۋە يېقىنلىشىش پرىنسىپى ئەمەلگە ئاشۇدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۈرشى تەبېئېدۇر. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئەزالىرى بىر-بىرىنى كۈچەيتىدىغان مۇستەھكەم قۇرۇلمىغا ئوخشاش مۇھەببەت، ئۇيۇشۇش كۈچىدە ياشايدۇ، ئوغرىلىق بۇلاڭچىلىق ۋە خىيانەت قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.

3-زاكات ئادا قىلىش بىلەن دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە مۇتلەق بويسۇنۇش ۋە تولۇق تەسلىم بولۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ. باي كىشى پۇلىنىڭ زاكاتلىرىنى بەرگەندە، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قېلىپ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغان بۇلىدۇ. زاكات ئايرىش بىلەن نېئمەت بەرگۈچى ئاللاھقا شۈكرە ئېتقان بۇلىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭ مۇكاپىتىنى بىرىدۇ، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئۇنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بىرىمەن» [سۈرە ئىبراھىم:7]

4-زاكات بىرىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇقۇمى ۋە جەمئىيەتتىكى جامائەت ئوتتۇرىسىدا نىسپىي تەڭپۇڭلۇق ئۇقۇمى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنى لايىق كىشىلەرگە بېرىش ئارقىلىق، مال بايلىقلىرى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادنى مونوپول قىلىدىغان چەكلىك گوروھنىڭ قولىدا تولىنىپ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مال مۇلۇك ئاراڭلاردىكى بايلارنىڭ ئوتتۇرىدا ئايلىنىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن» [سۈرە ھەشر:7]

زاكات قايسى تۈرلۈك كىشلەرگە سەرىپ قىلىنىدۇ؟

ئىسلام زاكات سەرپ قىلىندىغان ئورۇنلارنى بەلگىلىدى. بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇنى بىر ياكى بىر نەچچە تۈرگە بىرشى، ياكى ئۇنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن لايىق كىشىلەرگە تارقىتىدىغان خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا بېرىشى دۇرۇسدۇر، ئەمما ئۈزى تۇرىۋاتقان يەردىكى مۇھتاجلارغا تارقىتىشى ئەۋزەلدۇر.

زاكات سەرىپ قىلىش ئۇرۇنلىرى(زاكات ئالغۇچىلارنىڭ تۈرلىرى):

١
پەقىرلار: ئۇلار ھېچنىمى تاپالمايدىغان، ياكى بىر يىل يەتكۈدەك نەرسىنىڭ يېرىمىنىمۇ تاپالمايدىغان ئادەملەر.
٢
مىسكىنلەر: ئۇلار ئۆزىنىڭ بىر يىل ئىچىدە يېتەرلىك ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاپالايدىغان كىشلەر.
٣
زاكات خادىملىرى: ئۇلار خەلىپە تېرىپىدىن زاكات يىغىش ساقلاش ۋە تارقىتىشتا ئورۇنلاشقان ئىشچىلار.
٤
دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار: ئۇلار ئۆز خەلقى ئىچىدە مۆتەۋەرلىك كىشلەر بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ياكى تەڭتۇشلىرىنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى، ياكى ئېتىقادىنىڭ كۈچۈيىشى، ياكى مۇسۇلمانلارنى قۇغدىشى، ياكى مۇسۇلمانلارغا زىيان سالماسلىقى ئۈمىد قىلىنغان كىشلەردۇر.
٥
ئازاتلىق تەلەپ قىلغۇچى قۇللار: يەنى ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن خوجايىنلىرىغا پۇل تۆلەش بىلەن توختام تۈزگەنلەردۇر، ھەمدە زاكات بىلەن قۇل سېتىۋېلىش ياكى مەھبۇس مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرۇش دۇرۇسدۇر.
٦
قەرزدارلار: ئۇلار ئالغان قەرز پۇل - رۇخسەت قىلىنغان ئىشتا بولۇش شەرتى بىلەن - ئۆزلىرى ئۈچۈن ياكى كىشلەر نىڭ ئارىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ ئاندىن قايتۇرالمىغان كىشىلەردۇر.
٧
ئاللاھنىڭ يولىدا: بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى ئىسلام دىنىنى قوغداش ئۈچۈن جىھادقا قاتناشقان پىدائى غازيلاردۇر، ئۇلار ئۈچۈن مۇسۇلمانلار تېرىپىدىن نە تۆلەم نە مائاش بىكىتىلمىگەن كىشىلەردۇر.
٨
ئىبنى سەبىل: ئۇ ئۆز يۇرتىدىن باشقا يەردە پۇل مېلى تۈگەپ تۇرۇپ قالغان يۇلۇچى بۇلۇپ، بارىدىغان يىرىگە يەتكىدەك زاكات بىرىلسە بۇلىدۇ.

ئاللاھ تائالا پەرىز زاكات بىرىلىدىغان ئۇرۇنلارنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «زاكات پەقەت پەقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئىرىشتۇرۇشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يۇلىغا، ئىبن سەبىللەرگە بىرىلىدۇ» [تەۋبە سۈرىسى:60]

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ