ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :قىش پەسلىنىڭ ھۆكۈملىرى

دەرس قىش پەسلى ۋە تاھارەت

تاھارەتنىڭ قىش مەۋسۇمدا ئالاھىدە ھۈكۈملىرى بار بۇلۇپ، بۇ دەرسلىكتە ئۇ ھۈكۈملەرنىڭ بەزىلىرىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

نىشان:

  • قىشنىڭ سۇغقىدا قانداق تاھارەت ئېلىشنى بىلىش
  • مەيسە ۋە ئۈتۈكلەر گە مەسى قىلىشنىڭ ھۈكۈملىرىنى بىلىش.
  • تەيەممۇمنى قانداق قىلىشنى بىلىش.

يامغۇر سۈيىنىڭ پاكلىغى

يامغۇر سۈيى پاك ۋە پاكلىغۇچىدۇر، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «بىز ئاسماندىن ساپ سۇ چۈشۈردۇق» [فۇرقان سۈرىسى:48]، شۇنداقلا ناماز قىلغۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئاياغلىرىغا، ياكى كوچىلاردىكى قارامايغا، سۇنىڭ تۇپراققا بولغان تەسىرىدىن چاپلاشغان نەرسىلەر پاكتۇر.

قىشنىڭ سوغۇقىدا تاھارەت ئېلىش:

سۇنىڭ سوغۇق ياكى ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىش، بىردىن بىر ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) گۇناھلارنى ئۆچۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان بىر نەرسىگە يىتەكلەپ قۇيمايمۇ؟ ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى شۇنداق قىلسىلار دېدىلەر: ئۇ زات دېدىكى: سۇنىڭ سوغۇق ياكى ئىسسىق بولۇشتىكى قىيىنچىلىققا قارىماي تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىش، مەسچىتلەرگە كۆپ قەدەم بېسىش ۋە نامازدىن كېيىن نامازنى ساقلاشلىرىڭلار، ئاللاھ يۇلىدا مۇداپىئەدە تۇرغاننىڭ ئۇرنىدا بۇلىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:251)، ئىسباغ دىگەن: تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىش دىمەكتۇر.

خاتالىقلارنىڭ بىرى سوغۇق سۇدىن قېچىپ ئەزالارنى يۇيۇشقا سەل قاراش، مەسەلەن، بىر قىسىم كىشىلەر يۈزىنى تۇلۇق يۇيمايدۇ، ياكى پەقەت سۈرتىپلا قۇيدۇ، ياكى قولىنى ياكى پۇتنى تولۇق يۇيمىغانلىقىنى بايقايسىز. بۇ قىلمىشلار دۇرۇس ئەمەس، ئەگەر ئۇلار قادىر بۇلالىسا تاھارەتنى تۇلۇق ئېلىش ۋاجىپدۇر، بولمىسا سۇنى ئىستىش قاتارلىقلار بىلەن ياردەم ئالىدۇ.

قىشتا تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن سۇنى ئىستىش دۇرۇسدۇر، ئۇنىڭ بىلەن ساۋاپ ئازىيېپ كەتمەيدۇ، شۇنداقلا تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئەزالارنى قۇرۇتۇشقا بولىدۇ، ۋە ئۇنىڭ بىلەن ساۋاپ ئازىيېپ كەتمەيدۇ، ئەگەر تاھارەت ئالغۇچى ئۇنداق قىلماسلىق بىلەن زىيانغا ئۇچرىسا، ياكى تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىشتا كەمتۇكلۇق قىلىپ قۇيسا، ئۇنى تەرك ئەتمەسلىك كىرەك.

تەيەممۇم

تەيەممۇم بولسا، بىر ئادەم ئىككى قولى بىلەن تۇپراقنى ئۇرۇپ ئاندىن ئۇلار بىلەن يۈزنى سۈرتمەكلىكى، ئاندىن يەنە بىر ئۇرۇپ ئۇڭ قۇلىنىڭ ئالىقىنى سول قولىنى، سولنىڭ ئالىقىنى بىلەن ئوڭ قۇلىنى جەينەكلىرىگىچە سۈرتىشدۇر. (ھەنەپى مەزھەپ بۇيچە)

تەيەممۇم قاچان دۇرۇس بۇلىدۇ؟

پەقەت سۇ تېپىلمىسا، ياكى ئېھتىياجىدىن ئاز بۇلۇپ يېقىن ئەتراپتا سۇ بولمىسا، ياكى قاتتىق سوغۇق ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن تاھارەت ئېلىش ئىنتايىن مۈشكۈل بولسا تەيەممۇم قىلىش دۇرۇسدۇر.

ئاياغلارغا مەسىھ قىلىش.

ئاياغلارغا مەسىھ قىلىش بۇلسا: قۇنجىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئاياغنى كەيگەن بۇلۇش (پۇتنى يېپىپ تۇرىدىغان خۇرۇمدىن ياسالغان ئاياغ) ياكى پايپاق ياكى ئۇ ئىككىسىگە ئۇخشاش پۈتۈن پۇتنى يېپىپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنى كىچىك چوڭ تاھارەت سىزلىكتىن پۈتۈنلەي پاكىزە ھالدا كىيېىش، ئەگەر تاھارەتتە بېشى ۋە قۇلاقلىرىنى سۈرتكەن بۇلسا، پۇتىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئايىغىنى چىقىرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى ئاياغنىڭ ئۈستىدىن پۇتنىڭ دۈمبىسىگە سۈرتىدۇ.

ئاياغ ياكى پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ توغرىلىقى ئۈچۈن قلىنىدىغان شەرت.

١
ئۇ ئىككىسىنىڭ پاك بولۇشى
٢
پۇتنى يېپىشى
٣
ئۇنى مۇسۇلمان پۇتىنى يۇيۇپ تاھارەت ئالغاندىن كېيىن كىيىدۇ.

ئاياغقا مەسىھ قىلىش ۋاقتى

تۇرغۇچى ئۈچۈن بىر كىچە كۈندۈز (24 سائەت)
يۇلۇچى ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز (72 سائەت)

پۇتقا مەسىھ قىلىش ۋاقتىنى ھېسابلاش تاھارەت سۇنغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەسىھ قىلىشتىن باشلىنىدۇ.

ئاياغ ۋە پايپاقنى مۇكەممەل تاھارەت ئېلىپ كەيمىگەنلەر، ياكى سۈرتۈش مۇددىتى توشقانلار، ياكى يۇيۇنۇشقا تېگىشلىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بۇلغانلارغا، پۇتقا مەسىھ قىلىش دۇرۇس ئەمەستۇر، ئۇنى سېلېۋىتىپ ئىككى پۇتنى يۇيۇش ئارقىلىق پاكلاش ۋاجىپتۇر.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ