نۆۋەتتىكى بۆلەك :ساياھەت ھۈكۈملىرى
دەرس سەپەر ۋە پاكلىق
سەپەردە بىر ئادەم تۇرالغۇسىدا ھىس قىلغان، ۋە يېقىندىن ئۇنى بايقىغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزگىرىدۇ، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سەپەر قىلىش بىر ئاز ئازابتۇر، بىرىڭلارنى يېيىش، ئىچىش ۋە ئۇخلاشتىن توسىدۇ، ئەگەر ھاجىتىنى ئادا قىلسا، ئائىلىسىگە ئالدىرىسۇن» (بۇخارى رىۋايتى:1804، 3001، 5429) مۇسۇلم رىۋايتى:1927). ساياھەتكە چىققانلار پاكلىق ۋە باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىشلارنى بىلىشى كېرەك:
كىشلەر دائىم بېرىپ تۇرىدىغان سايە، ياكى دەرەخ، ياكى ئولتۇرۇشقا تەييارلانغان جايلارغا ئوخشاش يەرلەرگە، ھاجەت قىلىپ بۇلغاش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئۆلىمالار مۇنداق دېدى: ئەگەر بىر ئادەم چۆلدە ۋە يا شۇنىڭغا ئوخشاش يەردە بۇلۇپ، ھاجەت قىلماقچى بولسا، سۈيدۈكنىڭ بۇلغىشىدىن ۋە ئۇنىڭ چاچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قاتتتىق يەر ۋە شامال كىلىدىغان يەرلەرنى تاشلاپ يۇمشاق جاينى ئىزدەشى مۇستەھەپ بۇلىدۇ.
1- ھاجەت قىلغاندا يۇشۇرنۇش
ئابدۇللاھ بىن جەئفەرنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەت قىلماقچى بۇلغاندا، يۇشۇرنىشقا ياخشى كۈدىغان يەرلىرى: دۆڭ ياكى باغنىڭ تېمى ئېدى» (مۇسلىم رىۋايتى:342) يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇزات ھاجەت قىلماقچى بۇلسا، يەرگە يېقىنلاشمىغۇچە كىيىمىنى كۆتۈرمەيتتى» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:14)، ئۇنىڭدا يۆگىنىش بۇلغانلقتقن.
تەيەممۇم ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئالىدىغان تاھارەتنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، سۇ بولمىغاندا ياكى ئۇنى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغاندا، قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەسۋىرى مۇنداق: بىر مۇسۇلمان زىمىننىڭ توپىسىغا ئىككى قولىنى ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزلىرىنى سۈرتىدۇ، يەنە بىر ئۇرۇپ ئىككى قۇلىنى جەينەكلىرىگىچە سۈرتىدۇ.
ئاياغقا مەسھى قىلىش بولسا: مەيلى ئۇ ئاياغ خۇرۇمدىن بۇلسۇن ياكى پايپاق بۇلسۇن، ياكى شۇنىڭغا ئۇخشاش ئۇشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان ئاياغ كېيىمى بۇلسۇن، ئۇلارنى چوڭ كىچىك تاھارەت سىزلىكتىن خالى ھالدا كەيگەن بۇلۈش شەتتۇر. ئەگەر ئۇ تاھارەت ئېلىپ، بېشىنى سۈرتسە، پۇتىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئايىغىنى چىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى پۇتىغا ئاياغنىڭ ئۈستىدىن مەسھى قىلىدۇ.