نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىككى گۇۋاھنامە (يەنى تەۋھىد كەلىمىسى)
دەرس ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گوۋاھلىق بىرىش.
ئىسلام بىر «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن سۆزنى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ شەرەپلىك قىلدى.
تەۋھىد كەلىمىسنىڭ مەرتىۋىسى
شۇڭلاشقا تەۋھىد كەلىمىسى ۋاجپلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ئەڭ مۇھىمىدور.
تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەناسى:
ئىلاھ دېگەن: قەلىبلەر ئۇنىڭغا بۇيسۇنۇپ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاپ چۇقۇنۇپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقوپ، ۋە ئۇنىڭغا ئومىد باغلىغان بىر مەئبۇدتىن ئىبارەتتۇر. كىمكى بىر نەرسىگە باش ئەگسە ۋە ئۇنىڭغا توۋەن بولسا، ۋە ئۇنى ياخشى كۆرسە، ۋە ئونىڭدىن ئۈمىد قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇنى ئىلاھ ۋە مەبۇد تۇتقان بۇلىدۇ. ياراتقۇچى رەببىمىز بولغان مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر ئىلاھتىن باشقا بۇ ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى يالغان باتىل دور.
ئىبادەتكە ھەقلىق ئو ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد يوقتۇر. ئو شونداق زاتكى قەلىبلەر ئونىڭغا سۆيگەن ۋە قەدىرلىگەن ۋە ئۇلۇغلىغان، ۋە توۋەن بولغان ۋە بۇيسۇنغان ۋە قورقىغان ۋە ئىشلىرىدا ئونىڭغا تەۋەككۇل قىلغان، ۋە ھاجەتلىرىنى ئونىڭدىن سۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىدور. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىنمايدۇ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە تەۋەككۇل قىلىنمايدۇ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۈچۈن ناماز ئۇقۇلمايدۇ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە ساۋاپ تىلەپ قۇربانلىق قىلىنمايدۇ. ئىبادەتنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھقا خالىس قىلىش ۋاجىپتۇر. ئاللاھ تائالا ئېتقاندەك: «ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا پۈتۈنلەي يۈزلەنگەن ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، بۇيرۇلغان ئىدى» [بەينىنە سۇرىسى:5].
كىمكى تەۋھيد كەلىمىسىنىڭ ھەقىقىتىگە ئەمەل قىلىپ ئاللاھ تائالاغا سەمىمىيلىك بىلەن ئىبادەت قىلسا، ئۇ كاتتا بەخىت تەلەى، ۋە راھەت خۇشاللىق، ۋە ئىسىل ياخشى ھاياتقا ئېرىشىدۇ. قەلىبلەر ئۇچۇن بىر ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىپ ھۇزۇرلانغاندەك ھىچ ئۇنسى ئۇلپەت راھەت پاراغەت يوقتۇر. ئاللاھ ئېتقاندەك: «قانداق بىر مۆمىن مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بىر ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى ھاياتتا ياشىتىمىز» [نەھىل سۇرىسى:97]