ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان

دەرس ئاللاھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىش

ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى پۈتۈن ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىدى، چۈنكى بىز كۆرىۋاتقان بارلىق مەخلۇقاتلار ئۇلۇغ ئاللاھ بولمىسا بولمىغان بولاتتى، بۇ دەرسلىكتە، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئائىت بىر قاتار دەلىللەرنى تونوپ چىقىسىز.

 ئاللاھنىڭ بارلىقىنى جەزىم بىلەن تەستىقلاشنى ئەمىلىلەشتۈرۈش.

ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېتىشنىڭ مەناسى

ئۇ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كەسكىنلىك بىلەن تەستىقلاش، ۋە ئۇنىڭ ياراتقۇچىلىقىنى ۋە مەئبۇدلىقىنى ۋە گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرىگە ئىقرار قىلىش.

سەجدە قىلىش ياراتقۇچىغا بويسۇنۇشنىڭ ئەڭ چوڭ نامايەندىسىنىڭ بىرى.

ئاللاھنىڭ دىنى

ئاللاھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنساندىكى تۇغما مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرۈپ جاپاتارتىشقا ھاجەت يوق، شۇڭلاشقا كۆپىنچە ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپتىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ھېس قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا تۇغما ئىمانىمىز بىلەن ۋە ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننىڭ روھىغا ئورناتقان دىندارلىق تۇيغۇسى بىلەن پۈتۈن قىيىنچىلىق ۋە قاتتىق مۇسىبەتلەردە يىلىنىمىز، گەرچە بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا سەل قاراشقا ۋە ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان تەقدىردىمۇ.

مانا بىز ئاللاھ تائالانىڭ دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشى، ۋەسۇرغۇچىلارغا بىرىشى مەجبۇرلانغانلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشىنى ئاڭلاپ كۈرۈپ تۇرۇشىمىز ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بىرىۋاتقان كەسكىن دەلىلدۇر.

ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ دەلىلى تىلغا ئېلىنغان ۋە چەكلەنگەندىنمۇ بەك ئېنىق، بۇنىڭ ئىچىدە:

ھەر بىر ئادەمگە مەلۇمكى، ھەر قانداق پەيدا بۇلغۇچى نەرسە (ئۇ مەۋجۇت بولمىغاندىن كېيىن تېپىلغان نەرسە) ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى بولۇشى كېرەك (يەنى پەيدا قىلغۇچى) بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بۇ نۇرغۇن مەخلۇقاتلارنىڭ شەكسىز ياراتقۇچىسى بولۇشى كېرەك، ئۇ بۇلسا ئۇلۇغ ئاللاھ دۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسىز يارىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس، خۇددى ئۇلارنىڭ ئۈزىنى يارىتىشى چەكلەنگەنگە ئوخشاش. چۈنكى ھىچ نەرسە ئۆزىنى ياراتالمايدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار (ئۆزلىرى) ياراتقۇچىمۇ؟» [تۇر سۈرىسى35]. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلمىغان، شۇنداقلا ئۆزىنى ياراتقانلارمۇ ئەمەس، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ چوقۇم ياراتقۇچىسى بولۇش كېرەك، ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھدۇر.

بۇ كائىناتنىڭ ئاسمىنى زېمىنى يۇلتۇزلىرىنىڭ تۇپلىرى ۋە چوڭ كىچىك يۇلتۇزلىرى بىلەن، ۋە ئوكيانلىرى ۋە دېڭىزلىرى ۋە ئۆستەڭلىرى بىلەن، تاغلىرى تۈزلەڭلىك يەرلىرى ۋە دەرەخلىرى بىلەن، ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ئاجايىپ مەخلۇقلار بىلەن، تەرتىپلىك بولۇشى بۇ كائىناتنىڭ بىرلا ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىنى كەسكىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «بۇ ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر» [نەمل سۈرىسى:88].

بۇ سەييارىلەر ۋە يۇلتۇزلار-مەسىلەن- تەۋرەنمەيدىغان مۇقىم سىستېمىدا ماڭىدو، ھەر بىر سەييارە ئۈزىنىڭ يۇلىدىن تېيىپ كەتمەي ئوربىتىدا سەيرە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كۈننىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى، كېچىنىڭ كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەربىرى ئايرىم بىر ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ» [ياسىن سۈرىسى:40]

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ