ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان

دەرس قەدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش

قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ ئالتىنجىسى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئىتمىغۇچە بەندىنىڭ ئىمانى دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ دەرسلىكتە تەقدىرنىڭ رېئاللىقىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسېۋەتلىك بەزى ئىشلارنى تۇنۇپ چىقىسىز.

  • تەقدىرنىڭ رېئاللىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش.
  • تەقدىرگە ئىمان ئىتىشنىڭ مېۋىلىرىنى بىلىش.

تەقدىرگە ئىمان كەلتۇرۇشنىڭ مەنىسى:

بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ قازا ۋە قەدىر بىلەن بولىدىغانلىقىغا، ۋە ئۇ ئۆزى خالىغان نەرسىنى ئىجرا قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا، ۋە ئالەمدە ھىچ نەرسە ئۇنىڭ تەقدىرىدىن چىقماي ئونىڭ كۇنتىرۇللىقىدىن سادىر بۇلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشتۇر. شونداق تۇرۇغلۇق، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى بەزى ئېشقا بۇيرۇپ بەزى ئېشلاردىن چەكلىدى. قىلىدىغان ئەمەللىرىگە مەجبۇرلىماستىن ئېختىيارلىقنى بەردى. بەلكى ئۇ ئۇلارنىڭ قودىرتى ۋە ئىرادىسىگە ئاساسەن رېئاللىققا چىققوچىدۇر، ئاللاھ تائالا بولسا ئۇلارنىڭ ۋە قۇدرىتىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇ رەھىم-شەپقىتى بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى يېتەكلەيدۇ. ۋە ھېكمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى گومراھ قىلىدۇ، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىن سورالمايدۇ. بەندىلەر سۇرىلىدۇ.

تەقدىرنىڭ ئېنىقلىمىسى

تەقدىر دىگەن: ئو ئاللاھ تائالانىڭ ئۆتمۈشتىكى نەرسىلەرنىڭ، مەلۇم ۋاقىتلاردا ۋە كونكرېت سۈپەتلەر بىلەن يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەقدىر قىلىشى ۋە بىلىشى، ۋە ئۇنى يېزىشى ۋە ئىرادە قىلىشى. ۋە ئونىڭ بەلگىلىگەن ۋە ياراتقان بۇيچە رىئاللىققا چىقىشىدۇر.

تەقدىرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئاللاھنىڭ تەقدىرگە ئىمان كەلتۇرۇش ۋاجىب دۇر، ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمان تۇغۇرلۇق جىبرىل ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەنگە ئۇخشاش. «سىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە كىتابلىرىغا ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشۈڭ» (مۇسلىم:8).

تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش تۆت ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1.ئىلىم

ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى تولۇق ۋە تەپسىلىي بىلىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش، ھەمدە ئۇ بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ رىزقىنى ۋە ئەجەللىرىنى ۋە سۆزلىرىنى، ۋە بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە تۇرالغۇسىنى، ۋە ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ۋە ئاشكارلىقىنى، ئولارنىڭ ئىچىدە كىملەر جەننەت ئەھلى ۋە كىملەر دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى ئاللاھنىڭ بىلىدىغانلىقىغا ئىمان ئىتىش. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇ (شۇنداق) ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر» [ھەشر سۈرىسى:22].

2- يېزىش.

ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلدىن بىلگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى لەۋھىلمەھپۇزدا يىزىپ قالدۇرغانلىقىغا ئىمان كەلتۇرۇش. ئونىڭ دەلىلى بۇلسا ئاللاھنىڭ سۆزى: «يەر يۈزىدە يۈز بەرگەن ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان بالا - قازالارنىڭ ھەممىسى بىز يارىتىشتىن بۇرۇنلا لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلىپ بولغان» [ھەدىد سۈرىسى:23]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ تەقدىرىنى ئاسمان زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن پۈتكەن» (مۇسلىم:2653).

3.ئىرادە

ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ نەرسە قايتۇرالمايدىغان ئوتكۆچى ئىرادىسىگە. ۋە ھېچ نەرسە قىچىپ قۇتۇلالمايدىغان قۇدرىتىگە ئىمان كەلتۇرۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيدا بۇلغۇچى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدىرتى بىلەن بۇلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئىش بۇلىدۇ خالىمىغنى بۇلمايدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئاللاھ خالىغاندا ئاندىن سىلەر خالايسىلەر. يەنى: ئاللاھ خالىمىغىچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر» [تەكۋىر سۈرىسى:29].

4. يارىتىش

ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىنى پەيدا قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۇرۇش، ئو يىگانە ياراتقوچىدۇر، ئونىڭدىن باشقا ھەممىسى مەخلۇقدۇر، ئو ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى يارىتىپ ئاندىن ئونىڭغا مۇناسىب ئۆلچەم بەلگىلىدى» [فۇرقان سۈرىسى:2].

ئىنساننىڭ تاللاش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسى بار:

تەقدىرگە ئىمان ئىتىشنىڭ بەندىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئونىڭغا ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. چۈنكى شەرىئەت ۋە رېئاللىق ئۇنىڭ بەندىگە سابىتلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

شەرىئەتكە كەلسەك ئاللاھ ئىرادە ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئەنە شۇ چوقوم بۇلىدىغان كۇندۇر، كىمكى رەببىگە قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا تۇتسون» [نەبەئ سۈرىسى:39]. يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھېچكىمگە قۇربى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ مۇكاپاتى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر» [بەقەرە سۈرىسى:286]. تاقەت دېگەن قۇدرەت مەنىسىدە.

رېئاللىققا كەلسەك، ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغان كوچ ۋە ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. مىڭىشقا ئوخشىغاندەك ئۆزىنىڭ ئىختيارلىقى بىلەن بۇلىدىغان، ۋە تىترەش ئوشتۇم تۇت يىقىلىپ كىتىشكە ئوخشاش ئىختىيار سىز بۇلىدىغان ئىشلارنى ئايرىيالايدۇ. لېكىن بەندىنىڭ ئىرادىسى بىلەن قۇدرىتى، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن رىئاللىقا چىققوچىدۇر. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئاراڭلاردىن كىم تۇغرا يولدا مېڭشنى خالىسا قۇرئان ئونىڭغا نەسىھەتتۇر. پەقەت ئالەملەرنىڭ ئىگىسى خالىغاندىلا ئاندىن سىلەر خالايسىلەر» [تەكۋىر سۈرىسى:28-29). ئاللاھ ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۇپ ئاندىن ئۇزىنىڭ ئىرادىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. چۈنكى پۈتكۈل كائىناتلار ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە، ئۇنىڭ بىلىمى ۋە ئىرادىسىسىز ئۇنىڭ ئىگىدار چىلىقىدا ھېچ نەرسە بولمايدۇ.

قەدىر بىلەن ئۆزرە كۆرسىتىش

ئىنساننىڭ قۇدىرتى ۋە تاللىشى مۇكەللەپلىك بۇيرۇق ۋە چەكلەش ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكدۇر، شۇڭا ياخشىلىق قىلغۇچى ھىدايەت يولىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىدۇ، خاتالىق سادىر قىلغۇچى خاتا يولنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. ئاللاھ بىزنى قىلالمايدىغان ئىشلارغا مۇكەللەپ قىلمىدى، ھېچكىمدىن تەقدىرنى باھانە قىلىپ ئىبادىتىنى تەرىك ئىتىشنى قۇبۇل قىلمايدۇ.

ئاندىن كېيىن ئىنسان گۇناھتىن ئىلگىرى. ئاللاھنىڭ ئىلمى بىلەن تەقدىرىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ؟ ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىقتىدار ۋە تاللاش ئاتا قىلدى، ھەمدە ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ يوللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئەگەر ئۇچاغدا ئاسىيلىق قىلسا. ئۇ بويسۇنماسلىقنى تاللاپ ئونى بويسۇنۇشتىن ئەلا كۆرگەن بۇلىدۇ، شۇڭا ئۇ ئاسىيلىقىنىڭ جازا ئۇقۇبىتنى كۇتىردۇ.

تەقدىرگە ئىمان ئىتىشنىڭ مېۋىسى:

قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مېۋىسى مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا ناھايىتى بۇيۇكتۇر، ئونىڭ جۈملىسىدىن:

1-تەقدىرگە ھەقىقىي ئىمان ئىتىش ئەمەل قىلىشقا ۋە ۋاسىتە قوللىنىشقا ئۈندەپ تەييار تاپلىقتىن چەكلەيدۇ.

مۆئمىنلەر ئاللاھقا تايىنىش ئارقىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا. ۋە سەۋەبلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان، چۈنكى ئاللاھ سەۋەبلەرنى، ۋە ئۇ نەتىجىلەرنى ياراتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىزگە نېمە پايدىلىق بولسا شۇنىڭغا تىرىشىڭ، ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭ. ئامالسىز قالماڭ، بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا، ئەگەر مانداق قىلغان بولسام دېمەڭ. لېكىن ئاللاھ تەقدىر قىپتۇ، ئاللاھ نىمىنى خالىسا قىلىدۇ دەڭ. "ئەگەر دېگەن" سۆز شەيتاننىڭ خىزمىتىگە يۇل ئاچىدۇ» (مۇسلىم:2664). بەزى كىشىلەر ئىشلار ئالدىن بىكىتىلپ بولغان بولسا ئەمەلنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەمەل قىلىڭلار، ھەر بىر ئادەمگە نېمە پۈتۈلگەن بولسا، ئۇنىڭغا شۇ ئەمەل مۇيەسسەر قىلىپ بېرىلىدۇ. دەپ تۈۋەندىكى ئايەتنى ئۇقۇدى: (ئاللاھ يولىدا) پۇل- مال سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، كەلىمە تەۋھىدنى راست دەپ ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھتىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز» [لەيل سۈرىسى:6-10]. (بۇخارى:4949، مۇسلىم:2647)

2- ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلىشى.

شۇنداق قىلغاندا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەددىن ئاشمايدۇ، چۈنكى ئۇ پۈتۈلگەن نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى، ۋە كەلگۈسىدە نېمىنىڭ يۈز بىرىشنى بىلىشكە ئاجىز كىلىدۇ. ئاندىن ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ھەمىشە رەببىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانغا ئەگەر بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ھەددىن ئىشىپ غۇرۇرلىنىدۇ. ئەگەر ئونىڭغا يامانلىق ۋە مۇسىبەت يەتسە، چىدىماي قايغۇغا چۈشىدۇ. ئىنساننى ياخشىلىق يەتسە ھەددىدىن ئىشىپ تەكەببۇرلۇق قىلىشتىن، يامانلىق يەتسە قايغۇرۇشتىن، پەقەت تەقدىرگە ئىمان كەلتۇرشى ساقلاپ قالىدۇ. يۇز بەرگەن ئىشلار تەقدىردە پۇتۇلگەن، ئاللاھنىڭ ئىلمىدا بۇلماقچى ئىدى.

3-ھەسەتخورلۇقنىڭ ناچارلىقىنى يوقىتىدۇ.

چۈنكى مۇئمىن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمىتىگە ھەسەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا رىزق قىلىپ بەرگەن، ۋە ئۇلارغا تەقدىر قىلغان زات ئاللاھدۇر. ھەسەت قىلغۇچى ئوزىنىڭ ئاللاھنىڭ قازا ۋە قەدىرگە قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ.

4-تەقدىرگە ئىمان ئىتىش قەلىبلەردە قىيىنچىلىققا تاقابىل جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدۇ.

ۋە ئۇنىڭدا ئىرادىلەر كۈچىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەجەللەر ۋە رىزىقلارنىڭ پۇتۇلگەنلىكىگە، ۋە ئىنسانغا يېزىلغاندىن باشقا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنىدۇ.

5-تەقدىرگە ئىشىنىش مۆمىننىڭ نەپسىگە ئىماننىڭ نۇرغۇن ھەقىقەتلىرىنى سىڭدۈرىدۇ.

ئۇ ھەمىشە ئاللاھتىن ياردەم سورايدۇ، ۋە سەۋەبلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تايىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ھەمىشە رەببىگە ئېھتىياجلىقنى ئىزھار قىلىپ، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئونىڭدىن ياردەم سورايدۇ.

6-تەقدىرگە ئىشىنىش روھقا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن مۆمىن بېشىغا كەلگەن ئىشلارنىڭ ئۇتەپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ۋە ئۆتەپكەتكەننىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ