نۆۋەتتىكى بۆلەك :ھەج
دەرس ھەجنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى
ھەجنىڭ مەنىسى
ھەج قىلىش مۇئەييەن ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ مۇقەددەس ئۆيىگە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە بۇيرىغان بۇيچە ھەج ئەمەللىرىنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، يەنى ئىھرام باغلاش، ۋە كەئبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىش، سافا بىلەن مەرۋە تېغى ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈگۈرۈش، ئەرافاتتا تۇرۇش، مىنادا شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىقلار. ھەمدە ئۇ كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانەلىكىنى جاكارلاش، ھاجىلارغا ھاسىل بۇلىدىغان چوڭ مەغپىرەت، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تونۇشۇش، دىننىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن كاتتا مەنفەئەتلىك ئىشلار باردۇر.
ھەجنىڭ ھۆكمى
ھەج قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ بەشىنچى تۈۋرۈكى بۇلۇپ، قادىر بۇلغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر-ئايالنىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «كىمكى بەيتۇللاغا بېرىشقا قادىر بۇلالىسا، كىلىپ ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققىدۇر، كىمىكى بۇنى ئىنكار قىلىدىكەن (بىلىپ قۇيسۇنكى) ئاللاھ تائالا ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر» [ئال ئىمران سۈرىسى:97].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى، ھەج قىلىڭلار» بىر كىشى: ھەر يىلىمۇ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى؟ دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغۇچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈكۈت قىلىپ ئاندىن مۇنداق دېدى: «ئەگەر مەن: ھەئە دىسەم، ئۇ ھەر يىلى ۋاجىپ بولاتتى، قىلىشقا قادىر بۇلالمايتتىڭلار» (مۇسلىم رىۋايتى:1337).
مۇسۇلماننىڭ قۇدرىتى يەتسىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەج قىلىشى ۋاجىپتۇر.
ھەجنىڭ ۋاقتى
ھەجنىڭ ۋاقتلىرى ۋە ئورنلرى:
ھەج قىلىش ۋاقىتلىرى
ھەج مەلۈم ئايلار ئىچىدە ئادا قىلىنىدۇ، باشقا ۋاقىتتا ھەجگە ئىھرام باغلاش توغرا ئەمەس، ئۇلار: شاۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججە. ھەج پائالىيەتلىرى ئىسلام كالىندارىدىكى 12-ئاي بولغان زۇلھەججە ئېيىنىڭ سەككىزىنچى ۋە 13-كۈنلىرى ئوتتۇرىسىدا مەركەز قىلىنغان.
ئۇلار مەككە رايونى چېگرىسىىنىڭ سىرتىدىن ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نېيىتىتدە كەلگۈچى ھاجىلارنىڭ ئېھرامسىز ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغان جايلار. مەدىنە خەلقى ئۈچۈن زۇلھۇلەيفە، شام خەلقى ئۈچۈن ئەلجۇھفە، نەجد خەلقى ئۈچۈن قەرنۇلمانازىل، يەمەن خەلقى ئۈچۈن يەلەملەم، ئىراق خەلقى ئۈچۈن زات ئىرق. بۇ ئۇرۇنلار ئۇنىڭ سىرتىدىن ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نېيىتىدە كەلگەنلەر ئۈچۈندۇر، بۇ يەرلەر تەجرىبىلىك كىشىلەر ۋە زامانىۋى خەرىتە ئارقىلىق تونۇلىدۇ.
ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرى:
بىرىنچى شەرت: ئىسلام
مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەج قىلىش ۋاجىپ، كاپىرغا ۋاجىپ ئەمەس، ھەمدە ئۇنىڭدىن دۇرۇس بۇلمايدۇ. چۈنكى ئىسلام ئىبادەتنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتىدۇر.
ئىككىنچى شەرت: ئەقىل
ھەج قىلىش ساراڭلارغا ۋاجىپ ئەمەس، قىلسىمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، چۈنكى ئەقىل ۋاجىپ بۇلۇش ۋە دۇرۇس بۇلۇشنىڭ شەرتىدۇر، ھەدېستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامدىن رىۋايەت كەلگەنلىكى ئۈچۈن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈچ كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلدى: ئۇيقۇدىكى كىشى ئويغانغا قەدەر، نارىسىدە بالا بالاغەتكە يەتكىچە، ساراڭ ئەقلىگە يەتكۈچە». (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:4403).
ئۈچىنچى شەرت: بالاغەتكە يېتىش
ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلغان رىۋايتىگە ئاساسەن كىچىك بالىغا ھەج پەرز ئەمەس، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۈچ كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلدى: ئۇيقۇدىكى كىشى ئويغانغا قەدەر، كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكۈچە، ساراڭ ئەقلىگە يەتكۈچە» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:4403).
ئەگەر كىچىك بالا ھەج قىلسا، ئۇنىڭ ھېجى دۇرۇس بۇلۇدۇ، ئەمما ئۇ ئىسلامنىڭ ھېجىدىن كۇپايە قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىچىك بالا ئەقلىگە توشقىچە ھەج قىلسا ساۋاپ بۇلىدۇ، ئەقلىگە توشقاندا باشقىدىن ھەج قىلىش ۋاجىپ بۇلىدۇ» (ھاكىم رىۋايتى:1769)
تۆتىنچى شەرت: ئەركىنلىك
ئىگىدارچىلىق ئاستىدىكى قۇلغا خوجايىننىڭ خىزمېتى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ھەج پەرز ئەمەس، .خۇجايىننىڭ ئىزنى بىلەن ھەج قىلسا دۇرۇس بۇلىدۇ، ئەمما ئىسلامنىڭ ھېجىدىن ئادا بولمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇمانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلغان رىۋايتىگە ئاساسەن ئادا تاپمايدۇ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەج قىلىپ ئاندىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ھەر قانداق قۇل چوقۇم يەنە بىر ھەج قىلىشى كېرەك» (بەيھەقى ئەسسۇنەنۇل كۇبرا:8613)
بەشىنچى شەرت: قۇدرىتى يېتىش
ھەج قىلىش تىنى ساغلام سەپەر قىلالايدىغان بېرىشقا زاد رايىل ۋە مەركەب تاپقان ئادەم ئۈچۈن ۋاجىپتۇر. ئاياللارنىڭ ھەج قىلىش قۇدرىتى ئىچىدە ھەج سەپىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان مەھرەمنىڭ بۇلۇشى شەرتتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ھەجگە ياكى باشقا يەرلەرگە مەھرەم سىز سەپەر قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «قۇدرىتى يەتكەن كىشلەرنىڭ بەيتۇللاغا بېرىپ ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدكى ھەققىدۇر» [ئال ئىمران سۈرسى:97]
زاد رايىلىغا قادىر بۇلغان كىشى، جىسمانىي جەھەتتىن ساقىيىشتا ئۈمىد يوق كېسەل ياكى قېرىلىق سەۋەبىدىن قادىر بۇلالمىسا، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ھەج قىلىشقا بىراۋنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك. ئەلفەزل بىن ئابباسنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق سورغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ، «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاتام ئىسلامنى ياشىنىپ تۆگىدە مۇستەھكەم تۇرالمايدىغان ھالدا قوبۇل قىلدى، مەن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ھەج قىلىسام ئادا بۇلامدۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەگەر ئۇنىڭ قەرزى بۇلسا، ئۇنىغا ۋاكالىتەن تۆلەپ بەرسىڭىز بۇلامتى؟ ئۇ كىشى ھەئە دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ۋاكالىتەن ھەج قىلسىڭىز بۇلىدۇ دېدى» (مۇسند ئەھمەد:1812).
مۇسۇلماننىڭ ھەج قىلىشقا قادىر بۇلۇش ھالەتلىرى:
ئالتىنچى شەرت: سەپەر جەريانىدا ئايال كىشى بىلەن بىر مەھرەمنىڭ بولۇشى
ئايال كىشىنىڭ ھەج قىلىشى ئۈچۈن مەھرەملىرىنىڭ بىرسىنىڭ بۇلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، بولمىسىا ئايال كىشىگە ھەج قىلىش پەرز ئەمەس، مەھرەم بۇلىدىغانلار: يولدېشى ياكى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش مەڭگۈ چەكلەنگەن كىشىلەر، مەسىلەن دادىسى، بوۋىسى، ئوغلى، نەۋرىسى ئاكا-ئۇكا ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، ۋە تاغىسىلاردۇر.
ئەگەر بىر ئايال ئۆزى بىخەتەر ئۇسۇلدا مەھرەمسىز ھەج قىلسا، ھېجى دۇرۇس ۋە ئادا بۇلىدۇ، ئەمما گۇناھكار بۇلىدۇ.
ھەجنىڭ پەزىلەتلىرى
ھەجدە نۇرغۇن پەزىلەت ۋە ياخشى ئىشلار تىلغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە:
1- ئۇ ئەڭ ياخشى ئەمەرلەرنىڭ بىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەمەللەر ئەڭ ياخشىسى قايسى؟ دەپ سورالغاندا. «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان ئېتىش دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نىمە؟ دىيىلدى، ئۇ: ئاللاھ يۇلىدا جىھاد قىلىش دېدى. ئۇندىڭدىن كېيىن نېمە؟ دېيىلدى ئۇ: قوبۇل قىلىنغان ھەج دېدى» (بۇخارى رىۋايتى:1519 مۇسۇلم رىۋايتى:83).
2- گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشنىڭ بۈيۈك ماۋسىمى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلىپ، جىماغا ئالاقىدار ئۇياتسىز گەپ قىلمىسا، ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلمىسا، ئانىدىن تۇغما بولغاندەك قايتىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:1521، مۇسۇلم رىۋايتى:1350). يەنى: ئۇ خۇددى ئەمدى تۇغۇلغاندەك گۇناھتىن خالى قايتىدۇ.
3- ئوتتىن قۇتۇلۇشنىڭ چوڭ پۇرسىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ دۇزاختىن قۇلنى ئەڭ كۆپ ئازات قىلىدىغان ئەرافات كۈنىدىن باشقا كۈن يوقتۇر» (مۇسلىم رىۋايتى:1348).
4- ئۇنىڭ ئەجرى جەننەتتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «قوبۇل قىلىنغان ھەجنىڭ جەننەتتىن باشقا مۇكاپاتى يوقتۇر» (بۇخارى رىۋايتى:1773، مۇسلىم رىۋايتى:1349). بۇ ۋە باشقا پەزىلەتلەر پەقەت نىيېتى توغرا دۇرۇس بۇلغان، ئىچى پاكلانغان ۋە رەسۇلۇللاھقا تۇغرا ئەگەشكەن كىشى ئۈچۈندۇر.