نۆۋەتتىكى بۆلەك :ھەج
دەرس ھەجنىڭ سۈپەتلىرى
دەرس مەلۇماتلىرى
نىشان
11,480 باشقا بىر ئوقۇغۇچى بۇ دەرسنى تاماملىدى
ھەج ئۈچ تۈرلۈك بۇلۇپ: ھاجىلار بۇ ئۈچنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ، ئۇلار: تەمەتتۇ، قىران، ۋە ئىفراد.
ھەج تەمەتتۇ
ھەج قىران
ئىفراد
بىر مۇسۇلمان ھەج قىلىشتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈزى ھەج قىلغان ۋە ساھابىلىرىنى(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بۇيرىغان بۇيچە ھەج قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشى كېرەك، جابىر رەزيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق كۈنى تۆگىسىگە مىنىپ تاش ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ زات مۇنداق دېدى: «ھەج پائىلىيەتلىرىنى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلىۋەلىڭلا، مەن بىلمەيمەن بۇ ھەجدىن كېيىن ھەج قىلالماسلىغىم مۇمكىن» (مۇسلىم رىۋايتى:1297).
ھاجىلار مىقاتقا يېتىپ كېلىپ، ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىھرامغا كىرمەكچى بولغاندا، كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ يۇيۇنىدۇ، بېشىغا ۋە ساقاللىرىغا ئەتىر ئېشىلتىپ ئېھرام كىيىملىرىنى كىيىدۇ، ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ، ئۇنى تاھارەت ئۈچۈن ۋە ئۆمرە ئۈچۈن نىيەت قىلسىمۇ بۇلىدۇ، پەرز نامازنىڭ ۋاختى بۇلسا ئۇ كۈپايە قىلىدۇ.
نامازنى تۈگەتسە، ئىھرامغا كىرىپ قىلماقچى بۇلغان ھېجىنى قەلبىدە نىيەت قىلىدۇ.
ئاندىن تەلبىيەنى كۆپ تەكرارلايدۇ، يەنى: (لەببەيكەللاھۇممە لەببەيك، لەببەيكە لا شەرىكە لەكە لەببەيك، ئىننەل ھەمدە ۋە ننىئمەتە لەكە ۋەلمۇلك لا شەرىكە لەك) دەيدۇ: مەنىسى: (ئى ئاللاھ مەن سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ھازىر بولدۇم، سىنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇسانا ۋە نىئمەتلەر ۋە پادىشاھلىق سەن ئۈچۈن، سىنىڭ ھېچ شىرىكىڭ يوق) ئەر كىشى ئۈنلۈك ئېتىدۇ، ئايال كىشى يېنىدىكى ئاياللار ئاڭلىغۇدەك ئېتىدۇ، ئەگەر يېنىدا ئەرلەر بۇلسا ئىچىدە ئېتىدۇ. ئېھرامغا كىرگەندە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ.
ھاجىلار مەككىگە يۇيۇنۇپ كىرىش مۇستەھەبدۇر، ئاندىن ھەج تەمەتتۇ قىلىدىغان ھاجىلار ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتكە بارىدۇ، ھەج قىران ۋە ھەج ئىفراد قىلغۇچىلار ئۈچۈن كىلىش تاۋپىنى قىلىش سۈننەتتۇر.
ھەرەم مەسچىتكە كىرگەندە، ئوڭ پۇتى بىلەن كىرىپ، مەسچىتكە كىرىش دۇئاسىنى ئۇقىدۇ، كەبىگە يېتىپ كەلگەندە تاۋاپنى باشلاشتىن بۇرۇن، لەببەيك تۇلاشنى تۇختىتىدۇ. ئەر لەر ئۈچۈن ئوڭ مۈرسىنى ئېچېۋىتىش مۇستەھەپتۇر.
ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلەپ تاۋاپنى ھەجەرۇل ئەسۋەد تىن باشلايدۇ، ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى تۇتۇپ سۈيىدۇ، قادىر بۇلالمىسا ئىشارەت قىلىپ قۇلىنى سۆيىدۇ. تاۋاپ جەريانىدا كەئبە ھاجىنىڭ سول تەرىپىدە بۇلىدۇ، بەيتۇللاھنى يەتتە قېتىم ئايلىنىدۇ، ئەر كىشى ئالدىنقى ئۈچ ئايلانمىدا كىچىك چامداپ سوكولداپ ماڭىدۇ، قالغىنىدا نۇرمال ماڭىدۇ.
ھەجەرۇلئەسۋەد تىن ئىلگىركى بۇلۇڭغا كەلگەندە ئونى سۆيمەي تۇتۇپلا قۇيىدۇ، تۇتالمىسا قۇلى بىلەن ئىشارەت قىلمايدۇ. بۇ بۇلۇڭ بىلەن ھەجەرۇلئەسۋەد نىڭ ئارىسىدا ﴿رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾ بۇ دۇئانى ئۇقىدۇ.
يەتتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپنى تاماملىسا، ئېھرامغا تۇلۇق يۆگىنىپ، ئىمكان قىلالىسا ماقام ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدا - بۇلمىسا ھەرەمنىڭ قەيىردە بۇلسا - ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقىدۇ، بىرىنجى رەكئەتتە فاتىھەدىن كېيىن ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ﴾ نى، ئىككىنجى رەكئەتتە فاتىھەدىن كېيىن ﴿قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ﴾ نى ئۇقىدۇ.
ئاندىن مەسئاغا چىقىپ سافا تېغىغا يېقىنلاشقاندا، مەن ئىشنى ئاللاھ باشلىغان بۈيچە باشلايمەن دەپ ئۇشبۇ ئايەتنى ئۇقىدۇ. ﴿إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ﴾
ئەگەر ھاجىلار سەئيىنى تاماملىسا بېشىنى چۈشۈردۇ ياكى قىسقارتىدۇ، ھەج تەمەتتۇ قىلغۇچى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئەۋزەل، ئەگەر ھەجدىن كېيىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۆمرىدە قىسقارتسىمۇ بۇلىدۇ، ئايال كىشى چېچىنى يىغىپ بارماق ئۇچىدەك قىسقارتىدۇ. ھەج تەمەتتۇ قىلغۇچى يۇقارقى ئىشلارنى قىلسا ئۆمرىسى تامام بۇلۇپ ئېھرام بىلەن چەكلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھالال بۇلىدۇ، ئەمما ھەج قىران ۋە ھەج ئىفراد قىلغۇچى تاۋاپ ۋە سەئيە دىن كېيىن چېچىنى ئالماي يا قىسقارتماي ئېھرامىدا قالىدۇ.
تەرۋىيە كۆنى زۇلھەج ئېىيىنىڭ 8 كۆنى بۇلۇپ، ھەج پائىلىيەتلىرى شۇكۆندە باشلىنىدۇ. ھەج تەمەتتۇنى نىيەت قىلغان كىشى، شۇ كۆننىڭ چاشكا ۋاقتى بىلەن ئۆزى تۇرغان جايدا ئېھرامنى نىيەت قىلىپ يۇيۇنۇپ خۇش پۇراق ئىشلىتىپ، ئېھرام كىيېمنى كىيېپ ناماز ئۇقۇيدۇ، ۋە ھەجنى نىيەت قىلىپ تەلبىيە ئېتىدۇ، يەنى: "لەببەيكە للاھۇممە ھەججەن" دەيدۇ، (ئى ئاللاھ مەن ھەج ئۈچۈن ئېھرام باغلاپ ھازىر بۇلدوم). ئەمما ھەج ئىفراد ياكى ھەج قىراننى نىيەت قىلغان كىشىلەر يەنىلا بۇرۇنقى ئېھرامدا. ئاندىن ھاجىلار چۈشتىن بۇرۇن مىناغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ، پىشىن، ئەسىر، شام، خۈپتەننى جەمى قىلماي تۆت رەكئەتلىكنى قەسرى قىلىپ ئۇقۇيدۇ، يەنە توققۇزىنجى كۆنى بامداتنىمۇ شۇ يەردە ئۇقۇيدۇ. ۋاقتىنى كۆپ تەلبىيە تۇۋلاش ۋە زىكر ئېتىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
زۇلھەججەنىڭ توققۇزىنچى كۈنى بولغان ئەرەفات كۈنىدە كۈن چىققاندا، ھاجىلار تىنچ ۋە جىمجىت ھالدا تەلبىيە تۇۋلاپ زىكر ئېتىپ مىنادىن ئەرەفاتقا قاراپ ماڭىدۇ، مۇممكىن بۇلسا زاۋالغىچە ئەرەفاتنىڭ بىقىنىدىكى "نەمرە" دىگەن يەردە تۇرۇش مۇستەھەب بۇلىدۇ، بۇلمىسا ئەرەفاتقا كىرىپ كەتسىمۇ بۇلىدۇ. كۈن قەرىلگەندە پىشىن بىلەن ئەسىرنى جەمىلەپ قەسر قىلىپ پىشىننىڭ ۋاقتىدا ئۇقۇيدۇ. ئۇنىڭدىن كىېيىنكى ۋاقتىنى زىكر ئېتىش دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھقا زارلىنىش بىلەن ئۆتكۆزۈدۇ، دۇئا قىلىشتا قۇلىنى كۈتۈرۈپ قىبلىگە قاراپ ئۈزى ياخشى كۆرگەن تىلەكلەرنى سۇرايدۇ.
ھاجىلار مۇزدەلىفىگە كەلگەندە شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ قەسر قىلىپ بىر ئەزان ئىككى تەكبىر بىلەن ئۇقۇيدۇ. كېچىنى مۇزدەلىفىدە ئۆتكۈزىدۇ. تاڭ يۇرۇشقىلا بامداتنى ئۇقۇپ ئاندىن بىجرىم يۇرۇق چۈشكىچە ئىككى قۇلنى كۈتۈرۈپ قىبلىگە يۈزلۈنۈپ زىكر ۋە دۇئا بىلەن بۇلىدۇ.
زۇلھەججەنىڭ ئونىنچى كۈنى يۇرۇق چۈشكەندە كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ھاجىلار مىناغا قاراپ ماڭىدۇ، ۋە ئاتىدىغان تاشلارنى يولدىن ۋە باشقا يەرلەردىن ئالسا بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھەجمى نوقۇت ئۇرۇقىدىن سەل چوڭ بۇلىدۇ، مىناغا يىتىپ كەلگەندە مەككە تېرىپىگە يېقىن كىلىدىغان چوڭ شەيتانغا يەتتە تال شېغىل تاشنى تەكبىر ئېتقان ھالدا ئاتىدۇ. ئاندىن كېيىن قۇربانلىقنى بوغۇزلايدۇ، ئاندىن چېچېنى ئالدۇردۇ ياكى قىسقارتىدۇ. ئايال كىشى چېچنىڭ ئۇچىدىن بارماقنىڭ ئۇچى مىقداردا كىسىدۇ. ھاجىلارغا مەككىگە كىرىشتە ئەتىر ئېشىلتىش مۇستەھەب بۇلىدۇ، ئاندىن ھەجنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى بۇلغان پەرز تاۋاپنى ۋە سەئيىنى قىلىپ، ئاندىن مىناغا قايتىپ 11 نجى كىچىنى ئۆتكۈزۈدۇ.
ھاجىلار 11-ۋە 12-كېچىلەرنى مىنادا ئۆتكۈزۈشى كېرەك، ئەگەر كېچىكىپ 13 كېچىنىمۇ ئۆتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۈچىلى شەيتانغا كۈن ئولتۇرغاندا تاش ئېتىشى كېرەك.
جەمراتلارغا تاش ئېتىشنىڭ يۇلى
ئەگەر ھاجى مەككىدىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە بارماقچى بولسا، خوشلىشىش تاۋپىنى قىلمۇغىچە مەككىنىڭ سىرتىغا چىقمايدۇ. سەپەر قىلغۇچى ۋىدالىشىش تاۋپىنى مەككىدىن ئايرىلىشتىكى ئاخىرقى ۋاقىتتا قىلىدۇ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھاۋالىسى بىلەن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھېچكىم مەككىدىن ئايرىلىشتا ئاخىرقى ۋاختىدا تاۋاپ قىلماي چىقمىسۇن» (مۇسلىم رىۋايتى:1327). ئەگەر ئايال كىشى ھەيز كۆرۈپ قالسا، بۇ تاۋاپ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.