نۆۋەتتىكى بۆلەك :ھەدىس ۋە سۈننەت
دەرس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھيىدۇر، ئۇ مۇقەددەس كىتاب بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ۋە مەنبەسى بۇلۇپ. ئۇ ئىككىسى تەۋھىد كەلىمىلىرى (يەنى ئاللاھنى بىردەپ ئىتقاد قىلىش، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش) بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغاندەك، بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. سۈننەتكە ئىشەنمىگەن كىشى قۇرئانغا ئىشەنمىگەن بۇلىدۇ.
سۈننەتنىڭ ئىزاھاتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ بولغان: سۆز ياكى ھەركەت ياكى جاكارلاش ياكى ياكى يارىتىلىش سۈپىتى ياكى ئەخلاق ئالاھىدىلىكى دىن ئىبارەتتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتنىڭ ئورنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئىسلامدا ئۇلۇغ ئورۇنغا ئىگە، ئۇنىڭ ئورنى ۋە مەرتىبىسىنى تۆۋەندىكى ئىشلار بايان قىلىدۇ.
1. ئۇ شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى
سۈننەت قۇرئان كەرىمدىن كېيىنكى ئىككىنچى دىن مەنبەسىدۇر. مىقدام بن مەئدىكەرىب ئەلكىندى رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام «بىلىڭلاركى ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھيى بېرىلدى، بىلىڭلاركى ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھيى بېرىلدى، بىلىڭلاركى پات ئارىدا توق قۇساق بىر ئادەم تەختىسىگە يۈلىنىپ تۇرۇپ كىشىلەرگە سىلە پەقەت قۇرئاننىلا تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدا نېمىنى ھالال دەپ تاپساڭلار، ئۇنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلىڭلار، ۋە نېمىنى ھارام دەپ تاپساڭلار، ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار، دېگىلى تاس قالىدۇ» دېدى: (مۇسنەد ئەھمەد (17174).
2. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىيدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىيدۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشى بۇيچە سۆزلىمەيدۇ، ئۇ(نىڭ سۆزلىرى) ۋەھىيدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭغا بىلىمى قۇدرەتلىك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى» [نەجم سۈرىسى:3-5].
3. ئۇ قۇرئاننىڭ ئىزاھاتىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى قۇرئاننىڭ ئىزاھاتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ساڭا ئىنسانلارغا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ھەدىسنى نازىل قىلدۇق، ئۆمىتكى ئۇلار پىكرى يۈرگىزگەي» [نەھل سۈرىسى:44]
قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى نۇرغۇن مەسىلەلەرنىڭ ھۆكۈملىرىدە قىسقىچى يەكۇندا كەلگەن بۇلۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى سۆزى بىلەن ياكى ئەمەلىي بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ «رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ناماز ئۇقۇڭلار ۋە زاكات بېرىڭلار، ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار» [نۇر سۈرىسى:56]. دېگەن سۆزىدە بۇ بۇيرۇق ئومۇمىي جەھەتتىن ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، بۇ سۈننەتتە تەپسىلىي ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، سۈننەت بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى ۋە باشقا بەلگىلىمىلىرىنى، ۋە شۇنداقلا زاكاتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئاللاھ تائالا ئۇنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلغان زىكرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «بىز زىكرىنى نازىل قىلدۇق، ئۇنى بىز ئۈزىمىز ساقلايمىز» (ھىجر سۈرىسى:9). زىكرى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان بارلىق قۇرئان ۋە سۈننەتكە ماس كىلىدىغان ئىسىمدۇر.
بۇ ساقلاشنىڭ بىر نامايەندىسى شۇكى، ئاللاھ تائالا سۈننەتنى يىغىش ۋە ئۇنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىشتا پۈختىلايدىغان قائىدىلەرنى بەلگىلەش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىردىغان ئۆلىمالارنى تەييارلىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن يالغان ۋە خام خىيال ۋە خاتالىقلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئېنىق كونترول قىلدى، ۋە ئۇنى ناھايىتى ياخشى پىششىق يادلىدى، ھەمدە ئۇنىڭ راۋىلىرىنى ۋە بايان قىلغۇچىلارنى تەكشۈردى.
سۈننەتنى ساقلاشقا ئاللاھنىڭ كاپالەتلىك قىلىشى، پەيغەمبرىنىڭ سۈننىتىنى ئاشۇ رىۋايەتچىلەر ۋە ئۆلىمالارغا ئۇنى يادىلاش كۈچ قۇۋىتى بېرىش ئارقىلىق بۇلغان ئىدى.
سۈننەت بۈيۈك قۇرئاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قانۇن چىقىرىش مەنبەسى بۇلۇپ، ئاللاھنىڭ دىنى كىتاب بىلەن سۈننەت تەڭ ئېلىنماي تۇرۇپ تاماملانمايدۇ.
سۈننەت قانۇنىي ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەنبە بۇلۇپ، ئېتىقادى ۋە شەرئى ھۆكۈملەردە ئۇنىڭ تەقەززاسى بۇيچە ئەمەل قىلىنىدۇ.
سۈننەت بەزىدە «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەھكاملىرىنى چۈشەندۈرۈشكە كىلىدۇ، شۇنداقلا بەزىدە مۇستەقىل قانۇنلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى كەلتۈرىدۇ، ئۇ ھالالنى ھالال قىلىشتا ۋە ھارامنى ھارام قىلىشتا قۇرئانغا ئوخشايدۇ.
ھەدىس نەبەۋېنىڭ شەرىئەت قانۇنلىرىدا ھۆججەت بۇلىشىنى ۋە ئۇنىڭدا چوڭ تەسىر كۈچىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە دەلىللەر كەلدى، نۇرغۇن ئايەت ھەدىسلەر قۇرئانغا ئېسىلىپ سۈننەت بىلەن دەلىل كەلتۈرۈشكە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىغا بۇيرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر سىلەرگە (ھۆكۆملەردىن) نېمىنى ئېلىپ كەلسە ئۇنى قۇبۇل قىلىپ ئېلىڭلار، ۋە سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىڭلار» [ھەشر سۈرىسى:7]
مىقدام بىن مەئدىكەرىب ئەلكىندى رەزىيەللاھۇئەنۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «پات ئارىدا بىر كىشى ئۆزىنىڭ سافاسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرغىنىدا مىنىڭ ھەدىسىمدىن بىرەر ھەدىس سۆزلەنسە، ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بار، ئۇنىڭدا نېمىنى ھالال دەپ تاپساق، ئۇنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ۋە ئۇنىڭدا نېمىنى ھارام دەپ تاپساق، ئۇنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، دەيدۇ: بىلڭلاركى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسىلەر، ئاللاھ ھارام قىلغانغا ئوخشاشتۇر» (ئىبنۇ ماجە رىۋايتى:12)
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزىدە، ۋە ھەرىكىتىدە ۋە ھەممە ئەھۋاللىرىدا رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى ۋاجىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەر! «ئېيتقىنكى ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دۇست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، (ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ۋە ناھايتى مېھرىباندۇر» [ئال ئىمران سۈرىسى:31] ئاللاھ يەنە مۇنداق دېدى: «ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىلار» [ئەئراف سۈرىسى:158]
ئىرباز بىن سارىيەرەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەرگە مېنىڭ سۈننىتىم ۋە توغرا يولدا ماڭغان تۆت خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتى ۋاجىپتۇر، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، ۋە ئۇنى ئېزىق چىشڭلار بىلەن چىشلەڭلار، (دىندا) يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، چۈنكى (دىندىكى) يېڭى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:4607).
ئەگىشىش دىگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا ياكى قىلغان ئىشلىرىغا ئەمەل قىلىش، ۋە ئۇنىڭ تۇتقان يۇلىدا مېڭىش، بۇيرۇققلاغا ئەمەل قىلىشتا، ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشتا، ۋە دىننى تەتبىقلاشتا ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا ئۇ كۆرسەتكەن بۇيچە قىلىش.
ئەگىشىش ۋاجىپ ئىشلاردا ۋاجىپ، مۇستەھەپ ئىشلاردا مۇستەھەپتۇر.
سۈننەتكە ئەگىشىشنىڭ نۇرغۇن پەزىلىتى ۋە مېۋىسى بار، ئۇلاردىن:
سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە ئۇنى لازىم تۇتۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەشكەنلەرگە دۇزاخ بىلەن تەھدىد سالغان مەزھەپلەرگە ئەگىشىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، ئابدۇللاھ بىن ئەمر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۈممىتىمگە ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدە كۆرەلگەن ئىشلار ئاياغ ئاياغقا رۇبىرۇ كەلگەندەك چۇقۇم كىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى ئانىسىغا ئاشكارا يېقىنچىلىق قىلسا، قەۋمىم ئىچىدە ئاشۇنداق قىلىدىغانلار چىقىدۇ، ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادى يەتمىش ئىككى پىرقەگە بۈلۈنۈپ كەتكەن، مىنىڭ ئۆممىتىم يەتمىش ئۆچ پىرقىگە بۈلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇزاختا بۇلۇپ بىرسىلا ساق قالىدۇ، ساھابىلار ئېتتى: ئۇلار كىم ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇلار ماڭا ۋە ساھابىلىرىمغا ئەگەشكەنلەر» دېدى: (تىرمىزى رىۋايتى:2641)
ئازغۇنلۇقتىن ساقلىنىپ ھىدايەت تېپىش سۈننەتنى لازىم تۇتۇش بىلەن ھاسىل بۇلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» [ئەئراف سۈرىسى: 158]. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن ئاراڭلاردا ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم، (ئۇنىڭغا ئېسىلغاندىن) كېيىن ھەرگىزمۇ ئېزىپ كەتمەيسىلەر، ئۇلار: ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىم» (مۇستەدرەك ئەل ھاكىم رىۋايتى:319).
سالىھ ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بۇلىشى سۈننەتكە ئۇيغۇن بۇلاشقا باغلىقدۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەندەنىڭ قىلىدىغان ئەمەلى چوقۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ماس كېلىشى كېرەك، ئائىشەرەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىز بىز بۇيرىمىغان ئەمەلنى قىلسا رەت قىلىنىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:1718).
سۈننەتكە ئەگىشىشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەتلىنىش باردۇر، كىمكى سۈننەتتىن يىراقلاشسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن يىراقلاشقان بۇلىدۇ. ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: (ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كەلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە سوردى، ئۇلارغا خەبەر بېرىلگەندە، ئۇلار بۇ ئەمەللەرنى ئاز سانىغاندەك قىلىپ بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇخشىمايمىز، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان، دېيىشتى، ئۇلارنىڭ بىرى: مەن كېچىسى مەڭگۈ ئۇخلىماى ناماز ئۇقۇيمەن دېدى، يەنە بىرى: مەن مەڭگۈ تاشلىماى روزا تۇتىمەن دېدى، يەنە بىرى: مەن ئاياللاردىن يىراق تۇرىمەن ۋە مەڭگۇ توي قىلمايمەن دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنداق مۇنداق دېگەنلەر سىلەرمۇ؟ بىلىپ قۇيۇڭلار ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئەلۋەتتە ئاللاھتىن سىلەردىن بەكرەك قورقىمەن، ۋە ئۇنىڭغا سىلەردىن بەكرەك تەقۋادارلىق قىلىمەن. ئەمما مەن روزانىمۇ تۇتىمەن ۋە رۇزا سىزمۇ يۈرىمەن، كىچىدە نامازمۇ ئۇقۇيمەن ۋە ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلايمەن، ھەم ئاياللار بىلەن توي قىلىمەن، كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈسە مېنىڭ ئۈممىتىدىن ئەمەس» دېدى. (بۇخارى رىۋايتى:5063).
سۈننەتنى لازىم تۇتۇشتا فىتنە ۋە ئازابتىن قۇتۇلۇش ھاسىل بۇلىدۇ، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار ئۆزلىرىگە سىناق ياكى ئەلەملىك ئازاپ يېتىشتىن ھەزەر قىلسۇن». [نۇر سۈرىسى:63]
سۈننەتكە ئەگىشىشتە ھەر ئىككى دۇنيانىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىش ھاسىل بۇلىدۇ، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «كىمكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇپ ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلسا، ئۇلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر» [نۇر سۈرىسى: 52].