ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

دەرس مۇسۇلماننىڭ يۇقۇملۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى

مۇسۇلمان ھايات ئىشلىرىدا، يەنى يۇقۇم ۋە ئاپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇئامىلىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئېتىقادى بىلەن ئۇلاردىن پەرىقلىنىدۇ. بۇ دەرس مۇسۇلمانلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئەڭ ياخشى يول بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى بېلىش. 

تەقدىرگە ئىشىنىش:

بىز تەقدىرگە، ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئىشىنىمىز، چۈنكى ئۇ ئېماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى، بەندىلەر گە يەتكەن بالايىئاپەت ۋە كېسەللىك، ۋە كىلىشمەسلىك مۇسىبەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قازا ۋە قەدرى بىلەن بولىدۇ. بىز ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىدىن رازى بۇلىمىز، ئاچچىقلانمايمىز، ياكى ئاغرىنمايمىز، ۋە ياكى چىدىماسلىق قىلمايمىز. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بۇلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىشەنسە ئۇنىڭ قەلبىنى تۇغرا يۇلغا يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» (تەغابۇن سۈرىسى:11)

كېسەللەر ئۆزى يۇقمايدۇ:

مۇئمىنلەر كىسەللەر ئۈزنىڭ كۇچى بىلەن يۇقمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە تەقدىرى بىلەن دەپ قارايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئاللاھ بىزگە جىسمانىي ساغلاملىق ۋە ئالدىنى ئېلىش سەۋەبلىرىنى قوللىنىشقا، كېسەللىك نەرسىلەر ۋە يۇقۇملانغان ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشقا، ۋە كېسەللەر بىلەن ئارىلاشماي ئېھتىيات قىلىشقا بۇيرۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ ئىزنى سىز كىسەل يۇقمايدۇ، ۋە زىيانداش ھاشارەت زىيان يەتكۇزەلمەيدۇ، شۇم پال ئېلىشقا بۇلمايدۇ، سەپەر ئېيىدا ھېچ شۇم پال ئېلىش يۇق، ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىدىن شىردىن قاچقاندەك قېچىڭ» (بۇخارى رىۋايتى:5707).

كېسەللەر ۋە يۇقۇم ئەھۋاللىرى ھەمىشە ئازاب ھىسابلىنامدۇ؟

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارغا ئاللاھتىن ۋاقتىدا كەلگەن جازا دۇر، مۆمىنلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ، گۇناھلىرىنى يۇيۇدىغان رەھمەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھاغا ۋابا ھەققىدە سورىغاندا خەبەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزى خالىغان كىشىگە ئەۋەتىدىغان جازاسىدۇر، ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇنى مۆمىنلەرگە رەھمەت قىلدى.ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بۇلغان ئادەم، ماڭا پەقەت ئاللاھ پۈتىۋەتكەن نەرسىدىن باشقا نەرسە يەتمەيدۇ، دەپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، سەۋرە قىلىپ ئۆز شەھرىدە تۇرسا، ئۇ كىشىگە شەھىدنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:3474)

ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىش:

بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا مۇسۇلمان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نەسىھىتىگە قاراش كىرەك، جامائەت مەنپەئەتىنى شەخسىي مەنپەئەتتىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە مۇقىملىق ۋە ھاياتنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىڭلار، گۇناھ ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ھەمكارلاشماڭلار» (مائىدە سۈرىسى: 2).

يۇقۇم ئەھۋالىدا چەكلەنگەن ئىشلار

1- ياۋىداق خەۋرلەرنى تارقىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش.

شەك-شۈبھىسىزكى ياۋىداق خەۋرلەرنى تارقىتىش چەكلەنگەن يالغاندۇر، شۇنداقلا ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە تارقىتىشنىڭ سەۋەبىدۇر، شۇڭا ئىشەنچىسىز ھېچقانداق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزمەسلىككە ھېرىس بۇلۇش كېرەك. ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېدى: «مۇناپىقلارغا "مۇئمىنلەرگە ئائىت" ئامانلىقنىڭ ياكى قۇرقۇنچىنىڭ بىرەر خەۋرى يەتسە، ئۇلار ئۇنى يېيىۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇ خەۋەرنى پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلەر ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە قايتۇرسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەھلىلچىلار چۇقۇم ئۇنىڭ ماھيتىنى بىلەتتى» (نىسا سۈرىسى:83)

2. سودا بۇيۇملىرىنى مونوپول قىلىش.

ئىسلام مونوپوللۇق ئالدامچىلىق باھانى ئۆستۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇزۇقلىرىدا كۆز بۇيامچىلىق قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ، بولۇپمۇ كرىزىس مەزگىلىدە.بۇنداق قىلىش مالنى ناھەق يېۋەلىش، ۋە خىيانەت قىلىش، ئىشەنچنى يۇقۇتۇش، ۋە پەسكەشلىكتۇر. پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىمكى بىر نەرسىنى مۇسۇلمانلارغا باھاسىنى ئۆستۈرۈش نىيىتى بىلەن مونوپول قىلسا، ئۇ گۇناھكار بولىدۇ» (ئەل مۇسنەد:8617).

3. يۇقۇملىنىشنى قەستەن تارقىتىش

ھەر قانداق شەكىلدىكى كېسەلدىن قەستەن يۇقۇملانغۇچىنى ساغلام ئادەمگە يۇقتۇرۇش چەكلەنگەن ئىشتۇر، ئۇ چوڭ گۇناھ مەئسىيەت دەپ قارىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ دۇنيادا جازاغا تارتىلىدۇ. بۇ جازا ھەرىكەتنىڭ ئېغىرلىقى شەخسلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.

يۇقۇملىنىشنى باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرغان كىشىگە بېرىلىدىغان جازا:

١
ئەگەر ئۇنىڭ مەقسىتى جەمئىيەتتە يۇقۇم تارقىتىش بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بۇ يەردىكى بىر خىل بۇلان تالان ۋە ۋەيران قىلىش دەپ قارىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك جازاسى بېكىتىلىدۇ. ئايەتتە كەلگەنگە ئوخشاش: «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىپ زىمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى: ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرلۈشى، ياكى دارغا ئېسىلىشى، ياكى ئوڭ قۇلى ۋە سول پۇتى كېسىلىشى، ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كىرەك. بۇ جازا ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادىكى رەسۋالىقدۇر، ئاخىرەتتە ئۇلارغا چوڭ ئازاپ باردۇر» (مائىدە سۈرىسى:33)
٢
ئەگەر ئۇنىڭ مەقسىتى قەستەن مەلۇم بىر ئادەمنى يۇقۇملاندۇرماقچى بولسا، ئۇ كېسەل بولۇپ قازا قىلسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
٣
ئەگەر ئۇنىڭ مەقسىتى قەستەن مەلۇم بىر ئادەمنى يۇقۇملاندۇرماقچى بولسا، ئۇ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭ جازاسى ھاكىمنىڭ كۆز قارشى بۇيچە ئۈلۈمدىن تۈۋەن بۇلىدۇ.

4- كېسەلنى تىللاش.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزىتمىنى تىللاشتىن توستى، جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوممى سائىبقا: «قىزىتمىنى تىللىماڭ، چۈنكى ئۇ كۈجەك تۆمۈرنىڭ داتلىرىنى يوقاتقاندەك ئادەم بالىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى يوقىتىدۇ» دېدى: (مۇسلىم رىۋايتى:2575).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ