نۆۋەتتىكى بۆلەك :يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر
دەرس يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
كېسەللىك يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋاكسىن ئۇدۇرۇش دۇرۇستۇر، ئۇ ئاللاھقا تايىنىشقا توقۇنۇشمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەقىقىي ھەدىستە ئېيتقىنىدەك: «كىم ئەتىگەن ئەتىگەندە يەتتە ئاجۋا خورمىنى يېسە، ئۇ كۈنى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئۇ يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى زەھەرلىكمۇ، زەھەرلىكمۇ بولمايدۇ» (بۇخارى 2045 ۋە سەھر. 54).
شەرىئەت كېسەل كىشىلەرنى ساغلام كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئۈندېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «چارۋىسى كېسەل ئادەم، ساغلام چارۋىلارنىڭ يېنىغا كەلتۈرمىسۇن». (بۇخارى رىۋايتى:5771، مۇسلىم رىۋايتى:2221).
شۇڭلاشقا يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارغا كىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئەمما ئائىلىسىنى يوقلاپ ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراش، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش ۋە داۋالاشقا ھەر قانداق پۇل ۋە ئابرۇي قاتارلىقلار بىلەن ياردەم بېرىش كېسەل تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن مۇمكىندۇر.
ۋابا بار شەھەرگە كىرىش، ياكى ئۇنىڭدىن چىقىش دۇرۇس ئەمەستۇر، بۇنى ئابدۇراھمان بىن ئەۋف رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئىسپاتلايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بىر زېمىندا ۋابانىڭ بارلىقىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇ يەرگە كەلمەڭلار، ئەگەر ئۇ سىلەر تۇرىۋاتقان زېمىندا كۆرەلسە، ئۇنىڭدىن قېچىپ چىقماڭلار» دېدى. (بۇخارى رىۋايتى:5729، مۇسلىم رىۋايتى:2219). بۇ بۇلسا كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارشى بۇلۇپ. بۇ خىل يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەن شەھەرگە سەپەر قىلىش، ياكى كېسەلدىن قېچىپ ئۇنىڭدىن چىقىپ كىتىش دۇرۇس ئەمەستۇر.
جامائەت نامىزى ئەرلەر ئۈچۈن ۋاجىپتۇر، لىكىن ئۆلىمالار بۇنى شەرىئەتتە ئىتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۆزرە بولسا ساقىت بۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭغا ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ھەدىسى پاكىت بۇلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بولغاندا مۇسۇلمانلارغا ناماز ئۇقۇپ بېرىشكە چىقالماي «ئەبۇ بەكرىنى جامائەتلەرگە ناماز ئۇقۇپ بېرىشكە بۇيرۇڭلار» دېگەن. (بۇخارى رىۋايتى:664، مۇسلىم رىۋايتى:418). بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئەگەر بىر مۇسۇلمان كۆرۈنەرلىك بىر كېسەل ياكى قىيىنچىلىقتا بۇلۇپ قالسا، مەسچىتتىكى جامائەتلەرنى تەرك ئىتىپ يالغۇز ناماز ئۇقۇسا دۇرۇسدۇر.
ئۆزرە سەۋەپلىك جامائەتكە چىقالمايدىغان مۇسۇلمان پەرز ۋە نەپلە نامازلارنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆيىدە مەلۇم يەرنى مەسچىت قىلىش مۇستەھەپتۇر، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىندۇر. ئىتبان بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۈزىنىڭ ئاجىز بۇلۇپ قالغانلىقى، ۋە ئۇ كىشى بىلەن جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەل كەلسە سۇ يېغىلىپ مەسچىتكە ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر جىلغانىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى، ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۇنىڭ ئۆيىېگە كىلىپ ناماز ئۇقۇپ بەرسە شۇ جاينى نامازگاھ قىلىۋالسام دەپ ئۆتۈنۈۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ، ئۇيەردە ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇپ بەردى.
شۇنىڭغا ئۇخشاش مەيمۇنە رەزىيەللاھۇئەنھا ۋە ئەممار بىن ياسىرنىڭ ئۆيلىرىدە مەسچىتى بار ئىدى، بىز بۇ ئاپەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆيلىرىمىزدە مەسچىتلىرىمىز بولۇشى كېرەك.
جامائەت نامىزىنى ئۆزرە سەۋەپلىك مەسچىتتە ئۇقۇغىلى بولمىغاندا ئۆيلەردە ئۇقۇسا بۇلىدۇ، جامائەتنىڭ ساۋابى بىرىلىدۇ، بىرىنجى جامائەت ئۈتۈپ كەتكەندە ئۆيدە جامائەت بۇلۇشنىڭ دۇرۇسلىقى ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇمالارغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ساھابىلار تەرىپىدىن پەتىۋا بەرگە نلىكى تەئكىتلەندى،
ئەگەر ئۆيدە جامائەت قىلىنسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمام بۇلىشى ئەۋزەلدۇر، ئەگەر ئۇ كىشى ئۆتمىسە، قۇرئاننى ئەڭ ياخشى ئۇقۇيدىغانلىرى ئۈتۈدۇ، ئەگەر ئۇلار باراۋەر بولسا، نامازنىڭ ئەھكاملىرىنى ياخشى بىلىدىغانلار، ئۇنىڭدىمۇ باراۋەر بولسا، ياشقا چوڭلىرى ئۈتۈدۇ.
مۇسۇلمان ئۆيىدە ناماز ئۇقۇسا، ئەگەشكۈچى بىر ئەر كىشى بولسا، ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇش سۈننەتتۇر، ئەگەر كۆپ كىشى بولسا، ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ، ئەگەر ئىقتىدا قىلغۇچى ئايال بولسا، ئارقىدا تۇرۇش سۈننەتۇر، ئەگەر ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا، ئەرلەر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ، ئاياللار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ.
بۇ مۇسىبەتلەر بىز ئۈچۈن بالا چاقالارغا ناماز ئۇقۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ۋە شەرىتلىرىنى، ۋە تاھارەتنىڭ ھۆكمىنى ۋە ئۇنىڭدا لازىم بۇلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۈلۈشكە تەۋسىيە قىلىشىمىزنىڭ چوڭ پۇرسىتىدۇر.
ئۆيدىكى ئاياللار ئۈچۈن جامائەت بۇلۇپ ناماز ئۇقۇش سۈننەتتۇر، ئۇنىڭ سۈننەتلىگى ئۇممۇ ۋەرەقە، ۋەئائىشە. ۋە ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇئەنھۇننە لەردىن ئېنىق رىۋايەت قىلىنغان، ئۇلارنىڭ جامائەت بۇلىشى پەزىلەتلىكتۇر، ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ساۋاپ بىرىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىمامى سەپنىڭ ئۇتتۇرىدا تۇرىدۇ.
يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ، كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيان سەۋەبىدىن ، ھەممىگە قادىر خۇدا مۇنداق دەيدۇ: (ئەززاب: 58).
شەرىئەتنىڭ بېكىتىلگەن قائىدىلىرى ئىچىدە: زىيان تارتىشمۇ يوق، زىيان يەتكۈزۈشمۇ يوق، دېگەن قائىدە بار، شۇڭا يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ ساغلام كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشى دۇرۇس ئەمەستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۈگىلىرىگە كېسەل تەككەن ئادەم، ساغلام تۈگىلىرلەرنىڭ يېنىغا كەلتۈرمىسۇن» (بۇخارى رىۋايتى:5771، مۇسلىم رىۋايتى:2221).
ناماز جەريانىدا ناماز ئۇقۇغۇچىنىڭ ئاغزىنى يېپىشى مەكرۇھتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى چەكلىگەن، ئەمما ئېھتىياجلىق بولغاندا ياكى يۇقۇملىنىشنىڭ زىيىنىدىن ئەنسىرىگەندە ماسكا تاقىسا بۇلىدۇ.
جامائەت نامىزىنى قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، جۈمە كۈنىدىكى بەلگىلىمە يۇقۇمايدۇ، بامدات نامىزىدا سەجدە سۈرىسى ۋە ئەل ئىنسان سۈرىسىنى ئوقۇش، ئەسىر نامىزىدىن كېيىنكى ئاخىرقى دۇئا قىلىش. ئۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت ئۇقۇش، ۋە كەھف سۈرىسىنى ئوقۇش. پىرىنسىپتا بۇ ئەھكاملار جۈمە نامىزىغا يانداشماستىن قىلىنىدۇ.
ئالقان بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش سۈننەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى مۇسۇلمان ئۇچرىشىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» (ئەبۇداۋۇد رىۋايتى:5212) ئەگەر بىر مۇسۇلمان قول ئېلىشىپ كۆرەشسە يۇقۇملىنىشتىن قورقسا، ئۇ ئاغزاكى سالام بېرىش بىلەن كۇپايە قىلىدۇ، كىشىگە كۆرۆشكەننىڭ ساۋابى يېزىلىشى ئۈمىد قىلىدۇ.