نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس ئامانەت
ئۇ باشقىلارغا تۆلەم بەرمەي تۇرۇپ قويۇلغان پۇل. مەسىلەن ، بىر ئەر باشقىلارغا سائەت ، ماشىنا ياكى پۇل ئامانەت قويىدۇ.
ئامانەتنىڭ ھۆكمى
ئامانەتنىڭ يولغا قۇيۇلۇش ھېكمىتى
شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئامانەت قويۇشقا رۇخسەت قىلغان. بىر تەرەپتىن پۇل تېجەش، يەنە بىر تەرەپتىن ساۋاپقا ئېرىشىش، ساققلىغۇچىنىڭ يېنىدا ساقلاپ بېرىش بىلەن، بۇ كىشىلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئامانەت قۇيۇش يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ يولغا قۇيۇلىشنىڭ ئاساسى كىتاب، سۈننەت، ئىجما، ۋە قىياسلار بىلەن دۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ»[نساسۈرىسى:58].
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى ئېتىى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ساڭا ئىشىنىپ ئامانەت قۇيغان كىشىنىڭ ئامىنىتىنى تاپشۇرۇپ بەرگىن، ۋە ساڭا خىيانەت قىلغان كىشىگە خىيانەت قىلمىغىن» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:3535)
ئامانەتنى قۇبۇل قىلىشنىڭ ھۆكمى
ئامانەتنىڭ ئاساسلىرى
ئامانەت ساقلىغۇچى ئامانەتنى تۆلەيدىغان ئەھۋاللار
ئامانەتنى ساقلاشتىن كېپىللىككە ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋاللار.
ئامانەت ساقلىغۇچىنىڭ يېنىدا بولسا، ئۇنىڭ ئۇخشىشى ساقلىنىدىغان يەردە مۇھاپىزەت قىلىشى كىرەك، ئەگەر ئۇ تاجاۋۇز قىلماي ۋە سەھۋەنلىك قىلماي ھالاك بولسا، زامىن بولمايدۇ. ئەگەر مال ئىگىسى ساقلىغۇچىغا تەسەررۇپ قىلىشقا ھوقۇق بەرگەن بولسا، ئۇ تۈلەيدىغان قەرزگە ئايلىنىدۇ.
ئەگەر ساقلىغۇچى قورقۇنچىدا قېلىپ سەپەر قىلماقچى بولسا، ئامانەتنى چوقۇم ئىگىسىگە ياكى ۋاكالەتچىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئىمكان قىلالمىسا، ئادىل پادىشاھقا بېرىدۇ، ئۇنىڭغىمۇ ئىمكان قىلالمىسا ئىگىسىگە بېرىپ قۇيدىغان بىر ئىشەنچىلىك كىشىگە قۇيۇپ قۇيىدۇ.
كىمدە ئامانەت قويۇلۇپ، ئۇنى ساقلاش ئورنىدىن چىقىرىۋىتىش ياكى پەرق ئېتەلمەيدىغان نەرسە بىلەن ئارىلاشتۇرۋىتىش بىلەن ھەممىسى زايا بولسا، ئۇ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئالغۇچى ساقلاپ بەرگۈچىدۇر، تاجاۋۇز قىلمىسا ياكى بىپەرۋالىق قىلمىسىلا زامىن بولمايدۇ، ئامانەتنى قايتۇرۇشتا ۋە ئۇ ھالاك بولغان سۈرەتتە، ئېنىق ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، قەسەم ئىچىش بىلەن ساقلىغۇچىنىڭ گىپى گەپ بۇلىدۇ.
ئامانەتنى قايتۇرۇشنىڭ ھۆكمى
ئەگەر ئامانەت بىر قانچە كىشىنىڭ بۇلۇپ، ئۇ ئۆلچەش، ياكى جىڭلاش، ياكى ساناش ئارقىلىق بۈلۈنسە، ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىنى تەلەپ قىلسا، ئۇ ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ.