نۆۋەتتىكى بۆلەك :مالىيە سودىسى
دەرس سوۋغات
ئۇلۇغ ئاللاھ سېخىدۇر، ئىسىل سېخىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئەڭ سېخىسى ئىدى. ئۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلىپ ئورنىغا بىر نەرسە بېرەتتى، ھەمدە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا دەئۋەت قىلىپ، بېرىشكىمۇ قىزىق تۇراتتى، بېرىش بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى.
بىر نەرسىگە بەدەلسىز ئىگە قىلىش.
ئىگە قىلىش دېگەن سۈزىمىز: سۇۋغات كىلىشىمى ئىگە قىلىش توختاملىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپىادلەيدۇ.
نەرسەدىن مۇرات: مۇتلەق نەرسە بۇلۇپ، ئۇ مالىيە ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«نەرسىگە ئىگە قىلىش» دېگەن ئاتالغۇ سۆز، ئىككى سەۋەب بىلەن «مەنپەئەتىنى سوۋغا قىلغان نەرسىنى» سىرتىغا چىقىرىدۇ.
«ئىگىدارلىق» چەكلىمىسى بىلەن قەرزدىن كەچۈرۈم قىلىش سىرتىدا بۇلىدۇ، ئۇ گەرچە سوۋغات سۆزى بىلەن بولغان تەقدىردىمۇ، چۈنكى كەچۇرۇم قىلىش كۈتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.
سوۋغات سۈزى ھەدىييە، بېرىش، دېگەنگە قوللىنىلىدۇ، ھەممىسى خەير- ساخاۋەت، سىلە رەھمە ۋە ياخشىلىق بابىغا كىرىدۇ.
سۇۋغاتنىڭ ھۆكمى
سوۋغات قىلىش مۇستەھەپتۇر: چۈنكى ئۇ قەلبلەرنى ئۈلپەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ساۋاپ ئەجرى ھاسىل بۇلىدۇ، ۋە دۇسلۇق مۇھەببەت ھاسىل بۇلىدۇ، ئۇنىڭ مۇستەھەپلىكىگە كىتاب ۋە سۈننەت ۋە ئىجمادىن دەلىل كەلدى.
شەرىئەت سوۋغات قىلىشقا ئۈندەيدۇ، چۈنكى ئۇ روھنى بېخىللىقنىڭ رەزىللقىدىن ۋە ئاچكۆزلۈك تاماخۇرلۇقتىن پاكلايدۇ، ھەمدە قەلىبلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ تۇغقانلارغا، ياكى قوشنىلارغا ياكى دۇشمەنلىشىۋاتقان بىرىگە بېرىلسە. بەزىدە تالاش-تارتىشلار سەۋەپلىك، جىدەل ماجرا ئىناقسىزلىق يۈز بىرىپ، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا سوۋغا سالام قەلبلەرنى پاكلاش، ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن كېلىدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر نەرسە سۇۋغا قىلسا، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىيە قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر نەرسە بېرەتتى» (بۇخارى رىۋايتى:2585).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ سېخىي زات ئىدى، بۇلۇپمۇ رامىزاندا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇچراشقاندا تېخىمۇ سېخىلىشىپ كىتەتتى. ئۇ رامىزاننىڭ ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قۇرئاندىن تەلىم بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇچاغدا ئەۋەتىلگەن شامالدەك سېخى بۇلۇپ كىتەتتى» (بۇخارى رىۋايتى:6، مۇسلىم:2308).
سۇۋغاتنىڭ ئاساسلىرى
ئۆلىمالار تەكلىپ (بەردىم دېيىش) سوۋغاتنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى دەپ بىرلىككە كەلدى، ئۇنىڭ باشقىسىدا كۆز قارشى ئۇخشاش بولمىدى، سوۋغات پەقەت تەكلىپ بىلەنلا بىكىتىلىپ كىتىدۇ، (يەنى ھەدىيە قىلغۇچىدىن سوۋغىسىنى كۆرسىتىدىغان سۆزنىڭ سادىر بۇلىشى)، لىكىن ھەدىيە قىلىنغۇچى ئۇ نەرسىنى قۇلىغا ئېلىپ قوبۇل قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايدۇ، شۇڭا قولغا ئېلىش ۋە قوبۇل قىلىش، توختامنىڭ تۈزىلىشى ئۈچۈن ئەمەس، ئارقىسىدىن كىلىپ چىقىدىغان ئەسەر ئۈچۈن دۇر.
سۇۋغاتنىڭ شەرتلىرى
ئالىملار سۇۋغا قىلىندىغان نەرسىنىڭ مەلۇم بۇلىشىدا، ۋە ئۇنىڭ ئۇرتاق بولماي تەقسىم قىلىنغان بۇلۇشنى شەرت قىلىشتا ئىختىلاپ قىلىشتى.
كىمكى بىر ئەمەلدارغا ياكى خىزمەتچىگە ياكى باشقىلارغا سوۋغات بېرىپ ئۆزىنىڭ ھەققى يوق بىر مەنپەئەتكە ئىرىشمەكچى بولسا، بۇ ئالغۇچىمۇ بەرگىچىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدىغان پارىخورلۇق بۇلۇپ، ھەر ئىككى تەرەپكە ھارامدۇر.
ئەگەر زالىمنىڭ زۇلمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياكى ئۇنىڭدىن ئېلىشقا تېگىشلىك ھوقۇقىنى بېرىش ئۈچۈن سوۋغات بەرسە، بۇ سوۋغات ئالغۇچىغا ھارامدۇر، لىكىن بەرگۈچىگە ھەققىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئالغۇچىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن بەرسە دۇرۇستۇر.
ئەبى ھۇمەيد ئەل سائىدىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى ئەسەدتىن ئىبنۇل ئۇتبىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئادەمنى زاكات يېغىشقا قويدى، ئۇ كىشى قايتقاندا «ماۋۇ يىغىلغان زاكات سىلەرنىڭ، ماۋۇ ماڭا سۇۋغا بېرىلدى» دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردە تۇرۇپ، ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېتىپ ئاندىن مۇنداق دېدى: «بىز ئەۋەتكەن ئىشچى قانداق ئادەم، قايتىپ كېلىپ: «بۇ سىلىنىڭ، ماۋۇ مىنىڭ، دەيدۇ! ئۇ ئادەم نېمىشقا ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قاراپ باقمىدى؟ ئۇنىڭغا سوۋغات كىلەمدىكەن ياقمۇ! مىنىڭ جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بىر نەرسىنى ئېلىۋالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى بوينىدا كۈتۈرۇپ كىلىدۇ. ئەگەر تۆگە بولسا بوقىرىغان ھالدا، ياكى كالا بولسا مۆرىگەن ھالدا، ياكى قوي بولسا مەرىگەن ھالدا كىلىدۇ» دەپ ئاندىن ئىككى قۇلىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ دۇئا قىلدى، بىز قولتۇقلىرىنىڭ ئاقلىقىنى كۆردۇق. يەتكۆزدۇممۇ دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. (بۇخارى رىۋايتى:7174، مۇسلىم:1832).