ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :پاكىزلىق

دەرس تاھارەت ئېلىش

تاھارەت ئېلىش ۋە پاكلىنىش ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئەمەللەرنىڭ بىرى بۇلۇپ. بۇ بۆلەكتە تاھارەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆگىنىسىز.

نىشان: 

  • تاھارەتنىڭ پەزىلىتىنى بىلىش.
  • تاھارەت ئېلىشنى ئۆگىنىش.

تاھارەتنىڭ پەزىلىتى

تاھارەت ئېلىش ۋە پاكلىنىش مۇسۇلمانلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر، چۈنكى بەندە ئونى سەمىمىي نىيەتتە قىلغاندا، ئاللاھ ئونىڭ بىلەن گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئەگەر مۇسۇلمان بەندە تاھارەت ئېلىپ يۇزىنى يۇيسا، كۈزى بىلەن قاراپ سالغان خاتالىق يۇزىدىن ئاشۇ بىلەن- ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن- چىقىپ كىتىدۇ. ئەگەر ئۇ قولنى يۇيسا، قوللىرى تۇتقان ھەر بىر گۇناھ ئۇنىڭ قولىدىن سۇ بىلەن- ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن- چىقىپ كىتىدۇ، ئۇ پۇتىنى يۇيسا، پۇتلىرى بىلەن ماڭغان ھەر بىر گۇناھ سۇ بىلەن- ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن- چىقىپ كىتىدۇ، ھەتتاكى ئوكىشى گوناھلاردىن پاكىزە چىقىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:244).

كىچىك تاھارەت سىز لىكنى كۇتۇرۇش ئۈچۈن قانداق تاھارەت ئالىمەن؟

نىيەت

ئەگەر بىر مۇسۇلمان تاھارەت ئالماقچى بولسا، ئۇنى نىيەت قىلىشى كېرەك، يەنى ئۇ ئۇزىنىڭ كاللىسىدا ۋە قەلبىدە. تاھارەت سىزلىكنى يۇقۇتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ۋە ھالەنكى نىيەت ھەممە ئەمەللەردە شەرت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق بولىدۇ» دىگەندەك. (بۇخارى رىۋايتى:1 مۇسلىم رىۋايتى:1907).

ئاللاھنىڭ نامى بىلەن دەپ باشلايدۇ.

ئىككى قولىنى يۇيۇش

قولىنى ئۈچ قېتىم سۇ بىلەن يۇيۇش مۇستەھەبدۇر.

ئېغىزنى چايقاش

سۇ بىلەن ئاغزىنى چايقايدۇ، يەنى ئاغزىغا سۇ ئېلىپ بىر ئاز ھەركەتلەندۈرۈپ ئاندىن ئۇنى چىقىرىدۇ، ئۇنى بىر قىتىم قىلىش ۋاجپ، ئۈچ قىتىم قىلىش مۇستەھەبتۇر.

بۇرنىغا سۇ تارتىش.

بۇرنىغا سۇتارتىش: يەنى تاھارەت ئالغۇچى بۇرنى بىلەن سۇنى شۈمۈرۈپ ئاندىن چىقىرىدۇ، يەنى: بۇرنىنى قېقېش جەرياندىكى ھاۋا بىلەن ئىترىپ چقىرىدۇ، ئەگەر بۇ زىيان كەلتۈرمىسە ياكى روزادار بۇلمىسا ئونى ئاشۇرۇپ قىلىش مۇستەھەب بۇلىدۇ، شۇنىڭدەك ئۈچ قېتىم تەكرار قىلىشى مۇستەھەب، بىر قېتىم قىلىشى ۋاجىپتۇر.

يۈزنى يۇيۇش

تاھارەت ئالغۇچى يۈزنى يۇيدۇ، يۇزنىڭ بەلگىلىمىسى: پېشانىنىڭ ئۈستى چاچنىڭ ئاستىدىن ئېڭەكنىڭ ئاستىغىچە، ۋە قۇلاقتىن قۇلاققىچە بولىدۇ، قۇلاقمۇ يۈزنىڭ ئىچىدە ئەمەس، يۇزنى ئۈچ قېتىم يۇيىش مۇستەھەپ بىر قېتىم يۇيش ۋاجىپتۇر.

ئىككى قولنى يۇيۇش

ئىككى قولىنى بارماق ئۇچىلىرىدىن باشلاپ ئىككى جەينەككىچە يۇيىدۇ. جەينەك - قولنىڭ بىلەك سۆڭىكى بىلەن مۈرە سۆڭىكى تۇتاشقان جايى بولۇپ تاھارەت ئالغاندا يۇيۇلىدىغان يەرگە تەۋەدۇر. ئۈچ قېتىم يۇيۇش مۇستەھەپ بىر قېتىم يۇيۇش ۋاجىپتۇر.

باشقا مەسىھ قىلىش.

قولىنى سۇ بىلەن ھۆل قىلىپ بېشىغا پىشانىسىدىن گەدىنىگىچە سۈرتىدۇ، قوللىرىنى قايتا بىر قېتىم پىشانىسىغىچە سۈرتۈش سۈننەتتۇر، باشقا ئەزالارغا ئوخشاش ئۈچ قېتىم تەكرارلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

قۇلاققا مەسىھ قىلىش.

بېشىنى سۈرتۈپ ئىككى كۆرسەتكۇچ بارمىقىنى قۇلىقنىڭ ئىچىگە سېلىپ سۈرتكەندىن كېيىن باش بارمىقى بىلەن قۇلىقنىڭ دۈمبىسىنى سۈرتىدۇ.

ئىككى پۇتنى يۇيۇش

ئىككى پۇتىنى ھۇشىقلىرى بىلەن يۇيىدۇ، -ئۇ ئىككى ھۇشۇق بولسا پاچاق بىلەن پۈت تۇتۇشىدىغان يەردە ئىككى تەرەپكە تومپىيىپ چىقىپ تۇرغان ئىككى سۈڭەكتۇر- ئوڭدىن باشلايدۇ، بىر قېتىم يۇيۇش ۋاجىپ، ئۈچ قېتىم يۇيۇش مۇستەھەپدۇر. ئەگەر پايپاق كەيگەن بولسا، شەرىتلىرى بىلەن مەسىھ قىلسا بۇلىدۇ. (شەرتى قىلىن بۇلۇش ۋە ھۇشۇقنى يېپىش)

تاھارەتنىڭ كۆرۈنۈشلۈك چۈشەندۈرۈشى

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ