نۆۋەتتىكى بۆلەك :قىش پەسلىنىڭ ھۆكۈملىرى
دەرس قىش پەسلىدە ئىمان تۇغۇرلۈق تۇختۇلۈش
قىش پەسلى يىل مەۋسۇملىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇلۇغ ھىكمەت ئۈچۈن پىلانلىغان.
قىش ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمدە پەقەت قۇرەيش سۈرىسىدە بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ قۇرەيشلەرگە ئۆزلىرى قىشتا ۋە يازدا قىلىشقا كۆنگەن سەپەرلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن» (قۇرەيش سۇررسى:1-2) قىشلىق سەپەردە قۇرەيش تىجارەتچىللىرى يەمەنگە باراتتى، يازلىقتا شام تەرەپكە باراتتى.
قىش يازنىڭ برابىرىدە كېلىدۇ، كۈز ۋە باھار پەسلى ئۇئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ئايرىغۇچىلارغا ئوخشايدۇ، بۇ سەۋەبتىن بەزى ئالىملار "يىلدا ياز ۋە قىشتىن ئىبارەت ئىككى پەسىل بار" دېدى:
قىش ئاللاھ تائالانىڭ كۈچ-قۇدرىتى، ۋە ھىكمىتى، ۋە رەھىم-شەپقىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر:
قىش ئۈمۈر دەۋرىنى چىڭ تۇتۇپ، نېمەتلەرنى ئەسلەش پۇرسىتىدۇر
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ پىكرى يۈرگۈزمەكچى ياكى شۈكۈر ئېتماقچى بۇلغانلارغا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇردىغان قىلىپ بەرگەن زاتتۇر» (فۇرقان سۈرىسى: 62). ئۆمەر ئىبنۇل خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېدى: «كىچىڭىزدە قىلالماي ئۆتۈپ كەتكەن ئەمەللەرنى، كۈندۈزىڭىزدە قىلىۋېلىڭ، چۈنكى ئاللاھ تائالا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئەسلەشنى ياكى شۈكۈر قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى».
قىش پەسلى ئاللاھنىڭ يۇڭ ۋە ئېلېكتر سايمانلىرى ئارقىلىق ئىسسىنىشنى ئاسان قىلىپ بەرگەن نېمەتلىرىنى ئەسلەش پۇرسىتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلاردا سىلەر ئىسسىنىدىغان نەرسىلەر، ۋە باشقا نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ۋە ئۇلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەيسىلەر» [نەھل سۈرىسى:5] بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىش لايىقدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بىرىمەن، ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، بىلىپ قۇيۇڭلاركى، شەكسىز مىنىڭ ئازابىم بەك قاتتىقتۇر! دەپ جاكارلىغان ئىدى» [ئىبراھىم سۈرىسى:7]
سوغوقنىڭ قاتتىق بۇلىشىدا، ئىبرەت ۋە ۋەزە نەسىھەتلەر بار، ئۇنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن چۈشۈنۈپ ئالىمىز. ئۇ زات مۇنداق دېدى: «دۇزاخ رەببىگە مىنىڭ بەزىلىرىم بەزىلىرىمنى يېدى دەپ دەت تۆكتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا يازدا بىر تىنىشقا، قىشتا بىر تىنىشقا رۇخسەت قىلدى. سىلەر يازدا ھىس قىلغان ئەڭ قاتتىق ئىسسىق، ۋە قىشتا ھىس قىلغان ئەڭ قاتتىق سۇغۇق ئەنە شۇدۇر» (بۇخارى رىۋايتى:3260، مۇسلىم رىۋايتى:617)
دوزاخ ئەھلى ئىسسىق بىلەن ئازابلانغاندەك سۇغۇق بىلەن ئازابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئۇلار جەھەننەمدە "ئىسسىقلىقتىن" بىرەر سالقۇنغا، "ئۇسسۇزلۇقتىن" بىرەر ئىچىملىككە ئېرشەلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت قايناق سۇ ۋە يىرىڭ تېتىدۇ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇۋاپىق جازا دۇر» [نەبەئ سۈرىسى:24-26]. ئا يەتتىكى غىسساقتىن مۇرات: سۇغۇقلىقىدىن كۆيدۈرىدىغان قاتتىق سۇغۇقدۇر. دوزاخ ئەھلى ئىسسىقتىن قۇتۇلۇشقا پەرياد تەلەپ قىلسا، سۈڭەكلەرنى سۇندۇردىغان سوغۇق شامال بىلەن ياردەم بىرىلىدۇ، ئاندىن دوزاخنىڭ ھارارىتى بىلەن ياردەم سورايدۇ،ئاللاھتىن سالامەتلىك تىلەيمىز.
بەزى ئىبادەت قىلغۇچىلار مۇنداق دېدىگەن: مەن قارنىڭ ياغقانلىقىنى كۆرسەملا قىيامەت ۋە نەشر كۈنى ئەمەللەر سەھىپىسىنىڭ ئۇچۇشلىرى ئېسىمگە كىلىدۇ.