ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ھەج

دەرس ئۆمرەنىڭ سۈپىتى

ئۆمرە بىر ئۇلۇغ ئىبادەت بۇلۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىن مۇقەددەس بەيتۇللانى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇنى ئورۇنداش بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بۇ دەرسلىكتە ئۇنىڭ مەنىسىنى ۋە پەزىلىتىنى ۋە سۈپەتلىرىنى تۇنۇپ چېقىسىز.

نىشان:

  • ئۆمرەنىڭ مەنىسىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى ۋە پەزىلىتىنى بىلىش.
  • ئۆمرەنىڭ سۈپىتىنى بىلىش.

ئۆمرەنىڭ مەنىسى

ئۆمرە قىلىش: بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىپ، ساپا مەرۋە ئارىسىدا يۈگۈرەپ، ئاندىن چاچ ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ، ئاللاھقا قۈل چىلىق قىلماقتۇر،

ئۆمرەنىڭ ھۆكمى

ئۆمرە ھەجكە قۈدرىتى يەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئۆمرىدە بىر قېتىم ۋاجىپتۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى تەكرار ئورۇنداش تاقىتى يېتىش ۋە ئاسانلىققا ئاساسلىنىپ مۇستەھەپ بۇلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تۇلۇق ئۇرۇنداڭلار» [بەقەرە سۈرسى:196]

ئائىشە رەزيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: «مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئاياللار جىھاد قىلىشى كېرەكمۇ؟ دېدىم، ئۇ زات: شۇنداق ئۇلارغا ئۇرۇش يوق جىھاد بار، ئۇ بۇلسىمۇ ھەج ۋە ئۆمرەدۇر، دېدى» (ئەھمەد رىۋايتى:25322، ئىبنى ماجە رىۋايتى:2901).

ئۆمرەنىڭ پەزىلتى

١
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: «بىر ئۆمرە يەنە بىر ئۆمرەگىچە ئارىسىدا قىلىنىپ قالغان گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، قۇبۇل قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى پەقەت جەننەتتۇر» (بۇخارى رىۋايتى:1773، مۇسلىم رىۋايتى:1349)
٢
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇما دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: «ھەج بىلەن ئۆمرەنىڭ ئارىسنى ئۈزۈپ قۇيماي داۋاملاشتۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار كۆرەك تۆمۈرنىڭ دېتىنى يوقاتقانغا ئوخشاش نامراتلىقنى ۋە گۇناھلارنى يوقىتىدۇ» (نەسائى رىۋايتى:2630)

ئۆمرەنىڭ ۋاقتى

ئۆمرە قىلىش يىلنىڭ ھەممە ۋاقتىدا دۇرۇس بۇلىدۇ، ئەمما ھەج ئايلىرىدا قىلىش ئەۋزەلدۇر، رامىزاندىكى ئۆمرەنىڭ ساۋابى ئىككى ھەسسە بۇلىدۇ، ۋە ھەجگە تەڭ كېلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇما دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: «رامىزاندىكى ئۆمرە ھەجگە تەڭ بۇلىدۇ، ياكى مەن بىلەن ھەج قىلغانغا تەڭ بۇلىدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:1863، مۇسلىم رىۋايتى:1256).

ئۆمرەنىڭ سۈپىتى

١
مىقاتتىن ئېھرام باغلاش
٢
تاۋاپ قىلىش
٣
ساپا مەرۋە ئارىسىدا ئايلىنىش
٤
چاچ ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش

بىرىنچى: ئېھرام

ئۆمرەگە ئېھرامغا كىرمەكچى بولغانلار، كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، يۇيۇنىدۇ، بېشىغا ۋە ساقاللىرىغا ئەتىر ئىشلىتىپ، ئېھرام كىيىملىرىنى كېيىدۇ.

ئاندىن مىقاتتا پەرز نامازنىڭ ۋاقتى بۇلسا ئۇنى ئۇقۇيدۇ، ناماز ۋاقتى بۇلمىسا خالىسا ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇيدۇ، ناماز ئۇقۇپ بولسا ئۆمرەنىڭ ئېھرامىغا كىرىشنى قەلبىدە نىيەت قىلىپ ئاندىن (لبيك اللهم عمرة) يەنى: ئى ئاللاھ ئۆمرە گە ھازىر بولدۇم، دەيدۇ.

-

ئىككىنچى: تاۋاپ قىلىش

ھەرەم مەسچىتىگە كىرگەندە ئوڭ پۇتىنى ئالدىغا قۇيۇپ، مەسچىتكە كىرىش دۇئاسىنى ئۇقۇيدۇ، كەئبىگە كەلگەندە تاۋاپنى باشلاشتىن بۇرۇن تەلبىيەنى كىسىدۇ، ئەرلەر ئۈچۈن ئوڭ مۇرسىنى ئۇچۇق قۇيۇش مۇستەھەپ تۇر.

تاۋاپنى ھەجەرۇل ئەسۋەد تىن باشلايدۇ.

ئاندىن تاۋاپنى باشلاش ئۈچۈن ھەجەرۇل ئەسۋەد نىڭ يېنىغا كىلىپ ئوڭ قۇلى بىلەن ئونى تۇتۇپ بۇسە قىلىدۇ، تۇتالمىسا ئونىڭغا ئالدىنى قىلىپ قۇلى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. ۋە بەيتۇللانى سول تەرىپىگە تاشلاپ يەتتە قېتىم ئايلىنىدۇ، ئەر كىشى ئەۋۋەلقى ئۈچتە كىچىك چامداپ بىر ئاز تىز ماڭىدۇ.

رۇكنۇل يەمانىغا كەلگەندە قۇلى بىلەن سىلاپ بۇسە قىلمايدۇ، تۇتالمىسا ئىشارەت قىلمايدۇ، رۇكنۇل يەمانى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا بۇ دۇئانى ئۇقۇيدۇ، ﴿رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾. «يەنى: ئى رەببىمىز بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»

-

ھەر قېتىم ھەجەرۇل ئەسۋەد تىن ئۆتسە تەكبىر ئېتىپ قالغان يەردە ئۈزى خالىغان زىكر ۋە دۇئالارنى قىلىدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قىلسىمۇ بۇلىدۇ.

تاۋاپتىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت ناماز

يەتتە قېتىم ئايلىنىپ بۇلغاندا ئىككى مۇرسىنى يۆگەپ ئېھرامنىڭ ئىككى ئۈچىنى كۆكرىكىگە چۈشۈرۈپ، ئاندىن مقام ئىبراھىم تېرىپىگە كىلىپ ئونىڭ ئارقىسىدا - ئىمكان قىلالىسا - ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇيدۇ، بۇلمىسا ھەرەمنىڭ نىرىدە ئۇقۇسا بۇلىدۇ، بىرىنجى رەكئەتتە فاتىھەدىن كېيىن ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ﴾ نى، ئىككىنجى رەكئەتتە فاتىھەدىن كېيىن ﴿قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ﴾ نى ئۇقۇيدۇ.

ئۈچىنچى: سەئيە قىلىش.

ئاندىن مەسئاغا چىقىدۇ، سافاغا يېقىنلاشقاندا، ئاللاھنىڭ ﴿إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ﴾ دىگەن سۆزىنى ئوقۇيدۇ، ۋە ئاللاھ باشلىغان بىلەن باشلايمەن دەيدۇ.

ئاندىن سافاغا چىقىپ كەئبىگە يۈزلىنىپ قوللىرىنى كۆتۈرپ، ئاللاھقا ھەمدە ئېتىپ دۇئا قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدىن بىرى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شىرىكى يوق. پۈتۈن پادىشاھلىق ۋە مەدھىيەلەر ئۇنىڭغا خاسدۇر، ئۇ ھەممىگە قادىر دۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسىگە ياردەم بەردى، ۋە قۇشۇنلارنى ئۈزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى» ئاندىن ئۇ نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ.

-

ئاندىن ئۇ سافادىن چۈشۈپ مەرۋەگە قاراپ ماڭىدۇ، ۋە ئىككى يىشىل بەلگىنىڭ ئارىسىدا ئەرلەر ئۈچۈن قۇدرىتىنىڭ يېتىشچە كۈشلۈك يۈگۈرەش مۇستەھەپ بۇلىدۇ. ئايال كىشىگە تىز يۇگۈرەش چەكلىنىدۇ، سەئېىنىڭ ھەممىسىدە تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ.

-

ئاندىن ئۇ مەرۋەگە يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا چىقىدۇ، ۋە قىبلىگە يۈزلىنىپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ سافادا دېگەنلىرىنى ئېيتىدۇ، پەقەت ئايەتنى ئوقۇمايدۇ، ۋە ئاللاھ باشلىغان بىلەن باشلايمەن دىمەيدۇ.

-

ئاندىن ئۇ مەرۋەدىن چۇشۇپ سافاغا قاراپ ماڭىدۇ، ئىككى يىشىل بەلگىگە كەلگەندە يۈگۈرەيدۇ، سافادا مەرۋەدە قىلغان ئىشلارنى قىلىدۇ، تاكى يەتتە ئايلىنىشنى تۈگەتكۈچە شۇنداق قىلىدۇ. بېرىشى بىر ئايلىنىش، قايتىشى بىر ئايلىنىش ھىساپلىنىدۇ، سەئيە جەريانىدا ئىمكانقەدەر زىكر ۋەدۇئالارنى كۆپ قىلىدۇ، ھەمدە چوڭ ۋە كىچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاك ھالەتتە ئايلىنىدۇ.

-

تۆتىنچى: چاچ ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش

ئۆمرە قىلغۇچى سەئيەنى تاماملىسا مەسئادىن چىقىپ چېچىنى ئالدۇرۇشقا ياكى قىسقارتىشقا بارىدۇ، ئالدۇرۇش ئەۋزەلدۇر.

ئابدۇللاھ بىن ئۆمەرنىڭ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئى ئاللاھ چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھىم قىلغىن» ساھابىلار قىسقارتقانلارغىمۇ دۇئا قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دېدىلەر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى ئاللاھ چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھىم قىلغىن» دېدى. ساھابىلار قىسقارتقانلارغىمۇ دۇئا قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دېدىلەر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىسقارتقانلارغىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسون» دېدى. (بۇخارى رىۋايتى:1727، مۇسۇلم رىۋايتى:1301).

ئايال كىشى چېچىنى يىغىپ بارمىقىنىڭ ئۇچىدەرەك كېسىدۇ، ئەگەر مۇھرىم تىلغا ئېلىنغان ئىشنى قىلسا، ئۆمرىسى تاماملىنىپ ئېھرامدا چەكلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ