دەرس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىش دىننىڭ جۈملىسىدىن دۇر، بۇ دەرسلىكتە، سىز ئۇنىڭ پەيغەمبەر بۇلۇشتىن ئىلگىرىكى كۆپلىگەن تەرجىمىھالىنى بىلىپ چىقىسىز.
مەقسەت: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى پەيغەمبەر بۇلۇشتىن ئىلگىرگىچە ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەپسىلاتلارنى بىلىش
13,119 باشقا بىر ئوقۇغۇچى بۇ دەرسنى تاماملىدى
بۇ دەرسنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكى تىللاردا بار:
1-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەسەبى. ئۇ: مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل مۇتتەلىپ بىن ھاشىم بىن ئابدۇ ماناف بىن قۇسەي بىن كىلاب بىن مۇررە بىن كەئب بىن لوئەي بىن غالىب بىن فىھر بىن مالىك بىن نەزىر بىن كىنانەھ بىن خۇزەيمە بىن مۇدرىكە بىن ئېلىياس بىن مۇزەر بىن نىزار بىن مەئەد بىن ئەدنان. ۋە ئەدنان ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن.
2. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ﷺ
دادىسى: ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل مۇتەللىپ بىن ھاشىم، ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ھامىلدار ۋاقتىدا قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا: ئامىنە بىنت ۋەھب بىن ئابدۇ ماناف بىن زۇھرە.
3. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ﷺ
ئۇ رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا دۈشەنبە كۈنى تۇغۇلغان، پىل يىلى، مىلاديە: 571 غا توغرا كېلىدۇ.
4. ئۇنىڭ ئېمىشى ﷺ
ئەبۇ لەھەبنىڭ دىدىكى سۇۋەيبە ئۇنى بىر نەچچە كۈن ئېمىتىپ بەردى، ئاندىن ئۇنىڭغا بەنى سەئەدتىن ئىنىك ئانا ئىزدەلدى، ھەلىمە سەئدىيە ئۇنى ئېمىتىپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن بەنى سەئدتە تۆت يىل تۇردى. ئۇنىڭ يۈرىكى شۇ يەردە يېرىلدى، ئۇنىڭدىن نەپسىنىڭ خاھىشلىرى ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسلىرى چىقىرىۋىتىلدى، ھەلىمە ئۇنىڭدىن كېيىن ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى.
6- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 25 يېشىدا خەدىجە رەزىيەللاھۇئەنھا بىلەن توي قىلدى، ئۇ خەدىجە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ خىزمەتچىسى مېسەرە بىلەن شام دىيارىغا ئۇنىڭ تىجارىتى ئۈچۈن چىققاندا، مىسەرە ئۇنىڭ ھەيران قالدۇردىغان سەمىمىيلىك ۋە ئىشەنچلىك بىلەن سۈپەتلەنگەن ئەھۋاللىرىنى كۆردى، قايتىپ كەلگەندە ئۇ خۇجايېنىغا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى، خۇجايېن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قىزىقتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلەنگەن تۇنجى ئايالى ئىدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتمىگۈچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى بىر ئايال بىلەن توي قىلمىغان، ئۇ ئىبراھىمدىن باشقا بارلىق بالىلىرىنىڭ ئانىسى، خەدىجە رەزىيەللاھۇئەنھا ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن ۋاپات بولدى.
7-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزنتلىرى كۈچلۈك كۆز قاراشقا تايانغاندا يەتتە دۇر: (ئۈچ ئۇغۇل، ۋە تۆت قىز)
ئۇزاتنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچ بۇلۇپ: بىرىنجىسى: ئەلقاسىم، ئۇنىڭ بىلەن ئاتىلاتتى، ئۇ بىر نەچچە كۈنلا ياشىغان. ئىككىنجىسى: ئابدۇللاھ، ئۇنىڭغا تاھىر ۋە تەييىب، دەپ لەقەم قۇيۇلغان، ۋە ئىبراھىم.
قىزلىرى تۆت بۇلۇپ، ئۇلار: زەينەپ، ئۇ قىزلىرىنىڭ چوڭى، ئىككىنجىسى: رۇقەييە، ئۇچىنجىسى: ئۇممۇ كۇلسۇم، تۆتىنجىسى: فاتىمە. رەسۇلۇللاھنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئايالى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجە رەزىيەللاھۇئەنھادىن بولغان، پەقەت ئىبراھىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇقەۋقىس ھەدىيە قىلغان كېنىزىكى مارىيە ئەلقىبتىييەدىن بولغان.