ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ھەدىس ۋە سۈننەت

دەرس سۈننەتنى توپلاش ۋە ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى

ئىسلام ئۆلىمالىرى سۈننەتنى توپلاشقا كۆڭۆل بۆلىپ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇنى يادلاش، ئۇنىڭ راسلىرىنى يالغانلىرىدىن ئايرىش، ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدا تەڭداشسىز شەكىلدە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلغان. بۇ دەرسلىكتە، سۈننەتنىڭ يېزىلىشىنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭ باسقۇچلىرى ۋە سۈننەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈرگە ئايرىلغان كىتابلىرىنى تۇنوپ چىقىسىز.

  • سۈننەتنى يېىشنىڭ باسقۇچلىرىنى بىلىش.
  • ھەدىس نەبەۋېنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىتابلىرىنى بىلىش.
  • ھەدىسنىڭ توغرىلىقى ياكى ئاجىزلىقىنى قانداق بىلىش ئۇسۇلىنى بىلىش.

ھەدىس نەبەۋېنى توپلاش.

ئىسلام ئۆلىمالىرى سۈننەتنى توپلاشقا كۆڭۆل بۆلىپ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇنى يادلاش، ئۇنىڭ راسلىرىنى يالغانلىرىدىن ئايرىش، ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدا تەڭداشسىز شەكىلدە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلغان.

سۈننەت يېزىشنىڭ مەنىسى

ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سۆز ياكى ھەركەت ياكى سۇكۇتلارنى يېزىش ۋە خاتىرىلەش، ۋە ئۇنى كىتاب ۋە توپلاملاردا توپلاش دېمەكتۇر.

سۈننەتنى خاتىرىلەش ۋە ھەدىسنى يېزىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە باسقۇچتا ئۆتتى:

١
بىرىنچى باسقۇچ: رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دەۋرىدە يېزىش.
٢
ئىككىنچى باسقۇچ: ئەگەشكۈچىلەر (تابىئېيىن) لەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ھەدىسنى توپلاش.
٣
ئۈچىنچى باسقۇچ: سۈننەتنى تەرتىپلىك كىتاب شەكلىدە تۈزۈش.
٤
تۆتىنچى باسقۇچ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى يەكۈنلەش باسقۇچى، ئۇنى باشقا نەرسە بىلەن ئارىلاشتۇرماي تۈرگە ئايرىش، توپلاش ۋە رەتلەش.

بىرىنچى باسقۇچ:

ھىجرەتنىڭ بىرىنجى ئەسرى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرىنىڭ دەۋرىدە يېزىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ بېشىدا ھەدىسلەرنى يېزىشنى قۇرئانغا ئارلىشىپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ مەنئى قىلغان.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ نامىمدىن بىر نەرسە يازماڭلار، كىم مەندىن قۇرئاندىن باشقا بىر نەرسىنى يازغان بولسا، ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتسۇن، ۋە مەندىن ھەدىس رىۋايەت قىلىڭلار ئۇنىڭدا چاتاق يوق» (مۇسلىم رىۋايتى:3004).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئۆلىمالارنىڭ يۆرىكىدە ساقلانغان بولۇپ، ئۇ ئاغزاكى ئارقىلىق تارقىتىلغان. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى ساھابىلەرنى يېزىشقا ئىزنى بەرگەن.

ئابدۇللاھ بىن ئەمر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن ئىلگىرى رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يادىلاش ئۈچۈن يېزىۋالاتتىم، قۇرەيشلەر مەنئى قىلدى ۋە دېدى: رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغاننىڭ ھەممىنى يېزىۋاتامسىز؟ ئۇ بىر ئىنسان ئاچچىقلانغان ۋە رازىمەنلىك ھالەتتە سۆزلەيدۇ. مەن ئۇ سەۋەپلىك يېزىشتىن توختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېدىم، ئۇ بارمىقى بىلەن ئاغزىغا ئىشارەت قىلىپ «يېزىۋىرىڭ، جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ئۇنىڭدىن ھەقىقەتتىن باشقا نەرسە چىقمايدۇ» دېدى: (سۇنەن ئەبى داۋۇد:3646).

ۋەلىد بىن مۇسلىمنىڭ ھەدىستە ئەۋزائېدىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەلچىسىگە مەككىنى بويسۇندۇرغاندا، كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېتىپ ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ۋەزە ئېتتى»[ئەبۇ ھۇرەيرە ۋەزنى تىلغا ئېلىپ ئاندىن مۇنداق دېدى] ئۇ جەرياندا يەمەن خەلقىدىن ئەبۇ شاھ ئىسىملىك بىر كىشى ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭايازدۇرۇپ بەرسىلە دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەبۇ شاھقا يېزىپ بېرىڭلار» دېدى: ۋەلىد مۇنداق دېدى: مەن ئەۋزائىيغا ئۇ ماڭا يازدۇرۇپ بەرسىلە ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دېگىنىدىن نېمە دېمەكچى ئىدى. ئۇ: ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن ئاڭلىغان مۇشۇ ۋەز-نەسىھەتنى دىمەكچى دېدى: (بۇخارى رىۋايتى: 2434)، مۇسلىم رىۋايتى:1355).

ئىككىنچى باسقۇچ:

ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە، تابىئىنلەرنىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ھەدىسنى توپلاش، بۇ يېزىش بولسا ھەدىس نەبەۋېنى ئومۇمىي توپلاش بىلەن خاراكتېرلەنگەن بۇلۇپ ئۇنىڭدا كونكرېت تەرتىپ بولىغان. بۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ كۆڭۈل بۆلگەن كىشى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر بىن ئابدۇل ئەزىز ئىككى ئىمام ئىبنى شىھاب زۇھرى ۋە ئەبۇ بەكرى بىن ھەزمنى سۈننەت توپلاشقا بۇيرۇدى. پۈتۈن ئەتراپقا مۇنداق يېزىپ مەكتۇپ ئەۋەتتى: "رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسكە قاراڭلار، ئۇنى يىغىڭلار ۋە ئۇنى يادلاڭلار، مەن بىلىمنىڭ ئاجىزلىشىشىدن ۋە ئۆلىمالاردىن ئايرىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن".

ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇنجى بولۇپ ھەدىس يازغان ئىمام زۇھرى ئىدى، بۇ سۈننەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ توپلىنىشىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

ئۈچىنچى باسقۇچ:

سۈننەتنى رەتلەپ تۈزۈلگەن كىتاب شەكلىدە يېغىش، ياكى ئىمان، ئىلىم-پەن، تاھارەت، ناماز، ۋە باشقىلار قاتارلىق ئىلمىي بابلارنىڭ ئۇسۇلىدا، ياكى مۇسنەد ئۇسۇلىدا بولغان، شۇڭا باشتا ئەبۇ بەكرىنىڭ مۇسنەدىنى، ئاندىن ئۆمەر قاتارلىقلارنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇ باسقۇچتا ئىمام مالىك بىن ئەنەسنىڭ مۇۋاتتاسى يېزىلدى، ۋە بۇ باسقۇچ رەتلەش بىلەن بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى ساھابىلەرنىڭ ۋە تابىئىنلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە پەتىۋالىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىپادىلەندى.

تۆتىنچى باسقۇچ:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئازغىنە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنى ساھابىلەر ۋە تابىئىنلەرنىڭ باشقا سۆزلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرماي تۈرگە ئايرىش، توپلاش ۋە رەتلەش باسقۇچى، بۇ باسقۇچ ھىجرىيە 3-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يېزىلغان كىتاپلارنىڭ مەشھۇرلىرى نىڭ بىرى: ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇسنەد ناملىق كىتابى، ۋە ھۇمەيدىنىڭ مۇسنەدى، ۋە باشقىلار.

ئاندىن ھەدىسنى توپلاش ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىكىسىگە يەتتى، ئەينى ۋاقىتتا ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارى ۋە ئىمام مۇسۇلمان سەھىھ مۇسلىمنى تۈزدى.

سۈننەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى

ھەدىس نەبەۋېيەنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى ئىچىدە ئالتە كىتاب مەشھۇر بولدى، ئۇلار: سەھىھۇل بۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، شۇنداقلا سۇنەن ئەبى داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئەن نەسائىي ۋە تىرمىزىلار.

شۇنداقلا سۈننەت كىتاپلىرى ئىچىدە: سۈنەنۇددارىمى، ۋەئىمام ئەھمەدنىڭ مۇسنەدى ۋە ئىمام مالىكنىڭ مۇۋاتتا قاتارلىق كىتابلىرى مەشھۇر بولدى.

ئالتە كىتابنىڭ تەسۋىرلىرى:

ئۇممەت قوبۇل قىلغان ھەدىس كىتاپلىرىنىڭ ئەڭ داڭلىقى ئالتە كىتابتۇر:

1. سەھىھۇل بۇخارى (ھىجرىيە 256-يىلى ۋاپات بولغان)

ئۇ ئەقىدە، ئىبادەت، سودا، ئۇرۇش، تەپسىر، ۋە پەزىلەتكە مۇناسىۋەتلىك رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدىن ئاپتورغا يېتىپ كەلگەن بارلىق نەرسىلەرنى توپلىغان كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.

2. سەھىھ مۇسلىم (ھىجرىيە 261-يىلى ۋاپات بولغان)

ئۇ مۇ ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى توپلىغۇچى كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتور ئۇنىڭدىكى توغرىلىقتا چىڭ تۇرغان، ئەمما ئۇنىڭ تۈزىتىش شەرتلىرى بۇخارىنىڭكىدىن يېنىك، شۇڭا ئۇ توغىرلىقتا ۋە ئىشەنچىلىكتە بۇخارىنىڭ كىتابىدىن كېيىن ئىككىنچى كىتابتۇر.

3. سۇنەن ئەبى داۋۇد (مىلادىيە 275-يىلى ۋاپات بولغان)

ئۇ بىر تۈركۈم ھەدىس كىتاپلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئاپتۇرلىرى ئۇنى شەرىئەت ئەھكاملىرى بابلىرىغا تۈزگەن، ئۇ ئۇشبۇ كىتابىغا «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» دەرىجىلىك ھەدىسلەرنى توپلانغان، ئاجىزلار ناھايىتى ئاز تىلغا ئالىنغان.

4. سۈنەن تىرمىزى (مىلادىيە 279-يىلى ۋاپات بولغان)

ئۇ تۇرلۈك نەرسىلەرنى توپلىغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتورغا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدىن يېتىپ كەلگەن بارلىق ئەقىدە، ئىبادەت، سودا، جەڭ، تەپسىر، ۋە پەزىلەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلارنى توپلىغان. ئاپتۇر كىتابىغا كەلتۈرگەن ھەدىسلەردە ساغلاملىقتا چىڭ تۇرمىدى، شۇڭا ئۇنىڭدا سەھىھ دەرىجىلىك مۇ بار، ۋە ھەسەن دەرىجىلىكمۇ بار، ۋە ئاجىز- زەئېف دەرىجىلىكمۇ بار.

5. سۇنەن ئەن-ناسائى (ھىجرىيە 303-يىلى ۋاپات بولغان)

ئۇ مۇ فىقھى ئەھكاملىرى بۇيچە تۈزۈلگەن كىتاپتۇر، ئونىڭدا سەھىھ ۋە ھەسەن، ۋە زەئېف دەرىجىلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.

6. سۇنەن ئىبنى ماجە (ھىجرىيە 273-يىلى ۋاپات بولغان)

شۇنداقلا ئۇ كىتاپمۇ فىقھى بابلىرىغا ئاسلىنىپ تۈزۈلگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭدا سەھىھ، ۋە ھەسەن، ۋە زەئېف دەرىجىلىك ھەدىسلەر بار، ھەتتا بىر قىسىم رەت قىلىنىدىغان زەئېفلەرمۇ بار.

ئىمام ھافىز ئەبۇل ھەججاج ئەلمىززى (ھىجرىيە 742-يىلى ۋاپات بولغان) مۇنداق دېگەن:

سۈننەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇنى قوغداشقا ئۇنى يادلايدىغان بىلىدىغان چوڭقۇر پىكىرلىق يالغاننى ئايرىدىغان ئوبزۇرچى ئۆلىمالارنى مۇسەخخەر قىلدى، ئۇلار ئۇنىڭدىن ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ بۇرمىلىشىنى، ۋە ئىناۋەتسىزلەرنىڭ قۇشۇپ قۇيشىنى، ۋە نادانلارنىڭ تەۋىل قىلىشىنى رەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇنى قوغداش ئۈچۈن، يېزىشتا ۋە توپلاشتا كۆپ خىل ئۇسۇلارنى قۇللاندى، ئۇلارنىڭ تۈزگەنلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى، ۋە ئەڭ توغرا، ئەڭ خاتالىقى ئاز، ئەڭ مەنپەتلىك، ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ بەرەكەتلىك، ئەڭ جاپاسى يەڭگىل، ئىتىراپ قىلغان ۋە قارشى چىققانلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى قوبۇل قىلىنغان، سەرخىللار ۋە ئاۋام ئارىسىدا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان كىتاپلار: ئەبى ئابدۇللا مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىنىڭ (سەھىھۇل بۇخارى) ناملىق كىتابى، ئاندىن ئەبى ئەلھۇسەيىن مۇسۇلىم بىن ھەججاج ئەننىسابۇرىنىڭ (سەھىھ مۇسلىم) ناملىق كىتابى، ئۇ ئىكىسىدىن كېيىن، ئەبۇ داۋۇد سۇلايمان بىن ئەشئەس ئە سسەجىستاننىڭ (ئەسسۇنەن) ناملىق كىتابى، ئاندىن ئەبۇ ئىسا مۇھەممەد بىن ئىسا ئەتتىرمىزىنىڭ (ئەل جامىئ) ناملىق كىتابى، ئاندىن ئەبۇ ئابدۇراھمان ئەھمەد ئىبنى شۇئەيب ئە ننەسائىينىڭ (سۈننەت) ناملىق كىتابى، ئاندىن ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد بىن يەزىد ئىبنى ماجە ئەلقازۋىنى دەپ ئاتالغان كىشىنىڭ (سۈننەت) ناملىق كىتابى، گەرچە بۇ كىتاپ يۇقارقىلارنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلمىسىمۇ.

بۇ (ئالتە كىتاب) نىڭ ھەر بىرىدە ھەدىس شۇناسلار بىلىدىغان ئالاھىدىلىك بار، شۇڭا بۇ كىتابلار كىشىلەر ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئىسلام دۆلەتلىرىگە تارقالدى، ئۇلاردىن زور دەرىجىدە مەنپەئەت ئېلىندى، ۋە بىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار ئۇلارنى ھاسىل قىلىشقا قىزقىتى) (تەھزىبۇلكامال:ج147/1).

سەھىھ ھەدىس بلەن ئاجىزنىڭ ئارىسنى پەرقلەندۈرۈش

مۇسۇلمان ھەدىسنىڭ دەرىجىسىنى ئۇ قۇبۇل قىلىنىدىغان سەھىھمۇ ياكى رەت قىلىنىدىغان ئاجىزلىقىنى، ھەدىس ئىلمدا مۇتەخەسسىس بولغان ئالىملارنى مۇراجەئەت قىلىش بىلەن بىلەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش ئاساستا ۋە تېكىستنى قۇبۇل قىلىش ۋە رەت قىلىش جەھەتلەردە تەتقىق قىلغانلار دۇر.

بۇ توغرىدا نۇرغۇن تۈرگە ئايرىلغان كىتابلار بار، نۇرغۇن ئىشەنچلىك ئېلېكترونلۇق قوللىنىشچان پروگراممىلار ۋە سۇپىلار بار، ئۇلار سەھىھ ھەدىسلەرنى ئاجىز ھەدىسلەردىن ئايرىپ بىرىشكە ياردەم بېرىدۇ.

ھەدىسنىڭ دەرىجىسىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدىغان قوللىنىشچان پروگراممىلار ۋە ئېلېكترونلۇق سۇپىلارنىڭ بىرى

ئەل دۇرەرۇ سسەنىييەنىڭ توربىتىدىكى ھەدىس ئېنسىكلوپېدىيىسى نەچچە يۈزمىڭلىغان ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا (ئىلگىركى ۋە كېيىنكى ۋە زامانداش) ھەدىس شۇناسلارنىڭ ھۆكۈملىرى بار، ئۇلارنى بۇئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز: https://dorar.net/hadith

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ