ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :روزا تۇتۇش

دەرس ھېيت

ھېيىت كۈنلىرى سىرتقى دىنىي مۇراسىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن ئۈزىگە خاس بايراملارنى قىلىپ بەردى. بۇ دەرسلىكتە سىز ئىسلامدىكى ھېيىت كۈنلىرى ھەققىدە بىر قىسىم بىلىملەرنى ئۆگىنىسىز

  • نىشان:
  • مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيىتلىرىنى بىلىش.
  • ھېيىت نامىزىنىڭ سۈپىتىنى بىلىش.
  • ھېيىت نامىزىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەھكام ۋە قائىدە-يوسۇنلار نى بىلىش.

ھېيىت كۈنلىرى سىرتقى دىنىي مۇراسىملارنىڭ بىرى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنەگە كەلگەندە، مەدىنە خەلقى بۇلغان ئەنسار مۇسۇلمانلارنى يىلدا ئىككى كۈن ئويناپ خۇشال يۇرگەنلىكىنى كۈرۈپ، بۇ ئىككى كۈن قانداق كۆنلەر؟ دەپ سورىدى. ئۇلار بىز ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى دەۋردە ئۇكۈنلەردە ئوينايتتۇق دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن ياخشى ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى. قۇربان ھېيت كۈنى ۋە رۇزا ھېيت كۈنى» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:1134) يەنە ئۇ ھېيتلارنىڭ دىننىڭ بەلگىلىمىسى ئىكەنلىكىنى ئايدۇڭلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ "قۇربان ھېيىت ۋە رۇزا ھېيىت" بىزنىڭ بايرىمىمز» (بۇخارى رىۋايتى:952، مۇسلىم رىۋايتى:892).

ئىسلامدىكى ھېيت

ئىسلامدىكى ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتنى تاماملىغانغا ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە تەۋپىق ۋە ھىدايەت بەرگەنلىكىگە شۈكرە قىلىپ، خۇشال خۇراملىقنى نامايەن قىلىدىغان بىر كۈندۇر. ئۇ كۈندە ئۇمۇمى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش، ئەڭ گۈزەل كىيىملەرنى كىيىش. ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىش، گۇناھ مەسىيەت ئارلاشمىغان مۇراسىم ۋە پائېلىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق كۈڭۈل ئېچىش، ۋە بارلىق كىشلەرنىمۇ خوش قىلىش، ۋە ئو لارغا ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى ئەسلىتىش، دىندا بۇيرۇلغان ئىشلاردۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا تۇپلىشىپ كۈڭۈل ئاچىدىغان ئىككى كۈنى باردۇر، كىشىلەرنىڭ بايرام سۈپىتىدە تۇپلىشىش ئۈچۈن بىر كۈننى خاس قىلىش دۇرۇس ئەمەس، ئۇلار:

١
رۇزا ھېيت: شاۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدۇر
٢
قۇربان ھېيت: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنىدۇر.

ھېيت نامىزى

ئۇ نامازنى ئۇقۇشقا ئىسلام تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارنى ئەر ۋە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇقۇشقا چىقىشا ئۈندىدى، ئۇنامازنىڭ ۋاقتى ھېيت كۈنى قۇياش چىقىپ نەيزە بۇيى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن كۈن تىكلەشكىچە بۇلىدۇ.

ھېيىت نامىزىنىڭ سۈپىتى

ھېيت نامىزى ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان ئىككى رەكئەت ناماز بولۇپ، نامازدىن كېيىن ئىمام ئىككى خۇتبە سۆزلەيدۇ. ھېيت نامىزىدا تەكبىرنى زىيادە قىلىش يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ، ھەر بىر رەكئەتنىڭ بېشىدا باشلىنىدۇ، بىرىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى، تەكبىر تەھرىمدىن باشقا ئالتە قېتىم تەكبىر ئېتىدۇ، ئىككىنچىسىدە سەجدە ئورنىدىن تۇرۇش تەكبىرىدىن باشقا بەش تەكبىر ئېتىدۇ. (بۇ ھەنبەلى مەزھەپتە. ئەمما ھەنەپى مەزھەپتە بىرىنچى رەكئەتتە تەكبىر تەھرىمدىن كېيىن ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېتىدۇ، ئىككىنچى رەكئەتتە قىرائەتتىن كېيىن ئۈچ تەكبىر ئېتىپ، تۆتىنچى تەكبىر بىلەن رۇكۇغا بارىدۇ).

ئائىلە ئىچىدە خۇشاللىقنى يېيىش يۇلغا قۇيلىدۇ.

ياش ۋە قېرى ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ھەر خىل دۇرۇس يوللار بىلەن، ئاندىن ئەڭ ياخشى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىش، شۇ كۈندە رۇزا تۇتماي تاماق يېيىشنى ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت دەپ ئېتقاد قىلىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېيىت كۈنىدە رۇزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ.

ئىككى ھېىتتىكى تەكبىرلەر.

رۇزا ھېيت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى رۇزا تۇتۇشقا ھىدايەت قىلغان نىئمىتىگە ۋە مۇبارەك رامزاننىڭ رۇزىسىنى تاماملاشقا مۇۋەففەق قىلىغىنىغا شۈكرە قىلىپ، ۋە ھېىتنىڭ خۇشاللىقىنى نامايەن قىلىپ تەكبىر ئېتىش يۇلغا قۇيۇلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى رامزان كۇنلىرېىنىڭ سانىنى تولدۇرشۇڭلار، ۋە سىلەرنى ھىدايەت قىلغىنىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار، ۋە نىئمىتىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر» [بەقەرە سۈرىسى:185] قۇربان ھېيىتتىمۇ ھاجىلار پەرز ھەجنى ئادا قىلغانغا، قالغان مۇسۇلمانلار زۇلھەججى ئېيىنىڭ ئونىدا ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەففەق بۇلغىنىغا، بايرام بىلەن خۇشاللىقنى نامايەن قىلىپ تەكبىر ئېتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇربانلىقنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىپ باردىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ھىدايەت قىلغىنىغا ئۇلۇغلاپ تەكبىر ئېتىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇناق بۇيسۇندۇرۇپ بەردى. ئى پەيغەمبەر ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» [ھەج سۈرىسى:37]

ھېيت تەكبىر لىرىنىڭ سۈپىتى.

ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللاھۇ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىلھەمد. يانا ھەم مۇنداق دەىدۇ: ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىرا، ۋەلھەمدۇ لىللاھى كسېرا، ۋە سۇبھانەللاھى بۇكرەتەۋ ۋە ئەسىلا.

تەكبىرنى ئەرلەر ئاۋازىنى كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان ۋە قايمۇقتۇرمايدىغان دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئېتىدۇ، ئاياللار تۈۋەن ئاۋازدا ئېتىدۇ.

ھېيت تەكبىرلىرىنى مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتتىن ئاڭلاڭ

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ