ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان

دەرس ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىشقا ئىمان ئېتىش

ھەقىقى ئىلاھ ئۇ ئۇلۇغ پاك ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى باتىل دۇر، بۇ دەرسلىكتە تەۋھىد ئۇلۇھىيەنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىتىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

  • تەۋھىد ئۇلۇھىيەنىڭ مەنىسىنى بىلىش.
  • تەۋھىد ئۇلۇھىيەنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش.

تەۋھىد ئۇلۇھىيەنىڭ مەنىسى

ئاللاھ تائالانى يالغۇز پۈتۈن ھەر خىل ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ئىبادەتلەرگە لايىق دەپ قەتئىي ئىشىنىش، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئىبادەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى يېگانە ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشىمىز لازىم، مەسىلەن: دۇئا قىلىش، قورقۇش، تەۋەككۇل قىلىش، ياردەم سۇراش، ناماز ئۇقۇش، زاكات بىرىش، ۋە روزا قاتارلىق. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، كىمكى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن».[كەھف سۈرىسى:110]

ئاللاھ تائالا ھەقىقى ئىبادەت قىلىشقا لايىق مەئبۇدنىڭ پەقەت بىر ئاللاھ ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسنى ئىلاھ دىۋېلىش ۋە چۇقۇنۇشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدىن خەۋەر بەردى.

«سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار پەقەت ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر» [تاھا سۈرىسى:98]

ئاللاھنى ئىبادەتتە بىر دەپ ئىمان ئىېتىشنىڭ ئەھمىيتى

. ئاللاھنى ئىبادەتتە بىر دەپ ئىمان ئېتىشنىڭ ئەھمىيىتى نۇرغۇن تەرەپلەردە كۆرۈلىدۇ:

1- ئۇ ئىنسانلار ۋە جىنلارنى يارىتىشتىكى غايە دۇر. جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم.

ئۇلار پەقەت شېرىكسىز يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» [زاريات سۈرىسى:56]

2-ئۇ پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىشتىكى ۋە كىتاپ نازىل قىلىشتىكى مەقسەتتۇر

ئۇنىڭدىكى مەقسەت خالايىقلارنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ۋە ئۇنىڭ غەيرىدە ئىبادەت قىلىنغانىڭ ھەممىسىگە تېنىشقا چاقىرىش. ئاللاھ ئېتقاندەك: «بىز ھەقىقەتەن ھەربىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، باتىل ئىلاھلاردىن يىراق تۇرۇڭلار دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» [نەھىل سۈرىسى:36]

3- ئۇ ئىنساننىڭ ئۈستىدىكى بىرىنجى ۋاجىپتۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇئاز بن جەبەلنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە تاپىلىغان ۋەسىتىدە كەلگەندەك، ئۇنىڭغا مۇنداق دىگەن ھالدا تاپىلىغان «سەن كىتاپ بىرىلگەن قەۋمگە كەلگىنىڭدە بىرىنجى قىلىپ قىلىدىغان دەئۋىتىڭ تەۋھىد كەلىمىسى بۇلسۇن» (بۇخارى:1458، مۇسلىم:19)

4- تەۋھىدۇل ئۇلۇھىيە، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يۇق دىگەننىڭ ھەقىقى مەنىسى دۇر

ئىلاھنىڭ مەنىسى مەئبۇد دىمەكتۇر، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يۇق، دېگەننىڭ مەنىسى: بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد يوقتۇر دېمەك، شۇڭا بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، ۋە ئىبادەتلەرنىڭ تۇرلىرىدىن ھىچ نەرسىنى ئۇنىڭدىن باشقىسىغا سەرىپ قىلمايمىز.

5-تەۋھىدۇل ئۇلۇھىيەگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ لوگىكىلىق نەتىجىسىدۇر، شەكسىز ئاللاھ تائالا ئۆزى يېگانە ھەممىنى ياراتتى، ۋە ھەممىنىڭ ئىگىسى، ۋە تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ