ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان

دەرس ئاللاھ تائالانىڭ ئىسم سۈپەتلىرىگە ئىمان ئىتىش

ئاللاھنى گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئۇلۇغ سۈپەتلىرى بىلەن تونۇش، ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسىغا بەندىچىلىك قىلىش ئىماننى زىيادە قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. بۇ دەرستە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

  • ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرىنى ئۈزىگە خاس دەپ بىلىش.
  • ئەھل سۈننەت ۋەل-جامائەنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتتىكى ئېتىقادىنى بىلىش.
  • ئاللاھنىڭ بەزى ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلىش.

ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە ئىمان ئىتىش.

قۇرئان بەندىلەرگە ئۆزىنىڭ رەببىنى ۋە ياراتقۇچىسىنى تۇنۇتۇشنى تەكىتلەپ بۇنى نۇرغۇن ئايەتلەردە تەكرارلىدى. چۈنكى مۇسۇلمان رەببىگە چۈشەنجە بىلەن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى گۈزەل ئىسملىرى بىلەن ۋە سۈپەتلىندىغان ئۇلۇغ ۋە گۈزەل سۈپەتلىرى بىلەن تونۇشى زۆرۈردۇر، شۇنداق قىلغاندا ئۇ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ تەقەززاسى ۋە تەسىرى ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىبادەتلىرىدە كۈرلىدۇ.

مۇسۇلمان ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا ياكى پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدە ئۆزىگە تەستىقلىغان گۈزەل ئىسىم سۈپەتلەرگە ئاللاھقا لايىق سۈرتىدە ئىشىنىدۇ.

ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ئەڭ گۈزەل ۋە سۈپەتلىرى ئەڭ مۇكەممەل بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ۋە سۈپەتلىرىدە تەڭدىشى يوقتۇر. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچ شەيئى يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [شۇرا سۈرىسى:11]. ئاللاھ بارلىق ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشاپقەلىشتىن پاكتۇر.

«ئى پەيغەمبەر! سىنىڭ ئاللاھ ياكى رەھمان دەپ دۇئا قىلىشىڭنى ئەيىپلىغۇچىلارغا ئېتقىنكى ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ، قايسىسىنى ئاتىساڭلار بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ (نۇرغۇن) گۈزەل ئىسىملىرى بار» [ئىسراسۈرىسى:110].

بۇ يەردە ئاللاھنىڭ بەزى ئىسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز

چەكسىز رھمەتلىك موئمىنلەرگە رەھىم دىل

ئاللاھ تائالا كىتابىنىڭ بېشىنى بۇ ئىككى ئىسم بىلەن باشلىغان، ۋە بەندىللىرىگە ئۇزىنىمۇ شۇنىڭ بىلەن تونۇتقان. ھەمدە قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە تەۋبە دىن باشقا ھەر بىر سۈرىسى ئۇ ئىككى ئىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (بسم الله الرحمن الرحيم) بىلەن باشلاندى.

رەببىمىز رەھىم-شەپقەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق بىزگە ئىلتىپات قىلدى. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتى ھەممە نەرسىگە ئۇمۇم بولدى، ھەتتاكى جانلىقلارنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان رەھىم-شەپقىتى، ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان رەھىم-شەپقىتى، ۋەمەخلۇقاتلارغا يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ قۇلايلىق بۇلىشى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا كۆرسەتكەن ئەسەرىدۇر، ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى چوقۇم (ئاشۇنداق) تىرىلدۈرگۈچىدۇر» [رۇم سۈرىسى:50]

ئۆمەرە بنىلخەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەسىرلەر كەلدى، ئۇ ئەسنادا ئەسىرلەردىن بىر ئايال سۈتنى ئۈچۈرىۋىتىش ئۈچۈن بەزىدە ئەمچىكىنى ساغدى، قاچانىكى ئەسىرلەر ئىچىدە كىچىك بالىنى ئۇچقاتسا قۇلىغا ئېلىپ كۆكرىكىگە بىسىپ ئېمىتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېدى: «بۇ ئايال بالىسىنى ئوتقا تاشلاۋىتەمۇ دەپ قارامسىلە؟ ساھابىلار: ياق ئۇ ساقلاشقا قادىر ئىكەن ھەرگىىز تاشلىمايدۇ، دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ما ئايالنىڭ بالىسىغا رەھىملىك بۇلغاندىن بەكرەك رەھىمدىلدۇر» (بۇخارى:5653، مۇسلىم:2754).

ئۇلۇغ ياراتقۇچى پاك ئاللاھنىڭ رەھمىتى باشقىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ۋە ھەممىدىن كاتتا بۇيۇكتۇر، ئۇ بارلىق مۆلچەر ياكى پەرەز ياكى تەسەۋۋۇردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەگەر بەندىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ قەدرىنى بىلسە ئىدى، ھېچكىم ئۇنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيتتى.

ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئىككى تۈرلۈكتۇر:

١
ئىنسانلار ۋە جىنلار ۋە ھايۋانلار ۋە جانسىز جىسىملاردىن ئىبارەت بولغان بارلىق مەخلۇقاتلار ئۈچۈن دۇنياۋى قۇلايلىق ھاسىل بۇلىدىغان ئۇمۇمى رەھىم-شەپقەت. بۇ توغۇرلۇق پەرىشتىلەرنىڭ دۇئايىدىن ئاللاھ تائالا خەبەر بىرىپ ئېتقاندەك: «ئۇلار ئېيتىدۇ: ئى رەببىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلىمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» [غافر سۈرىسى:7]
٢
مۆمىن بەندىلىرىگە ئالاھىدە رەھىم-شەپقەت، شۇ رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى ئىتائەت قىلىشقا تەۋپىق قىلىدۇ، ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق ئىشلىرنى ئاسانلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. ھەمدە ئۇلارغا قىلىدىغان رەھمىتىنى ئۇلارنى كەچۈرۈش ۋە ئەپۇ قىلىش، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزۈش ۋە دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن تاماملايدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ئاللاھ ئەزەلدىن مۆئمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان كۈندە (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئۇلارغا يوللىنىدىغان تەبرىك سۆزى «سالام» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا بەك ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى» [ئەھزاب سۈرىسى:43،44]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھېچقايسىڭلارنى قىلغان ئەمەلى جەننەتكە كىرگۇزەلمەيدۇ، ساھابىلار ئېتتى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلىنىمۇ كىرگۈزەلمەەمدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئەگەر ئاللاھ مىنى ئۆز رەھمىتىگە ئالمىسا مىنىڭ ئەمەلىممۇ كىرگۈزەلمەيدۇ» (بۇخارى:6467، مۇسلىم:2818)

بەندىنىڭ رەببىگە بولغان ئىتائەتمەنلىكى قانچە چوڭ بولسا ۋە يېقىنلىقى ۋە ئاجىزلىقنى بىلدۇرۇشى زىيادە بۇلسا. شۇنىڭغا كۈرە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بۇلۇش نىسىۋىسى ئارتىدو. ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر» [ئەئراف سۈرىسى:56].

ھەممىنى كۇرەپ ئاڭلاپ تۇرغۇچى

ئاللاھ تالا ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان ئېھتىياجلاردىكى بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ دەرگايېداسۇزنىڭ ئاشكارىسى بىلەن يۇشۇرۇنى ئوخشاشدۇر. بەزى نادان كىشىلەر ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ۋە يوشۇرۇن پاراڭلىرىنى ئاڭلىمايدۇ دەپ گۇمان قىلغاندا، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۆزى ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە تەنبىھ بېرىش ئۈچۈن چۈشتى: «ئۇلار بىزنى ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. (بىز ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە) بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىلمىشلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ» [زۇخرۇف سۈرىسى:80]

ئاللاھ تالا ئىنچىكە كىچىك بولسىمۇ ھەممە نەرسىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە يوشۇرۇلمايدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىنىڭ ئاڭلىمايدىغان ۋە كۆرمەيدىغان بۇتقا چوقۇنغانلىقىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟» [مەريەم سۈرىسى:42]

بەندە قاچانىكى ئاللاھنىڭ ئاشكارا يۇشۇرۇن ھەممىنى كۇرۇپ بىلىپ تۇردىغانلىقىنى ۋە ئاسمان زىمىندا زەررە چاغلىق نەرسىمۇ ئاللاھتىن مەخپى قالمايدىغانلىقىنى بىلسە. ئۇ بەندىگە ئاللاھنى كۆزىتىش، ۋە تىلىنى يالغانچىلىق ۋە غەيبەتتىن ساقلاش، پۇت-قوللىرىنى ۋە قەلبىنى ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلاش نەتىجىسىنى كەلتۇرۇدو. ئاندىن ئۇ بۇ كۈچ قۇۋەت نېمەتلەرنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ئىشىلتىدو. چۈنكى ئۇ بەندىنىڭ ئىچكى تاشقى ئاشكارا يۇشۇرۇن ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەھيسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىھسان دىگەن ئاللاھنى كۆرگەندەك ئىبادەت قىلىش. ئەگەرچە سەن ئۇنى كۆرلمىسەڭمۇ ئۇ سىنى كۆرىدۇ» (بۇخارى:4777، مۇسلىم:9).

كائىناتلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچي ۋە مەڭگۇ ھايات زات.

ئاللاھ تائالا مۇكەممەل ھاياتلىققا ئىگە، ئىلگىرى يوق بۇلۇپ ئاندىن پەيدا بولغان ئەمەس، رەببىمىز يۇقۇلۇش تۈگەش تەسىرىدىن خالى، ۋە ئەيىپ نۇقسان يتىشتىن پاكتۇركى بىلىش كۈرەش ئاڭلاش قۈدرەت ئىرادە ئۈنىڭدىن باشقا كامالەت سۈپەتلەرنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇدەرىجىدە ئۈستۇن بۇلغان زات ئىگىلىشكە تاينىشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق دۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «ھېچ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغان ئاللاھقا تايانغىن، ئۇنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشقا يېتەرلىكتۇر» [فۇرقان سۈرىسى:58]

ئاللاھ تائالانىڭ قەييۇم ئىسمىنىڭ مەنىسى ئىككى نەرسىنى كۆرسىتىدۇ:

١
ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىھاجەتلىكىنىڭ كامىللىقى شۇكى، ئۇ مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا تۇرغۇچىدۇر ۋە بەندىسىدىن بىھاجەتتۇر. شۇڭا ئىتائەت قىلغۇچىنىڭ ئىتائىتى ۋە ئاسىلىق قىلغۇچىنىڭ ئاسىلىقى ئۇنىڭغا ھېچ پايدا- زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا تىرىشىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈن تىرىشكەن بولىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ جاھان ئەھلىدىن بىھاجەتتۇر» [ئەنكەبۇت سۈرىسى:6]. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر» [ئىبراھىم سۈرىسى:8]
٢
ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى كامىل بولغانلىقتىن مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پاك ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن پەرۋىش قىلىپ ئىدارە قىلغۇچىدۇر. كائىناتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا بېقىندى ۋە مۇھتاجدۇر. ئۇلار كۈزنى يۇمۇپ ئاچقان قەدەرمۇ ئاللاھتىن بىھاجەت بۇلالماىدۇ. بىز كۈرىۋاتقان كائىناتنىڭ تەرتىپلىك بۇلۇشى ۋە ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى. پاك ئاللاھنىڭ ئىدارىسىنىڭ ئەسىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۈزىگە باشقىنى شىرىك قىلغانلارنى ئەيېپلاپ ئىتقاندەك: «ھەربىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشامدۇ؟)» [رەئد سۈرىسى:33] ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېدى: «شەكسىزكى، ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم تۇتۇپ تۇرالمايدۇ» [فاتىر سۈرىسى:41]

شۇڭلاشقا بۇ ئىككى چوڭ ئىسىمنىڭ بىر يەدە كىلىشى زارلىنىپ دۇئا قىلىشتا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەتتە كەلگەن. «ئى تىرىك! ئى بەندىلىرىنى ئىدارە قلغۇچى! سىنىڭ رەھمىتىڭ بىلەن ياردەم سورايمەن» (تىرمىزى:3524).

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىگە ئىمان ئىتىشنىڭ مىۋىللىرى:

١
ئاللاھنى تونۇش، كىمكى ئاللاھنىڭ ئىسمى ۋە سۈپەتلىرىگە ئىشەنسە، ئاللاھقا بولغان تونۇشى كەسكىن ئېشىپ ئىمانى زىيادە بولىدۇ. ۋە ئاللاھنى بىردەپ ئىتىقاد قىلىشى كۈچىيىدۇ. ئاللاھ تائالانى گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرى بىلەن تۇنىغان كىشىنىڭ قەلبى ھەقىقەتەن پاك ئۇلۇغ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە سۈيەش بويسۇنۇشقا تۇلىدۇ.
٢
ئاللاھ تالانى گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىلەش. بۇ زىكرىنىڭ ئەڭ ياخشى تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» [ئەھزاب سۈرىسى:41]
٣
ئاللاھ تائالاغا گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى بىلەن دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۇراش. ئاللاھ ئېتقاندەك: «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، شۇڭا، سىلەر ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار» [ئەئراف سۈرىسى:180].

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ