ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ئىمان

دەرس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۇرۇش.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بۇلىشى بىلەن، ئاللاھقا يەتكۈزىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسى تاقىلىپ پەقەتلا ئۇنىڭ يۇلى قالدى، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭغا ئىمان ئىتمىغۇچە، ۋە ئۇ رەببى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەنگە ئىمان ئىتمىغۇچە، ئۇنىڭدىن ئىمان قۇبۇل قىلىنمايدىغان بولدى.

  • پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىش.
  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلكىنى بىلىش.
  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ۋە ساھابىلىرىغا قارىتا نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىش.

پەيغەبىرىمىز تەرىپىگە قلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە ئىشلار بىزنىڭ ئوستىمىزگە ۋاجىپتۇر. ئونىڭ ئىچىدە:

1- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، ئو ئىلگىركى ۋە كىنكىلەرنىڭ سەردارى ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بۇلۇپ، ئونىڭدىن كىيىن ھىچ پەيغەمبەرنىڭ يۇقلىقىغا، پەيغەبەرلىكنى يەتكۇزۇپ ئامانەتى ئادا قىلغانلىقىغا، ۋە ئۇممەتكە نەسىھەت قىلىپ ئاللاھ يۇلىدا بۇيرۇلغان بۇيچە جىھاد قىلغانلىقىغا ئىمان كەلتۇرۇمىز.

2-بىزگە بەرگەن خەۋەرلىرىنى تەستىقلايمىز، ئۇ بۇيرۇغان ئىشلاردا بويسۇنىمىز، ئۇ تۇساپ چەكلىگەن نەرسىلەردىن يىراق تۇرىمىز، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئاساسلىنىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز. ئونىڭدىن باشقىسىغا ئەگەشمەيمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «شەكسىزكى، سىلەرگە- ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىد باغلىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [ئەھزاب سۈرىسى:21].

3- بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيگۈسىنى دادا بالا، ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھېچكىمنىڭ ئىمانى تاكى مەن ئۇنىڭ دادىسى بالىسى ۋە بارلىق كىشىلەردىن سۆيۈملۈك بولمىغۇچە كامىل بۇلمايدۇ» (بۇخارى:15، مۇسلىم:44). ئۇنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتى ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭ يېتەكلىشىگە ئەگىشىش بىلەن بۇلىدۇ. ھەقىقىي سائادەتمەنلىك ۋە تۇلۇق تۇغرا يول تېپىش، ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت دىننى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر» [نۇر سۈرىسى:54].

4-بىزگە پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام ئەلىپ كەلگەن دەۋىتىنى قۇبۇل قىلىش، ۋە سۇننىتىگە ئەگىشىش، ۋە تۇتقان يۇلىنى ئۇلۇغلاش ۋاجىبتۇر. ئاللاھ ئېيتقاندەك: ئى پەيغەمبەر! «رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاش توغرىسىدا سىنى ھاكىم قىلمىغۇچە، ئاندىن چىقارغان ھۆكمىڭگە دىللىرىدا قىلچە غۇم قالماستىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ» [نىسا سۈرىسى:65].

5-بىز ئۇ پەيغەبەرنىڭ بۇيرىقىغا قارشىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم، چۈنكى ئونىڭ ئەمرىگە قارشىلىق قىلىش، پىتنىنڭ ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ ۋە قاتتىق ئازابنىڭ سەۋەبىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار چوڭ بىر بالاغا يولۇقۇشتىن ياكى قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن» [نۇر سۈرىسى:63].

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ئالدىنقى ئەلچىلىكتىن بىر قاتار ئالاھىدىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقلار بىلەن پەرىقلىنىدۇ:

1-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بۇلسا پۇتۇن ئىلگىركى ئەلچىلىكنىڭ خۇلاسسىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دىدى: «مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى كىشىلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، پەقەت ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» [ئەھزاب سۈرىسى:40].

2-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچىدۇر، شۇڭا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىدىن كېيىن ھېچكىمنىڭ دىننى قوبۇل قىلمايدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن باشقا، ئۇنىڭ يولىدىن باشقا ھېچكىم جەننەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئەلچىلەر ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىكتۇر، ۋە ئۇنىڭ قەۋمى قەۋملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتى شەرىئەتلەرنىڭ ئەڭ كامىلىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «كىمىكى ئىسلامدىن باشقا دىننى ئىزدەيدىكەن، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئادەم ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ» [ئال ئىمران سۈرىسى:85]. پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «جىنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ مىللەتتىن، يەھۇدىي ياكى خىرىستىياندىن، ھېچكىم مېنى ئاڭلاپ ئاندىن مەن ئىبىرىلگەن ھەقكە ئىمان ئىتماى ئۆلۈپ كەتسە دۇزاخ ئەھلىدىن بۇلىدۇ» (مۇسلىم:153، ئەھمەد:8609).

3-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ئىنسان بىلەن جىنلارغا ئۇمۇمدۇر، ئاللاھ جىنلارنىڭ سۈزىنى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىمىز! ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار» [ئەھقاف سۈرىسى:31]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «سېنى بىز پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق» [سەبەئ سۈرىسى:28]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلگىركى پەيغەمبەرلەگە ئالتە تۇرلۇك ئىش بىلەن پەزىلەتلىك قىلىندىم. ماڭا كۆپ مەنالىق سۆزلەر بىرىلدى، قورقۇتۇش بىلەن ياردەم بىرىلدىم، غەنىيمەتلەر مەن ئۈچۈن ھالال قىلىندى، زىمىن مەن ئۈچۈن پاكىز ۋە مەسچىت قىلىندى، مەن بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئەۋەتىلدىم، پەيغەمبەرلىك مەن بىلەن پېچەتلەندى» (بۇخارى:2815، مۇسلىم:523).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئائلە تاۋابىئاتلىرى

ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەر ئەۋەتسە، ئونىڭ ھەمراھلىرى ۋە ياردەمچىلىرى ئەگەش كۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بۇلغان، ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ئۇممىتىنىڭ ئەڭ ياخشى زامانداشلىرى بۇلغان. ئۇلار پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەردىن كېيىن، دىننى كىشىلەرگە خاتالقتىن خالى سۈزۈك ھالەتتە يەتكۈزۈشنى مەسئۇلىتىگە ئىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئوزنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھەمراھلىقىغا، پەيغەمبەر ئەلچىلەر دىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇلۇشقا تاللىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: «ئوممىتىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەن پەيغەمبەر بۇلۇپ ئىبىرىلگەندە ماڭا زامانداش بولغانلار، ئاندىن ئولاردىن كىيىنكىلەر» (مۇسلىم:2534)

ساھابىنىڭ ئىنىقلىمىسى

ساھابە دىگەن پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمان ھالدا ئۇچرىشىپ شۇھالدا ۋاپات بۇلغان. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن دىندىن يېنىۋالمىغان كىشىدۇر.

ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىمىز ھەدىسىنىڭ بىرقانچە يەرلىرىدە ساھابىلەرنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئۇلارغا مەدھيە كەلدى. ئونىڭ جۈملىسىدىن:

١
ئاللاھ تائالا ساھابىكراملارنى مەدھىلىدى ۋە ئولاردىن رازى بۇلدى، ۋە ئولارغا جەننەت بىلەن بىشارەت بەردى. ئاللاھ ئېيتقاندەك: «ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ئۇلارغا مۇكەممەل رەۋىشتە ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ كاتتا ئۇتۇقتۇر» [تەۋبە سۈرىسى:100]
٢
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولارنى تامام ئوممەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىلار دەپ مەدھىلىدى، ئۇلار بۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدۇر. ئابدۇللاھ بىن مسئۇد تىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «ئوممىتىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەن پەيغەمبەر بۇلۇپ ئىبىرىلگەندە ماڭا زامانداش بولغانلار، ئاندىن ئولاردىن كىيىنكىلەر» (بۇخارى:2652، مۇسلىم:2533).
٣
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولارنىڭ ئەجر ئەمەللىرى قاتمۇقات بۇلىدىغانلىقىدىن خەبەر بەردى. ئەبۇ سەئىدىلخۇدرىدىن مۇنداق رۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىنىڭ ساھابىلىرىمنى تىللىماڭلار. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئوھود تېغىدەك ئالتۇن خەرىچ قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ 18 لىتىر كەلگۈدەك بىر كەمچىنىگە بەلكى ئونىڭ يىرىمىغىمۇ كەلگۇدەك بىرنەرسە خەرىچ قىلمىغان بۇلىدۇ» (بۇخارى:3673).

ساھابىلار ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلە تاۋابئاتلىرىگە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار.

مۇسۇلماننىڭ ئۇستىگە ساھابىلار ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلە تاۋابئاتلىرىگە قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە تۇرلۇك ئىشلار ۋاجىپتۇر.

1- ئۇلارنى ياخشى كۇرۇش ۋە ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئاقىلىش.

ئاللاھ مەككىدىن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ ئۇزىنىڭ دىنىنى ساقلاپ ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ مەدىنىگە كۆچۈپ كەلگەن مۇھاجىرلارنى ماختىدى. ئۇنىڭدىن كېىن مەدىنە خەلقى بولغان ئەنسارلارنى مەدھىيىلىدى، ئولار قېرىنداشلىرىنى قوللاپ قۇلىدىكى مال- مۇلۇكنى ئۇلار بىلەن ئورتاق قۇللانغان. بەلكى ئۇلار مۇھاجىر قېرىنداشلىرىنى ئۆزىدىن چارە كۆرگەن. ئاندىن ئۇ قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەنلەرگە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە ئورنىنى بىلىدىغان، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قەلبىدە ئۆچمەنلىكى يۇق كىشىلەرنى ماختىدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى يۇرت- ماكانلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال- مۈلۈكىدىن ئايرىلغان، ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى ئىزدەپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدىغان يوقسۇل مۇھاجىرلارنىڭ ھەققىدۇر. ئەنە شۇلار (ئىمانىدا) راستچىل كىشىلەردۇر. ئۇلاردىن ئىلگىرى مەدىنىگە يەرلەشكەنلەر ۋە قەلبىگە ئىمان ئورنىغانلار ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن (مۇھاجىر) لارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ۋە ئۆزلىرى موھتاج تۇرۇقلۇق (ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى) ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىدۇ. ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار- ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: ئى رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، ئى رەببىمىز! شەكسىزكى، سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن» دەيدۇ» [ھەشر سۈرىسى:8-10].

2- ساھابىلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بۇلسون دىش

مۇسۇلمان قاچانىكى ساھابىلەردىن بىرىنى تىلغا ئالسا. ئاللاھ ئۇكىشىدىن رازى بۇلسۇن دىش كىرەك. ئاللاھ تائالا ئولاردىن رازى بۇلغانلىقىدىن، ۋە ئەمەل تائەتلىرىنى قۇبۇل قىلغان تۇغۇرلۇق خەۋەر بەردى. ئولارمۇ ئاللاھنىڭ بەرگەن دىنى ۋە دۇنياۋى نىئمەتلىرىگە رازى بۇلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ۋە ئۇلارغا مۇكەممەل رەۋىشتە ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ كاتتا ئۇتۇقلۇقتۇر» [تەۋبە سۈرىسى:100].

ساھابىلارنىڭ مەرتىۋىسى

1-رەسۇلۇللاھنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەر دۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى تۆت خەلىپە، ئۇلار تەرتىپ بويىچە: ئەبۇ بەكرى ئەل سىددىق، ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب، ئوسمان بىن ئەففان، ۋە ئەلى بىن ئەبى تالىبلار، ئاللاھ ھەممەيلەندىن رازى بولسۇن.

2- رەسۇلۇللاھنىڭ ھەمراھلىرى، ئۇلار خاتالىقتىن خالىي ئىنسانلار ئەمەس. ئولاردا خاتالىق كۇرۇلۇدۇ، ئەمما خاتالىقى باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ئاز، ئۇلارنىڭ تۇغرا ئىشلىرى، باشقىلارنىڭ تۇغرا ئىشلىرىدىن كۆپ. ئاللاھ تائالا ئولارنى پەيغەمبىرىنىڭ سۆھبىتىگە تاللىدى. مۇشۇ دىننى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: «ئوممىتىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەن پەيغەمبەر بۇلۇپ ئىبىرىلگەندە ماڭا زامانداش بولغانلار، ئاندىن ئولاردىن كىيىنكىلەر» (مۇسلىم:2534)

3-بىز بارلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ساھابىلەرگە ئادالەتلىك ۋە ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بىرىمىز، ھەمدە ئۇلارنى پەزىلەتلىرى بىلەن ئەسلەيمىز، ھەمدە ئۇلاردىن يۈز بەرگەن خاتالىقلارغا ياكى توغرا ئىشلارغا زىت بولغان چۈشەندۈرۈشلەرگە ئارىلاشمايمىز. ئولاردا بۇنى بەسىپ چۇشىدىغان راستچىل ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: ««مىنىڭ ساھابىلىرىمنى تىللىماڭلار. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئوھود تېغىدەك ئالتۇن خەرىچ قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ 18 لىتىر كەلگۈدەك بىر كەمچىنىگە بەلكى ئونىڭ يىرىمىغىمۇ كەلگۇدەك بىرنەرسە خەرىچ قىلمىغان بۇلىدۇ» (بۇخارى:3673).

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى. ئۇلار: ئاياللىرى، بالىلىرى ۋە نەۋرە تۇغقانلىرى: ئەلىنىڭ ئائىلىسى، ئەقىلنىڭ ئائىلىسى، جەئفەرنىڭ ئائىلىسى، ئابباسنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەنلەر، ئەلى بىن ئەبى تالىب ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە، ئوغۇللىرى: جەننەتتىكى ياشلارنىڭ سەردارى بولغان ھەسەن ۋە ھۈسەيىن لەرگە ئۇخشاش. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىدۇر. خۇۋەيلىدنىڭ قىزى خەدىجە، ۋە ئايشە سىددىقغە ئوخشاش، ئاللاھ ھەممەيلەندىن رازى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ھەققىدە ئۇلارنى ئەڭ ياخشى ئەخلاققا يېتەكلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئى پەيغەمبەر ئائىلىسدىكىلەر ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى، ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ» [ئەھزاب سۈرىسى:33].

ئال بەيتنى سۈيەش

مۇسۇلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابئاتلىرىنى ۋە سۇننىتىگە ئەگەشكۇچىلەرنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تاپىلاپ كۈڭۈل بۇلگەنلىكىدىن، تەۋسىيگە ئەمەل قىلىپ ئۇلارنى ياخشى كۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى مىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم ھەققىدە ئەسلىتىمەن! سىلەرنى مىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم ھەققىدە ئەسلىتىمەن! سىلەرنى مىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم ھەققىدە ئەسلىتىمەن!» (مۇسلىم:2408). شەپقەتلىك داد ئۇزىنىڭ باللىرى ھەققىدە تاپىلىغاندەك

مۇسۇلمان بۇ ئىككى تۇرلۇك گۇرۇھتىن ئادا جودادۇر.

١
بىرتۇركۈم كىشلە ئال بەيت ھەققىدە مۇبالىغەلاشتۈرۈپ، ئۇلارنى مۇقەددەسلىك دەرىجىسىگە كۆتۈردۇ.
٢
بىر تۇركۈم كىشلەر ئۇلار ھەققىدە ئەدەپ سىزلىك قىلىپ. ئۇلارنى يامان كۇرۇپ دۇشمەنلىشىدۇ.

ئاھل بەيت خاتالىقتىن خالى ئەمەس

ئەھل بەيت باشقا كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانمو بار. ۋە كاپىر مو بار، ياخشىسىمۇ بار، ۋە گۇناھكارلىرىمو بار. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىتائەتمەنلەرنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەجرىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئۇقۇبەتكە يۇلۇقىشىدىن قورقىمىز، ۋە ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى تىلەيمىز. ئال بەيتنىڭ پەزىلىتى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالدا پەزىلەتلىك دەپ قاراشتىن دىرەك بەرمەيدۇ، ھەمدە ئۇلارنى مۇتلەق ھەممە ئادەمدىن ئەۋزەل دېيىلمەيدۇ. چۈنكى كىشىلەر نۇرغۇن ئىتىبارلارغا ئاساسەن پەرىقلىق بۇلىدو، بەزىدە ئولاردىن ئەمەس كىشلەر ئولاردىن ئەپزەل ۋە ئولوق بولىدو.

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ