ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :ناماز

دەرس نامازنىڭ مەنىسى ۋە پەزىلىتى

تەسۋىرلەش. ناماز ئىسلام دىنىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇ مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم تۈۋرۈكدۇر. بۇ بۆلۈمدە نامازنىڭ مەنىسىنى، ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ۋە پەزىلىتىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

نىشان: 

  • نامازنىڭ مەنىسىنى بىلىش.
  • نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى بىلىش.
  • نامازنىڭ پەزىلىتىنى ۋە مۇھىملىقىنى بىلىش.

نامازنىڭ ئەسلى مەنىسى

ناماز لۇغەتتە: دۇئا قىلماق دېگەن بۇلۇپ، بەندىنى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىغا باغلايدىغان ئىبادەتتۇر، شۇ جەھەتتىن ناماز بەندىچىلىكنىڭ ۋە ئاللاھقا يىلىنىشنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياردەم سۇراشنىڭ ئەڭ يۇقرى سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن بەندە ئاللاھ تائالاغا شۇ دەرىجىدە دۇئا ۋە مۇناجات قىلىپ ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن رۇيى ساپلىشىپ، ئۈزىنىڭ ۋە ئۈزى ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ھەقىقىتىگە يىتىپ، ئىگىسىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ۋە بېغىشلىغان رەھمىتىنى ھىس قىلىدۇ. ئاشۇ چاغدا بۇ ناماز ئۇ بەندىنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ئۈستىدە دۇرۇس تۇرۇشقا، ۋە زۇلۇم ۋە قەبىھ ئىشلاردىن ۋە مەئسىيەتتىن يېراق تۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈدۇ. ئاللاھ ئېتقاندەك: «شۈبھىسىزكى ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گوناھ ئىشلاردىن چەكلەيدۇ» [ئەنكەبۇت سۈرىسى: 45]

نامازنىڭ ئورنى

ناماز جىسمانىي ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ مۇھىمى بولۇپ، ئۇ قەلب ۋە ئەقىل ۋە تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپلىق ئىبادەتتۇر. ئونىڭ مۇھىملىقى نۇرغۇن ئىشلاردا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

1-ئۇ ئىسلامنىڭ ئىككىنچى تۈۋرۈكى دۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىتقاندەك: «ئىسلام بەش پەرز ئۈستىگە قۇرۇلغان: بىرىنچى: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ ئىتىقاد قىلىش، ئىككىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئۈچىنچى: نامازنى تۇلۇق ئادا قىلىش...» (بۇخارى رىۋايتى:8، مۇسلىم رىۋايتى:16)، قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى ئۇ تايىنىدىغان ۋە ئۇنىڭسىز تۇرالمايدىغان ئۇلى ۋە تۇۋرىكىدۇر.

2-ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىگەندەك: «مۇسۇلمان بىلەن شرىك، ۋە كۇپرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق ئىپادلىنىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى82). ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدە ناماز دۇر، كىم ئۇنى تەرىك ئەتسە كاپىر بولىدۇ» (تىرمىزى رىۋايتى:2621، نەسائى رىۋايتى:463).

3-ئۇلۇغ ئاللاھ نامازنى ھەر قانداق ئەھۋالدا مەيلى سەپەردە مەيلى ئۆيدە، تىنچلىق ۋە ئۇرۇش، ساغلاملىق ۋە كېسەللىك ھالەت لەردە، ئىمكان قەدەر ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەى ئادا قىلىشقا بۇيرۇدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ئى مۇئمىنلەر! «ناماز لارغا ئەھمىيەت بىرىڭلار» [بەقەرسۈرىسى:238]. يەنە ئۇ مۇئمىن بەندىلىرىنى مۇنداق سۈپەتلىدى «ئولار نامازنى ۋاقتىدا تەدىل ئەركانلىرى بىلەن ئادا قىلغۇچىلاردۇر» [مۇئمىنۇن سۈرىسى:9]

نامازنىڭ پەزىلەتلىرى:

نامازنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە قۇرئان ۋە سۈننەتتىن نۇرغۇن دەلىللەر كەلدى، ئۇلار تۇۋەندىكىچە:

1-ناماز گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىگەندەك: «ئەگەر بىر ئىنسان چوڭ گۇناھلارنى قىلمىغانلا بولسا، بەش ۋاخ ناماز، نامازدىن نامازغىچە بولغان ئارلىقتىكى كىچىك گۇناھلارنى، ۋە جۈمە نامىزى بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە ئارىلىقتا بولغان كىچىك گۇناھلارنى، رۇزا بىر رامزاندىن يەنە بىر رامزانغىچە بولغان ئارلىقتىكى كىچىك گوناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ» (مۇسلىم:233-تىرمىزى:214).

2. ئۇ مۇسۇلمانغا ئۆمۈر بويى پارلاق نۇر بولۇپ، ئۇنى ياخشىلىققا ئۈندەپ يامانلىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىتقاندەك: «ھەقىقەتەن ناماز قەبىھ ۋە گوناھ ئىشلاردىن تۇسۇدۇ) (ئەنكەبۇت سۈرىسى:45) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ناماز (مۇسۇلمانغا) نۇر» دىگەن: (مۇسلىم 223).

3- ئۇ قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى ھىساپ ئېلىنىدىغان ئەمەلدۇر. ئەگەر ئۇ دۇرۇس بۇلۇپ قۇبۇل قىلىنسا باشقا ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى قۇبۇل قىلىنىدۇ، ئەگەر ئو رەت قىلىنسا، قالغان ئەمەللەر رەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام دىگەندەك: «بەندە قىيامەت كۈنى تۇنجى ھىساپ بىرىدىغان ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر ئۇ ياخشى بولسا قالغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇڭىشلىق بۇلىدۇ. ئەگەر ئو بۇزۇق بۇلسا قالغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ئىتىبارسىز بۇلىدۇ». (ئەل مۇئجمۇل ئەۋسەت تەبرانى:1859)

ناماز مۇئمىن ئۈچۈن رەببىنى مۇناجات قىلغان ئەڭ ھۇزۇرلۇق پەيتدۇر، شۇڭا ئۇ ناماز ئۇقۇش جەرياندا ئاللاھ بىلەن راھەت ۋە خاتىرجەملىك ۋە ئۇلپەت ھىس قىلىدۇ.

ھەمدە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئەڭ كاتتا ھۇزۇرلىنىشىدۇر. ئو «كۆزۈمنىڭ خۇشاللىقى نامازدا قىلىندى» دېگەندەك. (نەسائىي رىۋايتى:3940).

ناماز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا راھەتتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام نامازغا چاقىرغۇچى مەزىنى بىلال رەزىيەللاھۇئەنھۇغا، «ئى بىلال بىزنى ناماز بىلەن راھەتلەندۇرگىن» دەيتتى (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:4985).

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىرەر ئىش قايغۇغا سالسا، ياكى ئۇئىش مەشغۇل قىلىپ قۇيسا. نامازغا يىلىنەتتى» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى:1319).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ