ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

كىرىشكە تىزىملاتمىدىڭىز
ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئىلگىرىلىشىڭىزگە ئەگىشىش ۋە نومۇر توپلاش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر Ta مۇنبىرىگە تىزىملىتىڭ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېمىلىرىڭىزدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە تاپشۇرۇۋالىسىز.

نۆۋەتتىكى بۆلەك :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام

دەرس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىگى

ئاللاھ تائالا ئەلچىلەرنى چۇڭقۇر ھېكمەت بىلەن ئەۋەتتى ۋە ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، ۋە ئۇنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قىلدى. بۇ دەرسلىكتە سىز بۇ ھېكمەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى، ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى تۇنۇپ چىقىسىز.

نىشان: 

  • پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ ھېكمەتلىرىنى بىلىش.
  • پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈنلىكىنى ھېس قىلىش.
  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى بەزى ھوقۇقلىرىنى بىلىش.

ئىنسانىيەتنىڭ ئەلچىلەرگە ئېھتىياج بۇلىشى.

ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇنىڭ ھەر بىر ئۇممەتكە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتىشكە تەقەززا قىلدى، ئۇئەلچىلەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەھۋالىنىڭ ياخشى بۇلىشى ئۈچۈن نازىل قىلغان دىن ۋە ھىدايەتنى ئايدۇڭلاشتۇرۇپ بىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «قانداقلا بىر ئۈممەت بولسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن» [فاتىر سۈرىسى:24]

دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەت ۋە ياخشىلىقىغا پەقەت پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇلى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. پاك بىلەن ناپاكنى تەپسىلى بىلىشكە ئۇلار تەرىپىدىن باشقا يول يوقتۇر، ئاللاھنىڭ رازىلىقى پەقەت ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ، ياخشى ئەمەللەر ۋە سۆزلەر ۋە ئەخلاقلار ئۇلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىدىندۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچى دەپ ئىشىنىش.

بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئۇ ئەۋۋەلقى ۋە ئاخىرقىلارنىڭ سەردارى، ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر يوقتۇر. ئۇ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۇپ ئامانەتنى ئادا قىلدى، ئۈممەتنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە يىتەكلىدى، ۋە ئاللاھ يۇلىدا كۈرەش قىلىش لايىقىدا كۈرەش قىلدى.

ئاللاھ تائالا «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» [فەتىھ سۈرىسى:29] دېدى.

بىز ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنىشىمىز، ۋە بۇيرۇغانلىرىغا بويسۇنۇشىمىز، ۋە چەكلىگەنلىرىدىن يىراق تۇرۇشىمىز، ۋە ئۇنىڭ سۈننىتى بۇيىچە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىمىز ۋاجىپتۇر.

ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسىدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر يوقتۇر، ئۇنىڭ ئەلچىلىكى ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىنىڭ خۇلاسىسىدۇر، ۋە ئۇنىڭ دىنى بارلىق دىنلارنىڭ ئاخىرقىسىدۇر.

ئاللاھ تائالا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچقايسىڭلارنىڭ ئاتىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى» دېدى [ئەھزاب سۈرىسى:40].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ مىسالى بىر ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، ئۇنى سېلىپ چىرايلىق بېزەپ، پەقەت بىر بۇلۇڭدا بىر خىشلىق يەرنى بوش قۇيغان، كىشىلەر ئۇنى ئايلىنىپ ئەجەپلىنىپ ئۇنىڭغا مۇشۇ يەرگە بىر قىش قۇيۇلۇپ كەتسە بولماسمىدى؟ دېيىشكەن، شۇ قىش مەن، مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى» دېدى: (بۇخارى رىۋايتى:3535).

ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر نىڭ ئەڭ ئەۋزىلى

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەلى دۇر، بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پۈتكۈل مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ئەۋزەلى ۋە ھەممىسىدىن مەتىۋىسى ئەڭ يۇقرىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقرى كۆتەردى، ئۇ مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئېسىلى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ يۈز ئابرۇيلىقى دۇر. ئاللاھ مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! «ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان پەزلى ئۇلۇغدۇر» [نىسا سۈرىسى:113]. ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد «بىز سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق» [شەرھ سۈرىسى: 4].

ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ سەردارىدۇر، قىيامەت كۈنى تۇنجى بۇلۇپ قەبرىسى ئېچىلىدۇ، تۇنجى بولۇپ شاپائەت قىلىدۇ، ۋە تۇنجى بولۇپ شاپائىتى قۇبۇل قىلىنىدۇ، قىيامەت كۈنى مەدھىيە بايرىقى ئۇنىڭ قولىدا بۇلىدۇ، پىل سىراتتىن بىرىنچى بولۇپ ئۈتىدۇ، جەننەتنىڭ ئىشىكىنى بىرىنچى بۇلۇپ چىكىدۇ، ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا كىرىدۇ.

پۈتۈن ئالەملەرگە رھمەتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دۇنياغا رەھمەت سۈپىتىدە ئەۋەتتى، ئۇنىڭ ئەلچىلىگى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە جىنلار گۇرۇھىغا ئومۇم بولدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «بىز سېنى پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق» [ئەنبىيا سۈرىسى:107].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى توغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېنى پۈتۈن ئنسانلار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق»[سەبە سۈرىسى: 28]. ئۇ يەنە: ئى مۇھەممەد! «ئىنسانلارغا مەن سېلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى مەن دېگىن» دەيدۇ. [ئەئراف سۈرىسى:158]

ئاللاھ تائالا ئۇنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئۇلارنى كاپىرلىق ۋە نادانلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن، بىلىم ۋە ئىمان ۋە تەۋھىدنىڭ نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازلىقىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ جازاسى ۋە غەزىپىدىن قۇتۇلىدۇ.

ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەر لەرنىڭ ئەلچىلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن باشقا ھېچكىمنىڭ دىننى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇنىڭ يولىدىن باشقا ھېچكىم جەننەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئۇ ئەلچىلەر ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىك، ۋە ئۇممىتى ئۇممەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتى ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «كىمكى ئىسلامدىن باشقا دىننى ئىزدەيدىكەن، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلار قاتارىدا بولىدۇ» [ئالى ئىمران سۈرىسى:85].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مۇھەممەد جېنى ئىلىكىدى بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ ئۇممەتتىن بىركىشى: يەھۇدلاردىن بولسۇن ياكى خىرىستيانلاردىن بولسۇن، مەن ئېلىپ كەلگەن 'دىننى' ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىغا ئىشەنمەي ئۈلۈپ كەتسە، ئۇ دۇزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ» (مۇسلىم رىۋايتى:153).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىنى ئايان قىلىدىغان مۆجىزىلىرى ئىچىدە:

ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆزنى چاقنىتىدىغان مۆجىزىلەر ۋە كۆرۈنەرلىك ئالامەتلەر بىلەن قوللىدى، ئۇنىڭدا پەيغەمبەرلىكىنىڭ ۋە ئەلچىلىكنىڭ راستچىلىقىنى ئايان قىلىدىغان گۇۋاھلىق باردۇر. ئۇ مۆجىزىلەر ئىچىدە:

قۇرئان كەرىم

پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بېرىلگەن مۆجىزەلەرنىڭ ئەڭ چوڭى روھ بىلەن ئەقىلگە خىتاب قىلىدىغان ئۇلۇغ قۇرئان بولۇپ، ئۇ قىيامەتكىچە ساقلىنىدىغان مەڭگۈلۈك مۆجىزەدۇر. ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىش يۈزبەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تىلىدا ۋە ئۇسلۇبىدا ۋە قانۇن-تۈزۈملىرىدە ۋە خەۋەرلىرىدە مۆجىزەدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئېيتقىنكى: ئەگەر ئىنسانلار ۋە جىنلار بۇ قۇرئانغا ئوخشاش بىر قۇرئان تۈزۈشكە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇلار بىر -بىرىگە قانچىلىك ھەمكارلاشسىمۇ ئۇنىڭ ئۇخشىشىنى ھەرگىزمۇ تۈزەلمەيدۇ» [ئسرا سۈرىسى:88]

ئاينىڭ پارچىلنىشى

ئاللاھ تائالا ئېتتى: «قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى، مۇشرىكلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى كۆرستىدىغان) بىرەر دەلىل پاكىتنى كۆرسىلا، (ئۇنىڭغا ئىمان ئېتىشتىن باش تارتىپ) بۇ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان سېھىردۇر» دېيىشىدۇ.[قەمەر سۈرىسى:1-2] بۇ پارچىلىنىش پەيغەمبەر ئەلەھىسسالامنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن بۇلۇپ، بۇنى قۇرەيشلەر ۋە باشقىلار مۇ كۆرگەن.

ئۇنىڭ قولىدا يېمەكنىڭ زىيادە بۇلىشى.

ئۇزات بىلەن بىللە بولغان كىشىلەر ئالدىدىكى تاماقتىن يەپ يەنە ئۇنىڭدىن ئېشىپ قېلىشى، سەمرە بىن جۇندۇبتىن كەلگەن رىۋايەتتە مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىكى چېغىمىزدا، ئالدىغا بىر قاچا نان چىلانغان شۇرپا كەلتۈرۈلدى، ئۇ زات ئۇنىڭدىن يېدى، ۋە كىشىلەرمۇ يېدى، كىشىلەر ئۇنى پىشىن نامىزىغا قەدەر ئارىسىدا يېشتى، بىر توپ كىشىلەر يەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، ئارقىدىن باشقىلار ئۈلۈشۇپ كىلىشتى» (مۇسند ئەھمەد:20135)

ئۇ زاتنىڭ غەيپ ئىشلاردىن خەۋەر بىرىشى.

ئاندىن ئۇ زاتنىڭ دېگىنىدەك بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئۇ زات خەبەرگەننىڭ نۇرغۇنلىرى يۈز بەردى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەبەر بەرگەن ئىشلارنىڭ داۋاملىق يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.

ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ بەدىردە ئۆلتۈرلۈنگەن مۇشرىكلار توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇكىشى مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە بەدىردە ئۆلتۈرلىنىدىغانلارنىڭ يېقىلىدىغان يەرلىرىنى تېخى تۈنۈگۈن كۆرسىتىپ دەۋاتقان ئىدى: «ماۋۇ ئاللاھ خالىسا، ئەتە- پالاننىڭ يېقىلىدىغان يېرى» راۋى ئېتتىكى: ئۆمەر مۇنداق دېدى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەرھەق پەيغەمبەر لىك بىلەن ئىبەرگەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەلگىلىگەن يەردىن ئېغىپ كەتمىدى» (مۇسلىم رىۋايتى:2873)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھوقۇقلىرى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھوقۇقى نۇرغۇن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە:

1. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان ئېتىش ﷺ

ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە ئەلچىلكىگە ئىشىنىش، ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىكى ئىلگىرىكى ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەممىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا ئىشىنىش.

2. ئۇنىڭغا ئىشىنىش ﷺ

ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنىش، ۋە بۇيرۇغانلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىگەن ۋە توسقان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش، ئۇ كۆرسەتكەن يولدىن باشقا يۇلدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلماسلىق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر سىلەرگە نېمەگە بۇيرۇق بەرسە ئۇنى قىلىڭلار، ئۇ سېلەرنى نېمىنىدىن چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار» دېدى [ھەشىر سۈرىسى:7].

3. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلىش

بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھۆكۆملەرنى قوبۇل قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىمىز، ۋە ئۇنىڭ يۇلىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاش ئورنىدا قويشىمىز ۋاجىپتۇر، ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «سىنىڭ رەببىڭ بىلەن قەسەمكى ئۇلار ئارىسىدا كۆرەلگەن دەتالاشقا سەندىن ھۆكۆم سۇراپ، ئاندىن بەرگەن ھۆكمىڭگە ئىچىلىرىدە ھېچ غۇم ھىس قىلماي پۈتۈنلەي قۇبۇل قىلمىغۇچە ھەرگىزمۇ مۇئمىن بۇلالمايدۇ» [نىسا سۈرىسى:65]

4. ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىش ﷺ

بىز ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماسلىق: پىتنەنىڭ ۋە ئېزىپ كىتىشنىڭ ۋە قاتتىق ئازابنىڭ سەۋەبىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار، ئۆزلىرىگە بىر پىتنە ياكى قاتتىق ئازاپ يىتىشتىن ئاگاھ بولسۇن» [نۇر سۈرىسى:63]

5-ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ مۇھەببىتىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش.

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتىنى: جان، دادا، بالا ۋە باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز ۋاجىپتۇر، ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مەن سىلەرنىڭ بېرىڭلارغا ئۇنىڭ دادىسى، بالىسى ۋە بارلىق كىشىلەردىن سۆيۈملۈك بولمىغۇچە ئۇنىڭ ئىمانى مۇكەممەل بۇلمايدۇ» (بۇخارى رىۋايتى:15) ئۆمەر ئىبنۇل خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلە ماڭا ئۆزۆمدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن سۆيۈملۈك دېۋېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ياق، جېنىم ئىلىكىدە بۇلغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ساڭا ئۆزەڭدىنمۇ سۆيۈملۈك بولمىغۇچە (ئىمانىڭ كامىل) بولمايدۇ» دېدى: ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ سىلە ماڭا ھازىر ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۆزەمدىنمۇ سۆيۈملۈك دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەمدى توغرا بولدى ئۆمەر» دېدى. (بۇخارى رىۋايتى:6632)

6-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئىشىنىش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈپ، ئۈممەتكە نەسىھەت قىلىپ ئامانەتنى ئادا قىلغانلىقىغا ئىمان ئېتىشنىڭ ۋاجىپلىغى. چۈنكى ئۇزات قانداق بىر ياخشىلىق بولسا ئۇنىڭغا باشلاپ قىزىقتۇردى، ۋە قانداق بىر يامانلىق بولسا ئۇنىڭدىن چەكلەپ ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ تائالا ئېتتى: «بۈگۈن مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى مۇكەممەللەشتۈردۈم، ۋە سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بۇلۇشقا رازى بولدۇم» دېدى. [مائىدە سۈرىسى:3]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۆزگەنلىكىگە ساھابىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىلىشىدا خوشلىشىش ھەجدە ئۇلارغا خىتاب قىلغاندا گۇۋاھلىق بەردى. جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر مەن توغرۇلۇق سورالماقتا، ئۇنداقتا نېمە دەيسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: بىز سىلىنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈپ، ۋە ئامانەتنى ئادا قىلىپ، ئۈممەتكە نەسىھەت قىلغانلقلىرىغا گۇھاھلىق بېرىمز دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئۇنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ كىشىلەرگە كۆرسەتتى: «ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېدى» (مۇسلىم رىۋايتى:1218).

دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدىڭىز


سىناقنى باشلاڭ